ئالما سائىتى» پاتېنتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى شۇنداقلا گۇگل كۆزئەينىكىنىڭ ئامېرىكىدا زاكاز قىلىشنى باشلىشى بىلەن، كىشىلەر يەنە قايتىدىن تاقاپ يۈرىدىغان ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان مۇنازىرىنى باشلىۋەتتى.نۇرغۇنلىغان زاۋۇتلار بۇ خىل تاقاپ يۈرىدىغان ئۈسكۈنىلەر ساھەسىدىكى تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ساھەسىدە، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى iWatch ئاشكارىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئالمىنىڭ كونا رەقىبى بولغان Samsung مۇ بوش كەلمەي Galaxy ALtius ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنى ئاشكارىلاندى. ھازىرغا قەدەر ئالما Samsung، Google، Microsoft ۋە SONY قاتارلىق تېخنىكا كاتتىباشلىرى بۇ ساھەگە باستۇرۇپ كىردى. قارايدىغان بولساق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى تاختا كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوندىن كىيىنكى يەنە بىر قىزىق نۇقتا، تېخنىكا جەڭگاھى بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]