خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-11-20 16:39



3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى

3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى

بەئەينى ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان رەڭلىك ئىستىرىئو ھەيكەل ، ئىچكى قىسمى ئىنتايىن نەپىس بېزەلگەن ئۇچار تەخسە ، مۇرەككەپ ھەم ناھايىتى ئىنچىكە لايىھەلەنگەن تەشمە نۇسخىلىق لوڭقا ، راستتەكلا نۇسخىلاپ چىقىرىلغان مۇكەممەل نۇسخىدىكى ئېففېل تۆمۈر مۇنارى ... 11-نويابىر ، كىشىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹سىرۈيدې›› ئۈچ ئۆلچەملىك ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدا ئەسلىدىكىگە ئوپمۇئوخشاش چىققان بۇ مودېللارنى كۆرگەندە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ ، قايىللىقىنى بىلدۈرۈشتى ، قايسى زېھنى ئۆتكۈر ، قولى گۈل زات بۇ مودېللارنى ئەسلىدىكىگە بۇنچە ئوخشاش ياساپ چىققاندۇ ، دېگەن خىيال بىلەن يېقىن بارغانلار بولسا ، بۇ مودېللارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭمۇ شۇنچە نەپىس ھەم بىرەر تال چاپلىغان ئىزنىڭمۇ يوقلۇقىنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدى .  ‹‹سىرۈيدې ›› ئۈچ ئۆلچەملىك ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتىنىڭ تېخنىكا نازارەتچىسى جاڭ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ دەل 3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى ئېلىپ كەلگەن مۆجىزە . ‹‹3Dلىق نۇسخىلاش ›› نىڭ پەننىي ئىسمى ‹‹ تېز سۈرئەتتە شەكىلگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى ›› بولۇپ ، كومپيۇتېردا لايىھەلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك مودېلنى ئاساس نۇسخا قىلغان ھالدا ، لازىر نۇر دەستىسى ، ئېرىتىپ پۈركۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ، مېتال ئۇۋىقى ، فارفور ئۇۋىقى ۋە PLA كۆممىقوناق كىراخمالى قاتارلىق ئالاھىدە ماتېرىياللارنى قاتلاممۇ قاتلام چاپلاش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ . بۈگۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىنجاڭغىمۇ يېتىپ كەلدى .  ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان 3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى 3-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچىدۇ . ئۇ نۆۋەتتە ، ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى قۇرۇلۇشى ، ھەربىي سانائەت ۋە قورال-ياراغ ، ئاپتوموبىل ، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى، ئېلېكتىرون ساھەسى ، بىئومېدىتسىنا ، چىش ئىلمى ، زىبۇ-زىننەت ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ، ئىستېمال بۇيۇملىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، يېمەكلىك ، قۇرۇلۇش ، مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹12-بەش يىل››لىق پىلان مەزگىلىدە تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ .

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار