شۆلگەيدىن توك ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ

بالىلارنىڭ كۈنلۈك تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شۆلگىيى ئېقىپ قېلىش ۋە ئىشتىغا سىيىپ قويۇش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان بىر ئىش. ئادەم چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ، بەزىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ياستۇقىنىڭ شۆلگەي بىلەن يۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۆلگەي كىشىگە ئانچە ياخشى تەسىر بەرمىگەچكە ھەمدە بەدەندە ساقلىنىش مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا. جامائەتچىلىكنىڭ ۋە ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماي كەلگەن. ئەمەلىيەتتە شۆلگەيمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىنىرگىيە ھېسابلىنىدۇ.
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈندە شۆلگەي بەلكىم كىچىك تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن توك ئىشلەپچىقىرىپ بېرەلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇندىن باشقا شۆلگەي شامال ۋە سۇ دولقۇنى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى قايتا پەيدا بولىدىغان ئېنىرگىيىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شۆلگەي تېخىمۇ ئاسان يىغقىلى بولىدىغان ۋە كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان ئېنىرگىيە ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2014-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا پىنسىلوۋانىيە شېتاتى ئونىۋېرسىتېتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئابدۇللا پادىشاھ ئونىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەتقىقات تۈر خىزمىتىنىڭ خادىملىرى شۆلگەيدىن توك ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىنچىلىكىنى جاكارلىغان.