قايسى كۈنى تىلۋىزورنى ئىچىپ تۇرۇشىمغا << نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى >> توغرىسىدا سۆھبەت ئىلىپ بىرىۋاتقان ئىكەن،ئەپسۇس مەن ئاخىرلىشاي دىگەندە تىلۋىزۇرنى ئىچىپتىمەن.مەن بۇنداق تىما،سۆھبەتلەرگە تولىمۇ قىزىقاتتىم،شۇڭا بۈگۈن تورغا چىقىپ بۇ ھەقتىكى تىمىلارنى كۆرۈپ،بۇ ھەقتىمۇ ئاز-تولا بىلىمگە ئىگە بولدۇم.شۇڭىلاشقا << نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار >> تىمىسىدىكى بۇ ئىلمى ماقالىنى كەڭ تورداشلاركۆرگەنمۇ ياكى كۆرمىگەنمۇ ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم. تورداشلارغا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالار دىگەن مەقسەتتە << ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى >> تورىدىن كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ يوللاپ قويدۇم.
نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار
نوبېل مۇكاپاتى دۇنيادىكى ناھايتى بىر قىززىق تىما. دۇنيانى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇپ ئۈزىمىزگە نەزەر سالساقمۇ بۇ ئويغۇرلارنىڭمۇ بىر قىززىق تىمىسى. بولۇپمۇ بۇنداق گەپلەرگە مەنمۇ بىر قەدەر قىززىقىدىغان بولغاچقا سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاڭلاپ ھاياجانلىنىپ كىتەتتىم. بۇرۇن كىچىك ۋاقىتلاردا ئۇچۇر مەنبەيىمىز كەمچىل، ئۇچۇرىمىز پەقەتلا ئۇيغۇر رايۇنىدا چىقىدىغان بىر نەچچە گىزىت ژورناللار بىلەن چەكلىنىپ قالغاچقا ”ۋاي پالانچى ئاخۇن نوبىل مۇكاپاتىنى يىقىندا ئالغۇدەك؛ ياپۇندا بىرسى موختەر چوڭ تەلىماتى دەپ تەلىمات ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، نوبىل مۇكاپاتىنى ئېلىشتىن ئۈمىت بەك چوڭ. ئامرىكىدا ئەركىن سىدىق دەپ بىرسى بارمىش، ئامرىكىنىڭ ئاتۇم تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەيدىكەن، ئاتۇم فىزىكىسى ساھەسىدە بەك نۇپۇزلۇقكەن، نۈپۇزلۇق ئالىملار ئەركىننىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى دەپتۇمىش“ دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىساق ھاياجانلىنىپ ”بىزنىڭمۇ ئالىملىرىمىز نوبىل مۇكاپاتى ئالغىلىقوپۇپتۇ“ دەپ ھەممە ئادەمگە سۈزلەپ يۈرەتتۇق. شەخسەن مەن ئۈزەمنى شىنجاڭدا فىزىكىدىنتېخى تۈزۈك ساۋاتلىق ئادەم دەپ قارىمىساممۇ ، لېكىن خەقنىڭ چوڭ بىلىشى ۋە ياكىباشقا بىر سەۋەپلەر بىلەن بىر نەچچە قېتىم ”مەن نوبىل مۇكاپاتى ئالىمەن“ دىگەنلەربىلەن ”ھەمسۈھبەت“تە بولۇپ قالدىم.“ئېغىز تاتىلايدىغان“ مۇخبىرلارمۇ پات -پاتزىرىكىپ قالسا داڭلىق ئەدىپلىرىمىزنى گەپكە سېلىپ ”ئويغۇرلار قاچان ئەدىبياتتىننوبىل مۇكاپاتى ئالىدۇ؟“ دەپ سۇئاللارنى سوراپ ئۇلارنى گەپ قىلغۇزىدۇ. بەزىئەدىپلىرىمىزمۇ ھاياجانلىنىپ كىتىپ ئەخمەقلەرچە گەپلەرنى قىلىپ قالدى. ئىشقىلىپ بۇئىشلارنى دەپ كەلسەم بەك قىززىق. ئەڭ مۇھىمى بۇنداق ئەخمىقانىلىقلار تېخى ھازىرغىچەتۈگىمەۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئادەم نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئىسمىنى بىلسىمۇ لېكىن باشقائىنچىكە ئىشلىرىنى، ئارقا كۈرۈنۈشلىرىنى بىلمىگەچكە قارىغۇلارچە پىكىر قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئويغۇرلاردىكى بىرەر نۇپۇزلۇق ئەرپابلىرىمىز تەپسىلىراق بىر نەرسە يېزىپمەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلغان بۇلسا دەپ خېلى ئۈمىت قىلغان بۇلساممۇ لېكىن ھازىرغىچەھېچكىم بۇنداق نەرسە يېزىپ باقمىدى. شۇڭا پېقىر مۇشۇ ئىشلارنى نەزەردە تۇتۇپ ئاددىبۇلسىمۇ ئۈتكەن ھەپتە بىر نەچچە كۈنلۈك ئاخشاملىق ۋاختىمنى سەرىپ قىلىپ ئۈزەمنىڭبىلىدىغانلىرىم ۋە توردىن توپلىغان ماتىرىياللارنى بىرلەشتۈرۈپ بۇ يازمىنى يېزىپچىقتىم. بۇ تىما ئارقىلىق تورداشلار بۇ مۇكاپاتقا مەلۇم كۈز قاراش تىكلىۋالسا، بۇندىن كىيىن شۇنداق گەپلەرگە دۈچ كەلگەندە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلسادىگەن ئۈمىتتىمەن. بۇيازمىدا ئالدى بىلەن قىسقىچە نوبىل مۇكاپاتى تۇنۇشتۇرلىدۇ، ئۇندىن كىيىن مەلۇمتەھلىللەر قىلنىدۇ، ئاخرىدا مەن ئاڭلىغان ۋە بىز ئويغۇرلار قىززىقىدىغان بىر نەچچەنوقتا مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلنىدۇ. تەھلىللەرگە ئىشلىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارھەممىسى نوبىل مۇكاپاتى كۈمىتىتىنىڭ تور بېتىدىن ئېلىندى. ئۇ يەردە يوقلىرىمۇنۇپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلارنىڭ دوكلاتلىرىدىن ئېلىندى. .1نوبىل مۇكاپاتى تۈغرىسىدا چۈشەنچە نوبىل مۇكاپاتى شىۋىتسىيلىك مەشھۇرئالىم ئالفىرىد نوبىلنىڭ 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىژدا رەسمى ئىمزا قويۇپقالدۇرغان ۋەسيىتىگە ئاساسەن 1901-يىلىدىن تارتىپ رەسمى تارقىتلىشقا باشلىغان. ئۇفىزىكا، خىمىيە ساھەسىدە جىق ئىزدىنىشلارنى ئىلىپ بارغان. بولۇپمۇ پارتلاتقۇچ دوراياساش جەھەتتە زور زىھنىنى سىڭدۇرگەن ۋە شۇ دەۋىردىكى ئەڭ ئىلغار بۇلغان تىخنىكىغائىگە بۇلغان. ئۇ شۇنداقلا تەتقىقات نەتىجىلىرنى بىۋاستە تېخنىكىغا ئايلاندۇرۇپبازارغا سېلىپ ئۇنىڭ كارخانلىرى ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىپ شۇ دەۋىردىكىياۋرۇپادىكى چوڭ، داڭلىق كارخانىچىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان. ئۈمرىنىڭ ئاخىرىدا ۋەسيەتقالدۇرۇپ ئۈمرىدە تاپقان پۇلىنىڭ مۇتلەق كۈپ قىسمىنى بانكىغا قويۇپ ئۇنىڭدىنچىققان ئۈسۈمنى ”ئىنسانىيەتنىڭ تىنىچلىقى، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈھپەقوشقان شەخىسنى تارتۇقلاش“ قا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلغان. نوبىلنىڭ بۇ قارارى ئۈزۋاختىدا پۈتۈن شىۋىتسىيدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان. نۇرغۇنلىغان ئادەم ئىشەنمەيقالغان. ھەتتا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ئورۇق توققانلىرى ئوچۇق ئاشكارا قارشىچىققان. لېكىن ئۇ يەنىلا كەسكىنلىك بىلەن بۇ قارارىدىن ۋاز كەچمىگەن. نوبىلمۇكاپاتى ئەنە شۇنداق بارلىققا كىلىپ 1901-يىلدىن تارتىپ ھەر يىلى بىر قېتىم رەسمىتارقىتلىشقا باشلىغان. 2) نوبىلنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرىنوبىلنىڭ ھاياتىغا قىززىقىدىغان تورداشلار باشقا ماتىرىياللارنى ئاختۇرۇپ كۆرگەي. ئۇلاردا بىز ئۈگىنىشكە تىگىشلىك نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر بار. مەن بەزى ئالاھىدىراقئىشلارنى قسىتۇرۇپ ئۈتىمەن. ئالفىرىدنوبىلنىڭ دادىسى ئىممانۇل نوبىل ئۈز ۋاختىدا سىتوكھولىمدىكى داڭلىق قۇرلۇشئىنژىنىرى ۋە كەشپىياتچى بۇلۇپ سىتوكھۇلىمدا نۇرغۇن كۈۋرۈك ، يول، قۇرلۇش سالغانشۇنداقلا كەسىپ ئىھتىياجى بىلەن ئىشتىن سىرت تاغلارنى، چوڭ قۇرام تاشلارنى پارتلىتىشئۈچۈن پارتلاتقۇچ دورىلارنى تەتقىق قىلىپ دائىم تەجرىبە ئېلىپ باراتتى. ئالفىرىدنوبىل تۇغۇلغان يىلى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىش ئورنىدا چوڭ ھادىسە يۈز بىرىپ، قورلۇشئۆرۈلۈپ چۇشۇپ بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇنىڭ دادىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بۇلغان ۋە تورمۇشھەلەكچىلىكىدە رۇسىيەنىڭ سان پېتىربورگقا بېرىپ بىر مىخانىكا سىخى قۇرۇپ تىزلا چارپادىشا ۋە ئۈنىڭ گىنراللىرىنىڭ كۈزى چۈشكەن ۋە ئۇ يەردە كىمىسازلىق ۋە باشقائۈسكۈنىلەرنى ياساپ روسىيە ئارمىسيىگە سېتىپ ئىقتسادى يەنە جانلانغان ۋە ئالفىرىدنوبىلنى سان پېتېربورگقا ئەكىلىپ شۇ يەردىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى ئائىلەئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس تەربىيلىگەن. 