خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئامېرىكا كېيىنكى ئەۋلاد ئالەم كېمىسىنى ياساپ چىقتى، يىل ئاخىرىدا ئۇچۇرۇپ سىناق قىل

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2014-06-14 13:24


ئامېرىكا كېيىنكى ئەۋلاد ئالەم كېمىسىنى ياساپ چىقتى، يىل ئاخىرىدا ئۇچۇرۇپ سىناق قىلىنىدۇ
ئامېرىكا كېيىنكى ئەۋلاد ئالەم كېمىسىنى ياساپ چىقتى، يىل ئاخىرىدا ئۇچۇرۇپ سىناق قىلىنىدۇ
 
 

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 10-ئىيۇن ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كېنېدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدە ، كېيىنكى ئەۋلاد ئالەم كېمىسى ‹‹ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ›› نىڭ رەسىمىنى ئاشكارىلىغان .

  خەۋەر قىلىنىشىچە ، ‹‹ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ›› يەر شارى بىلەن مارس ياكى كىچىك سەييارىلەر ئارىسىدا ئادەملىك ئۇچۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئالەم كېمىسى بولۇپ ، تۆت خىزمەتچى خادىمنى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن . بۇ ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ تاشقى قېپى 2000 گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ ياسالغان .

  ‹‹ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ›› ناملىق ئالەم كېمىسى 12-ئايدا كېنېدى ئالەم مەركىزىدە تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز سىناق قىلىنىدىكەن . ئۇنىڭ ئوربىتىسىنىڭ ئېگىزلىكى يەر شارى يۈزىدىن 5800 كىلومېتىر ئېگىز بولۇپ ، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى ئېگىزلىكىنىڭ 15 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن . ئۇ يەر شارىنى ئىككى ھەپتە ئايلانغاندىن كېيىن ، سېكۇنتىغا توققۇز كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا يەر شارىغا قايتىپ كېلىدىكەن . ئالەم كېمىسى تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىلگەندە ئىنژېنېرلار ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ، ئۇچۇشى ، ئاتموسفېرا قاتلىمىغا قايتىشى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا بىخەتەر ھالدا قونۇشى قاتارلىق پۈتۈن جەرياندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى قىممەتلىك ماتېرىيال سۈپىتىدە خاتىرىلەيدىكەن . مۆلچەرلىنىشىچە ، 2020-يىل ئەتراپىدا ‹‹ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ›› ناملىق ئالەم كېمىسى تۇنجى قېتىم ئادەملىك ئۇچۇشقا رىقابەت ئېلان قىلىدىكەن .

   ئىگىلىنىشىچە ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالەم ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەممىسى 2010-يىلى ۋەزىپىسىدىن چېكىندۈرۈلگەن بولۇپ ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسى ‹‹ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ›› 2015-يىلدىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەپ ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاي شارىغا قايتىش ۋە مارستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى قايتىدىن ئۈستىگە ئالىدىكەن .

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار