3D تېخنىكىسى قوللىنىلغان بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسىنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كەڭ قوللىنىشىغا تېخى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن، بىراق، ئەگەر سىز بۇ خىل تېخنىكىغا قىزىقسىڭىز، ئۇ ھالدا پەقەت بىر دانە ئەپ دېتالى ئارقىلىق، قولىڭىزدىكى يانفوننى 3D لىق سىكانىرلاش ماشىنىسىغا ئايلاندۇرالايسىز. يېقىندا، چەتئەلدىكى مەلۇم بىر سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئەمەلىي جىسىمنى ئۈچ ئۆلچەملىك سىفىرلىق مودىلغا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يانفون ئەپ دېتالىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ ئەپنى يانفونغا قاچىلاش ئارقىلىق، يانفوننى ھەقىقىي مەنىدىكى ئۈچ ئۆلچەملىك سىكانىرلاش ماشىنىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان بۇ ئەپ يانفون كامېراسى ئارقىلىق جىسىمنىڭ تەسۋىر ۋە ھەرىكەت ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، مۇرەككەپ بولغان ھېسابلاشلار ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتنى ئۈچ ئۆلچەملىك مودىلغا ئايلاندۇرۇپ بىرىدىكەن، باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ ئارقىلىق ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس ماتىرىياللارنى تەمىنلەپ بىرىدىكەن. تۆۋەندىكى ۋىدىيو ئارقىلىق بۇ ئەپنىڭ مەشغۇلات يۈزىنىڭ ناھايىتى ئاددىي لايىھەلەنگەنلىكى شۇنداقلا ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، مەزكۇر ئەپنى ئوتتۇرىغا چىقارغۇچىلار قانداقتۇر سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۇنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىمىگەن، كىشىلەر بۇنداق يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە ئەپنىڭ چوقۇم ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە، قارىغاندا، بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، يەنە بىر مەزگىل كۈتۈشكە توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]