17 ياشقا كىرگەندە ئالفىرىدماتىماتىكا، فىزىكا، خېىمىيە قاتارلىق پەنلەردە كۈچلۇك ئاساس سېلىپ بۇلغان. لېكىنئۇ بۇ نەرسىلەرگە قىززىقماي شىئىر، دىراما يېزىشقا بەكراق قىززىقىپ قالغان. ئۇنىڭدادىسى بالىسىنىڭ ئۈزىنىڭ ئىزىنى بېسىپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىدىغان بولغاچقا ئۇنىيەنە ئۈگىنىپ كىلىش ئۈچۈن چەتئەلگە ئەۋەتكەن. ئۇ بىر نەچچە يىل فىرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋىتسييە ۋە ئامرىكىغا كىلىپ خېمىيە ئىنژىنىرلىقى ئۈگەنگەن. كىيىن ئۇپارىژدا پروفىسسور پىلۇز (T. J. Pelouze) نىڭ شەخسى تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىگەنۋە شۇ يەردە ئىتالىيىلىك ئالىم سوبرېرو (Ascanio Sobrero) بىلەنتۇنۇشقان. سوبرېرو بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن نېتروگىلىتسىرىن ( Nitroglycerine) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يۇقىرى پارتلاتقۇچ سويۇقلۇقنىكەشىپ قىلغان بولۇپ بۇ خىل ماتىرىيالنىڭ پارتلىتىش دەرىجىسى شۇ ۋاقىتتا ئىشلىتىپكەلگەن پورۇخقا قارىغاندا بەك زور بولسىمۇ ،لېكىن سەزگۈرلۈكى بەك يۇقىرى، قانداقپارتلىشىنى كونتېرول قىلغىلى بۇلمايدىغان، ئازراق بېسىم ۋە ئىسسىقلىققا ئۇچرىسىلا ”سورۇن تاللىماي“ پارتلايدىغان بولغانلىقتىن ئەمەلى ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كەلمىگەن. ئالفىرىد نوبىل بۇ خىل ماتىرىيالغا ئالاھىدە قىززىقىپ قالغان. 1852-يىلى ئۇدادىسىنىڭ ئىھتىياجى بىلەن روسىيەگە قايتىپ كىلىپ دادىسىنىڭ ئىشلىرىغاياردەملەشكەن.دەل شۇ ۋاقىتتا روسىيە بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئورۇشپارتلاپ (Crimean war 1853-1856).ئۇنىڭ دادىسى ياسىغان كىمە ۋە باشقا لازىملىكئۈسكۈنىلەرگە روسىيە ئارمىيسى ئىھىتىياجلىق بولغاچقا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىقتىسادىيەنە شىددەت بىلەن كۈتۈرلۈپ كەتكەن. ئەمما ئورۇش تۈگىگەندە يەنە ھەرخىل سەۋەپلەرتۈپەيلىدىن ئۇنىڭ دادىسى يەنە ئىقتىسادى جەھەتتە ۋەيران بۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپقالغان ھەم ئىككى ئوغلى ئالفىرد ۋە ئېمىلنى ئېلىپ شىۋىتسىيەگە قايتىپ كەلگەن. قالغان ئىككى ئوغلى روسىيەدە قالىمىز دەپ تۇرۋىلىپ شۇ يەردە تىرمىشىپ يۇرۈپ نىفىتقىزىپ يەنە تىزلا ۋەيران بۇلغان ئىگىلىكنى تىكلەپ شۇچاغدىكى روسىيەدىكى ئەڭ چوڭبايلاردىن بوپ قالغان. 1863-يىلىشىۋىتسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئالفىرىد پۈتۈن زىھنىنى نىتروگىلىتسىرىننىقانداق قىلىپ بىخەتەر ئىشلىتىشنى تەتقىق قىلىشقا سەرىپ قىلغان. ئۇنىڭ 1864-يىلىئىشلىگەن بىر تەجرىبىسدە قاتتىق پارتلاش ھادىسى يۇز بىرىپ ئۇنىڭ قېرىندىشى ئېمىل ۋەيەنە باشقا بىر مۇنچە ئادەملەر ئۈلۈپ كېتىپ زىلزىلە بوپ كەتكەن. شۇ ۋاقىتتىلا پۈتۈندۇنيا نىتروگىلىتسىرىننىڭ غايەت زور پارتلاتقۇچ كۈچىگە قايىل بۇلغان. بۇنىڭدىنچۈچۈگەن سىتوكھۇلىم ھۈكۈمىتى ئۇنىڭ بۇنداق تەجرىبە ئېلىپ بېرىشىنى توختىتىشىنى ۋەياكى ئادەم يوق يەردە ئېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان. ئالفىرىد شۇنىڭ بىلەن دىڭىزبويىدىكى بىر ئادەم يوق يەردە تەجرىبىخانا قۇرۇپ داۋاملىق نىترروگىلىتسىرىننىبىخەتەر ئىشلىتىش تېخنىكىسى توغرىلىق ئىزدەنگەن. 