قورساقتىكى ھامىلىنىڭ 3D پىرىنتلىق مودىلىنى بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى
بىرازىلىيىنىڭ سانائەت لايىھىلىگۈچىسى- Dos Santos يېقىندا 3D پىرىنت تېخنىكىسى ھەم ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەسۋىر چۈشۈرۈش تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، دوختۇرلارنى قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ھامىلىنىڭ بىردە بىر نىسبەتلىكتىكى 3D لىق مودىلىنى بېسىپ چىقىرىپ بېرىش ئىمكانىغا ئىگە قىلغان بولۇپ، ئادەتتە ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەسۋىر چۈشۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق قورساقتىكى ھامىلىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كومپىيوتېرغا كىرگۈزۈپ 3D پىرىنتىرىغا يوللاپ بەرسە، قورساقتىكى ھامىلىنىڭ چوڭ كىچىكلىگە ئوخشاش كېلىدىغان 3D لىق مودىلىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ناۋادا ھامىلىنىڭ ئاتا-ئانىسى قورساقتىكى بالىنىڭ 3D پىرىنتلىق مودىلىنى بېسىپ چىقىرىپ، ھامىلىنىڭ قورساقتىكى يېتىلىش جەريانىنى خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويماقچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار 12 ھەپتىلىك بولغان ھامىلىنىڭ 3D لىق مودىلىنى بېسىپ چىقىش ئۈچۈن 200 ئامېرىكا دوللىرى، 24 ھەپتىلىك بولغان ھامىلىنىڭ 3D لىق مودىلىنى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن 300 ئامېرىكا دوللىرى ھەق تۆلىسىلا دوختۇرخانا ئۇلار ئۈچۈن قورساقتىكى ھامىلىنىڭ 3D لىق مودىلىنى بېسىپ چىقىرىپ بېرىدىكەن