1867-يىلىغا بارغاندا ئۇ ئاخىرىبۇ تېخنىكىنى تېپىپ چىققان ۋە ئۇنى پاتىنىتقا ئالدۇرۇپ تىزىملىتىپ ”دىنامىت“ (dynamite) دەپ ئات قويۇپ كۈپلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان. ئۇ ئۇنىڭدىنباشقىمۇ نۇرغۇنلىغان باشقا پارتلاتقۇچ دورىلارنى، باشقا تېخنىكىلارنى كەشىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئۈمرىدە تىزىمغا ئالدۇرغان پاتىنىتى 355 كە يەتكەن. ئۇ تېخنىكىلارنى تېپىپچىققاندىن كىيىن كارخانا قۇرۇپ بۇ خىل ماتىرىيالنى كۈپلەپ ئىشلەپ چىقارغان. ئۇنىڭئىشلەپچىقارغان ماتىرىيالى ۋە ئىشلىتىش تېخنكىسى شۇ دەۋىرگە نىسبەتەن ئۈنۈمى ئەڭيۇقىرى، باھاسى بۇرۇن ئىشلىتىپ كەلگەن پۇرۇخ دىگەندەك ماتىرىياللاردىن نەچچە ھەسسەئەرزان بولغاچقا ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن ياۋرۇپا، ئاسىيا، ئاۋستىرالىيە،ئامرىكىلارغىچە سېتىلغان. بۇ خىل ماتىرىيال قورام تاشلارنى پارتلىتىش، تونىل، قانال ياساش، قۇدۇق قىزىش ۋە باشقا سانائەتلەردە كەم بۇلسا بۇلمايدىغانماتىرىيالغا ئايلانغان.دۇنيادىكى ئەڭ تەس ھىساپلىنىدىغان بۇ خىل قۇرلۇشلار كۈپئاسانلاشقان. ئالفىرىدمۇ بۇ ۋاقىتتا ئۈزىنىڭ كارخانا باشقۇرۇشتىكى تالانتنىنىنامايەن قىلىپ كارخانىسىنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى شىددەت بىلەن كىڭەيتكەن. بىر نەچچەيىل ئىچىدە 20 دىن ئارتۇق دۈلەتتە 90 دىن ئارتۇق زاۋوت ۋە تەجرىبخانا قۇرغان. كىيىن ئۇ پارىژدا ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ لېكىن پۈتۈن كۈنلىرى ھەر قايسىتەجرىبخانىلار، زاۋوتلاردا ئۈتكەن. ئۇنىڭ زاماندىشى ۋىكتور ھىيوگۇ ئۇنى ”بۇسەرگەندار ياۋرۇپادىكى ئەڭ باي ئادەم “ دەپ تەرىپلىگەن.لېكىن يىللار ئۈتكەنسىرىنوبىل كەشىپ قىلغان تېخنىكلار ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا يەنە پارتلاتقۇچ قورال ياساپئادەم قىرىشتا ئىشلىتىلگەن . نوبىل بۇلارنى كۈرۈپ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ نەچچە قېتىمئۇنداق قىلماسلىىققا چاقىرىق قىلغان. لېكىن ھىچكىم ئاڭلىمىغان. 1895-يىلى ۋەسيەتقالدۇرۇپ پۈتۈن مال-مۇلكىنى ئائىلىسىگە قالدۇرماي ”نوبىل فوندى“نى قۇرۇشنى قارارقىلغان. ئۇنىڭ زامانداشلىرىنىڭ تەرىپلىشىچە ئۇ ھەددىدىن ئاشقان زىيادە خىزمەت ۋەسىرتتا يۈرۈش بىلەن 43 يېشىدىلا ئۈزىنى قېرى ھىس قىلىدىغان بوپ قالغان. ھەم لايىقمۇتاپمىغان. كىيىن دوستلىرى ۋە ئورۇق تۇققانلىرىنىڭ دەۋىتى بىلەن گىزىتتە“ پىشىپيىتىلگەن، تىلى تاتلىق، ئائىلىدە ھەمرا بۇلىدىغان، خىزمەتتە كاتىپ بۇلالايدىغانئايال كىرەك“ دەپ ئىلان بەرگەن ھەم شۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاۋىستىريىلىك بەرفاكىرىنىسكى (Countess Bertha Kinsky) نى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالغان. ئەمما كىرىنىسكى قىسقامەزگىل ئۇنىڭ قېشىدا ئىشلىگەندىن كىيىن ئۇنى ياقتۇرماي ئاۋىستىرىيگە قايتىپ ساتنېر ( Count Arthur von Suttner) بىلەن توي قىلغان. شۇنداقتىمۇ بەرفاكىلىنىسكى بىلەن ئالفىرد نوبىل ئوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان ۋە خەت يېزىشىپتۇرغان. يىللارنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ بەرفا كىرىنىسكى قۇرال، ئارمىيە دىگەن گەپلەرگە بەك ئۈچ بولۇپ كەتكەن ھەم “ قولىڭىزدىكى قۇرالنى تاشلاڭ “ دىگەن مەشھۇر كىتاپنىيېزىپ ھەم گىزىت ژورناللاردا تەشۋىق قىلىپ ، نۇتۇق سۈزلەپ شۇ زاماندىكى تىنچلىقنىتەرغىپ قىلغۇچىغا ئايلانغان. مۇتلەق كۈپ سانلىق تەھلىلچىلارنىڭ قارىشىچە نوبىلنىڭبارلىق بايلىقىنى ئىنسانىيەت تنىچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە سەرىپقىلىش قارارىغا كىلىشكە بەرفا كىلىنىسكىنىڭ كۈز قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ خەتلىرى ھەلقىلغۇچ رول ئوينىغان. شۇنداقلا 1905-يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى بەرفاكىلىنىسكىغا بىرىلگەن. يەنەبىر رىۋايەتلەردە دىيىلىشىچە بىر يىلى ئالفىرىدنىڭ دادىسى ئىممانول نوبىل ئۈلۈپكەتكەن. ئەمما بۇ خەۋەرنى بىر قىسىم چوڭ گىزىت ژورناللار ”ئالفىرىد نوبىل ئۈلۈپقاپتۇ“ دەپ ئاڭلىغان ۋە ئەتىسى گىزىتنىڭ باش بېتىگە ئالفىردنى ئۈلۈپ كەتتى دەپخەۋەر قىلىپ ئالفىرىدنىڭ ھاياتىنى ئەسلەپ چىققان ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا باھا بەرگەن. ئەمما ئۇلار بەرگەن باھالاردا ئالفىرىد قىلغان نۇرغۇنلىغان ئىشلار تىلغا ئېلىنماي ۋەياكى ئاز تىلغا ئېلىنىپ سەھىپىنىڭ كۈپ قىسمدە ئۇنى دىنامىتنىڭ ئىجادچىسى دەپتەرىپلىگەن. ئۇنىڭ نىتروگىلىتسىرىنغا ۋە پارتلاتقۇچ دورىغا قوشقان تۈھپىسى ئالاھىدەتىلغا ئېلىنغان، شۇنداقلا بۇ دورىلارنىڭ ئىنسانىيەتكە ئاسانلىق يارىتىش بىلەن بىللەيەنە نۇرغۇنلىغان بىگونا ئادەملەرنىڭ ئۈلۈپ كىتىشىگە سەۋەپچى بۇلغانلىغىمۇيېزىلغان. ئۇ ئۈزى ئەتىسى مۇشۇ گەپلەرنى ئۈز كۈزى بىلەن كۈرگەن، ئۈزىنىڭ باشقىلارنەزەرىدە پەقەت دىنامىدنىڭ ئىجادچىسى دەپ قارىلىدىغانلىغىنى، باشقا نۇرغۇنلىغانتۈھپىلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىغىنى بايقىغان. ئۈزى ئىجاد قىلغان نەرسىنىڭئىنسانلارنى قىرىشقا ئىشلىتىلگەنلىكىدىن غەزەپلەنگەن ۋە بۇلار ئاخىرى بېرىپ ئۇنىڭبارلىق مال دۇنياسىنىڭ ”نوبىل فۇندى“ نى قۇرۇشقا ئىشلىتىشكە قارار قىلىشغا تۇرتكىلىكرول ئوينىغان. 3) نوبىل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش دائىرىسى ۋە تارقاتقۇچىلار، مۇكاپات سوممىسىنوبىلنىڭ ۋەسيىتى بۇيىچە “ نوبىل فونىدى“ قۇرۇلۇپ 1901 -يىلىدىن باشلاپ فىزىكا، خېمىيە، مىدىتسىنا(ياكى بىئولوگىيە ) ، ئەدىبىيات ۋە تنىچلىق تىن ئىبارەپ 5 تۈربويىچە “ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە تنىچلىغى ئۈچۈن زور تۈھپىلەرنى قوشقان، ئىلىم پەندە زور بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرگەن“ لەرنىڭ نەتىجىسنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش، ئۇلارغا ئىلھام بىرىش ، تەتقىقاتىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن بۇ مۇكاپات تارقىتلىشغاباشلىغان. ”نوبىل فوندى“ قۇرۇلۇپ مۇكاپات تارقىتلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاھازىرغىچە ئۇ ئۈزىنىڭ ئادىللىقى، نۇپۇزى بىلەن دۇنيادىكى ھەر خىل مۇكاپاتلارئارىسىدا يۈكسەك ئۇرۇندا تۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇ بىر دۈلەتنىڭ پەن-تېخنىكاسەۋىيسىنى ئۈلچەيدىغان مۇھىم ئۈلچەملەرنىڭ بىرسىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ مۇكاپاتلارنىڭ ئىچىدەفىزىكا ۋە خېمىيە تۈرى شىۋىتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادىمىيسى تەرىپىدىنباھالىنىپ چىقىلىدۇ. ئەدىبىيات شىۋىتسىيە ئاكادېېمىيسى تەرىپىدىن باھالىنىدۇ. بۇئاكادىمىيە 1786-يىلى شىۋىتسىيە پادىشاھى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ئەسلى مەقسىتى ”شىۋىتسىيە تىلىنىڭ ساپلىغى، گۈزەللىكىنى تەتقىقى قىلىش“ بولغان. مىدىتسىنا مۇكاپاتى كارولىنسىكى ئىنستىتوتى تەرىپىدىن باھالىنىدۇ. بۇ ئىنىستىتوت 1810-يىلىقۇرۇلغان مىدىتسىنا ئۇنۋىرسىتىتى بۇلۇپ شىۋىتسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە چوڭ مىدىتسىنائۇنۋېېرسىتى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنۋېېرسىىتىت تەرەپتىن باھالاش كومىتىتى ئورۇنلاشتۇرلىدۇ. تنىچلىق مۇكاپاتى نورۋىگىيەدىكى ”نورۋىگىيە نوبىل كومىتىتى“ تەرىپىدىن باھالىنىدۇ، بۇ كومىتىتنىڭ بەش ئەزاسىنى نۇرۋىگىيە پارلامىنىتتى تەمىنلەيدۇ. يەنى نوبىلمۇكاپاتىنىڭ ئىچىدە تىنچلىق مۇكاپاتى شىۋىتسيە تەرەپتىن ئەمەس بەلكى نورۋىگىيەتەرەپتىن باھالىنىدۇ. 1968-يىلىغا كەلگەندە شىۋىتسىيە بانكىسى نوبىلنى خاتىرلەشيۈزىسىدىن ئىقتىساد ساھەسىدىمۇ بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشنى قارار قىلغان ۋە بۇ پۇلنىئۈزلىرى كۈتۈرىدىغان بولغان. بۇ مۇكاپاتمۇ شىۋىتسيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادىمىيسىتەرىپىدىن باھالىنىدۇ. ھەر قايسى باھالاشكومىتىتلىرى ھەر يىلى 10-ئايدا مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرنى باھالايدۇ. 12-ئاينىڭ 10-كۈنى يەنە نوبىلنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىدە شىۋىتسىيدە داغدۇغىلىق مۇراسىمئورۇنلاشتۇرۇلۇپ مۇكاپات تارقىتىلىدۇ. مۇكاپات شىۋىتسىيە پادىشاھى تەرىپىدىنبىرىلىدۇ. ھەر بىر مۇكاپات بىر ئالتۇن مىدال، كىنىشكا ۋە پۇلدىن تەركىپ تاپىدۇ. مۇكاپاتسوممىسى شۇ يىللىق نوبىل فۇندىنىڭ ئۈسۈمىگە ئاساسەن قارار قىلىنىدۇ.نوبىلكومىتىتىنىڭ تور بېتىدە دىيىلىشچە، 1865-يىلى نوبىل ۋەسيەت قالدۇرغاندا نوبىلنىڭقالدۇرغان بايلىقى 31مىلىيۇن كىرون (شىۋىتسىيە پۇل بىرلىكى) ئىكەن، بۇ پۇلنىڭھازىرقى قىممى 1500 مىليۇن، يەنى بىر مىليارد 500مىليۇن كىرون ئىكەن، بۇ پۇلنىڭيىللىق ئۈسۈمىدىن ھەر بىر تۈرگە توغرا كىلىدىغان پۇل 2005-يىلى تەخمىىنەن 10 مىليۇن كىرون بۇلغان، بۇ مۇكاپات سوممىسى تەخمىنەن 1.3 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىغا ، ھازىرقى خەلىق پۇلى قىممىتىدە 10 مىليۇندىن جىقراق يۇەنگە توغرا كىلىدۇ. نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى1904-يىلى نورۋىگىيە نوبىل كومىتىتى قۇرۇلغۇچە نورۋىگىيەپارلامنىتنىڭ رەئىسى تەرىپىدىن بىرىلگەن. كىيىن نوبىل كومىتىتى تەرىپىدىن بىرىلگەن. بۇ كومىتىت پارلامىنىت تەرىپىدىن بىكىتىلىدىغان بولۇپ باشقا قانون تۈزۈشئورۇنلىرىغا جاۋاپكارلىق مەسئۇلىيتى بۇلمايدۇ. نورۋىگىيە ھۈكۈمەت ئەزالىرى بۇمۇكاپات نامزاتلىقىغا كۈرسىتىلمەيدۇ. 4) باھالاشتەرتىۋى ۋە باشقا قائىدىلىرى دۇنيادىكىباشقا مۇكاپاتلارغا قارىغاندا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ نامزات كۈرسىتىش ۋە باھالاش تۈزۈمىمۇكەممەل ھەم قاتتىق. ئۇلار ھەر قېتىمدا 3 مىڭدىن ئارتۇق تەكلىپنامە ئەۋەتىپ ئۈزساھەسىدىكى نۇپۇزلۇق ئەرباپلارنى نامزات كۈرسىتىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نامزاتكۈرسىتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكى ھەر يىلنىڭ بىرىنچى ئاينىڭ 31-كۈنى. نامزاتكۈرسىتىلگەنلەر شۇ ۋاختىدا چوقۇم ھايات بولۇشى كىرەك. بۇلار ھەممىسى قاتتىقمەخپىيەتچىلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەخىپىيەتچىلىك 50 يىلدىن كىيىن نوبىلكومىتىتى تەرىپىدىن ئاشكارا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر ئەڭ چوڭ شەرتى نامزاتلىققاكۈرسىتىلگەنلەر چوقۇم ئۈزىنىڭ نامزاتلىققا كۈرسىتىلگەنلىكىنى بىلمەسلىكى كىرەك. نامزاتلار يىغىلىپ بۇلغاندىن كىيىن كومىتىت ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 200 گە يىقىن كىشىنىئايرىپ چىقىپ يەنە ئۇلارنى ئۈز ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىلەرگە ئەۋەتىپ باھالىتىشئارقىلىق بۇ نامزات 15 ئاتراپىغا قالدۇرلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا كومىتىت ئۈزىنىڭ قايسىنىتەۋسىيسىنى قوشۇپ بۇ ماتىرىياللارنى مۇناسىۋەتلىق ئاكادىمىيگە تاپشۇرىدۇ. ئاخرىدائاكادىمىينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى بىر يەرگە كىلىپ بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەڭئاخىرقى مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىنى بىكىتىدۇ. ئادەتتە مۇكاپات ئەڭ كۈپبۇلغاندا ئۈچ كىشىگە بىرىلىدۇ. ئەگەر ئىككى كىشى ئالسا مۇكاپات تەڭ ئىككىگەبۈلۈنىدۇ. ئەگەر 3 كىشى ئۇلارنىڭ بىرسى مۇكاپاتنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، قالغان يېرىمىقالغان ئىككى كىشىگە تەڭ بۈلۈپ بىرىلىدۇ. كىمنىڭ قايسى ئۈلۈشنى ئېلېشىنىئاكادىمىيە تىزىملىكنى ئىلان قىلغاندا بىللە ئىلان قىلىنىدۇ. بۇ جەريانلار ھەر قايسىتۈرلەردە ئانچە مۇنچە پەرىق قىلىدۇ. لېكىن چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش. يەنە بىرسى ئومۇمىجەھەتتىن قارىغاندا ئەدىبىيات مۇكاپاتى ئاساسەن بىر ئادەمگە بىرىلىپ كىلىۋاتىدۇ. قالغان مۇكاپاتلار ئاساسەن بىر نەچچە ئادەمگە تەڭ بىرىلىۋاتىدۇ. نوبىلنىڭۋەسىيىتى بۇيىچە نوبىل مۇكاپاتى نامزاتى چوقۇم شۇ ۋاقىتتا ھايات بۇلغان ئادەمگەبىرىلىشى كىرەك. ئۈلۈپ كەتكەنلەر بۇلسا تۈھپىسى قانچە چوڭ بۇلسىمۇ نامزاتلىققاكىرگۈزۇلمەيدۇ. بۇ تۈزۈمى تا ھازىرغىچە بىر قىسىم تەھلىلچىلەر تەرىپىدىن تەنقىدقىلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە بىر قىسىم ئولۇغ بايقاشلارنى ئېلىپ بارغانئالىملار بۇ مۇكاپات تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۈرسىتلىشتىن بۇرۇن، ياكى نەزىرىيسىئىسپاتلىنىشتىن بۇرۇن ئۈلۈپ كىتىپ قالغان. بۇلارنىڭ تۈھپىسىنى خاتىرلەش كىرەكئىكەن. لېكىن شىۋىتسىيە تەرەپ نوبىلنىڭ ۋەسيىتىگە چوقۇم ئەمەل قىلىشمىز كىرەك دەپقاراپ تەنقىدلەرگە پەرۋا قىلمىغان. لېكىن ئىككى قېتىم نۇبىل مۇكاپاتى ئۈلۈپ كەتكەنتۈھپىكارلارغا بىرىلگەن. بۇلارنامزاتلىققا كۈرسىتىلگەندە ھايات بولۇپ لېكىن مۇكاپاتباھالىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن ياكى مۇراسىم ئۈتكۈزۈلۇشتىن بۇرۇن ئۈلۈپ كەتكەن. بۇلاربۇرۇنقى بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىۋى دەگ خامارىسكجولد( Dag Hammarskjöld ، ئۇ 1961-يىلى تىچلىق مۇكاپاتىغائىرىشكەن ) ۋە ئەكسىل كارىلفىلدىت ( Axel Karlfeldt ئۇ 1931-يىلى ئەدىبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ). 1971-يىلىغا كەلگەندە مۇكاپاتنى ئۈلۈپكەتكەن بۇلسا بىرىشكە بۇلمايدۇ دەپ يىڭى تۈزۈم چىقىرىلغان. 1996-يىلى 10-ئايداۋىليام ۋىكرى (William Vickrey ) نىڭ بۇ ئىقتىساد مۇكاپاتقائىرىشكەنلىگى ئىلان قىلىنغان. لېكىن 12-ئايدا مۇراسىم ئۈتكۈزۇلگىچە بۇ ئالىم ئۈلۈپكەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇكاپات ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئەگەر باھالىغۇچىلارقانائەت ھىس قىلمىسا شۇ يىللىق مۇكاپات تارقىتىلمىسا بۇلىدۇ. لېكىن كام دىگەندە 5 يىلدا بىر قېتىم چوقۇم تارقىتىلىشى كىرەك. ۋەسىيەت بۇيىچە مۇكاپاتئورۇنغا ياكى تەشكىلاتقا بىرىلمەيدۇ، شەخىسكە بىرىلىدۇ. لېكىن تىچلىق مۇكاپاتىمەلۇم تەشكىلاتقا بىرىلسىمۇ بۇلىدۇ، ئەمما تەشكىلاتقا بىرىلگەندە چوقۇم يەنە بىرشەخىسنىڭ نامى ئاتىلىشى كىرەك. ھۈكۈمەتكە بىرىلمەيدۇ. 2، سىتاتىسكىلىق مەلۇماتلار نوبىل مۇكاپاتى تور بېتى ئىلان قىلغان سىتاتىسكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا [1]شۇنداق قلىپ تاكى 2010-يىلغىچەجەمئى 817 ئادەمگە 23 ئورگانغا بۇ مۇكاپات تارقىتىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتلەككۈپچىلىكى بىردەك ھەممە مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشتى. ئاز بىر قىسىمتالاش تارتىش لارمۇ يوق ئەمەس. بۇ تالاش تارتىشلارنىڭ تولىراقى ئەدىبىيات بىلەنتىنىچلىق مۇكاپاتىدىن چىقىۋاتىدۇ. لېكىن شۇ مەئەييەنلەشتۈرۈلدىكى، گەرچە مۇكاپاتقائىرىشىشكە تىگىشلىق بىر قىسىم ئادەملەر چۈشۈپ قالغان بۇلسىمۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنمۇتلەق كۈپ ساندىكى كشىلەر بۇ مۇكاپاتقا ھەقىقەتەن لايىق. بەزىدە تىنىچلىق مۇكاپاتىسەل قېيىپ كىتىپ قالىدىغاندەك تويۇلىدۇ (مەسىلەن 2005-يىلى ئىراق، ئاففانىستانغائورۇش قوزغىغان بوشنىمۇ بىر قىسىملار نامزاتلىققا كۈرسەتكەن ، بۇلار توغرىلىق بىردەم تۇرۇپ تەپسىلىراق توختىلىمەن ) لېكىن ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندە يەنىلا ئادىللىقبۇلغان. نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەر ئىچىدە بىر نەچچە قېتىم ئىرىشكەنلەر بۇلغان، ئەر خوتون ئىرىشكەنلەر بۇلغان، ئاتا-بالا ئىرىشكەنلەر بۇلغان. 1) ئادەمنىڭئىچىدە 41سى ئايال، 776سى 2) ئەڭ ياشمۇكاپاتقا ئىرىشكىنى ۋىليام لورىنىس بىراگ (William Lawrence Bragg) ، ئۇ 1915-يىلى 25 يېشىدا دادىسى بىلەن بىرلىكتە فىزىكامۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭدىن قالسا يەنە 31 ياشتا 4 ئادەم ئىرىشكەن، بۇلارنىڭئىچىدە 1957-يىلى نۇبىل فىزىكا مۇكاپاتىغائىرىشكەن ئامرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگۇلۇق ئالىم لى جىڭداۋ مۇ بار. ئۇ 31 يېشىدائىرىشكەن ھەم ھازىرمۇ ھايات تۇرۋاتىدۇ. ئىسىمدە قېلىشىچە بۇ ھۈرمەتلىك ئالىم 2005-2004 يىللىرى ئەتراپىدا شىنجاڭ داشۇگە كىلىپ بىر سائەت ئەتراپىدا بىر دوكلاتبەرگەن. مەكتەپمۇ دوكلات توغرىلىق تەشۋىقات بەرگەن. لېكىن كىرىپ بۇ دوكلاتنىئاڭلىغان ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار ساناقلىقلا. 3) ئىككىئادەم بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىرى ساترى (Jean-Paul Sartre). ئۇ 1964-يىلى نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن مۇكاپات، شەرەپلەرنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەن بۇلغاچقا بۇ مۇكاپاتنىمۇ رەت قىلغان. يەنە بىرى ۋىيتناملىق Le Duc Tho . ئۇ ۋىيتنامنىڭ ئامرىكا بىلەن ئورۇش بۇلغاندىكىدىپلۇماتىيە ئەمەلدارى ۋە گىنرال. 1973-يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى ئامرىكادۈلەت ئىشلىرى كاتىۋى بىلەن ئۇنىڭغا بىرىلگەن. لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئۇرۇشتوختىمىغانلىغى ئۈچۈن ئۇ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشنى رەت قىلغان. دىمىسىمۇ بۇ ئۇرۇشئەمىلىيەتتە بۇ مۇكاپات باھالىنىپ 2يىلدىن كىيىن ئاندىن ئاخىرلاشقان. بۇ ئىشلارنوبىل مۇكاپاتى تارىخىدىكى بىر قاملاشماي قالغان ئىش دەپمۇ قارىلىپ كەلمەكتە. 4) بەەش ئادەم ئىككى قېتىم نوبىل مۇكاپاتى ئالغان، بۇلارنىڭئىچىدە كىيورى خانىم ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ، خەلقارا قىزىل كىرىست جەميىتى ئۈچقېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. 5) ئائىلە تەۋەلىكىدە ئىرىشكەنلەر. ئەر خوتۇن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەر: جەمئى 4 جۇپ. Marie Curie Frédéric Joliot Irène Joliot-Curie Carl Cori Gerty Cori Alva Myrdal Gunnar Myrdal بۇلارنىڭ ئىچىدە كىيورى خانىم بىلەن ئىرى پېئېر كىيورى بار. ئانا بالا ئىرىشكەنلەر: Marie Curie . يەنىلاكىيورى ئائىلىسى. دادا-قىز ئىرىشكەنلەر: ، Pierre Curie ، قىزى Irène Joliot-Curie دىمەك بىر ئۈيدىن 3 ئادەم بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. دادا-ئۇغلى ئىرىشكەنلەر: 5 جۇپ William Bragg ، Lawrence Bragg Niels Bohr ، Aage N. Bohr Hans von Euler-Chelpin ،Ulf von Euler Manne Siegbahn ،Kai M. Siegbahn J. J. Thomson ، George Paget Thomson Arthur Kornberg، Roger D. Kornberg بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتوم فىزىكىسى ئالىمى بور، تومسۇن قاتارلىقلار بار. بۇلارنەتىجىلىرى توغرىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ پىزىكىسدىلا سۈزلىنىدۇ. ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار : Jan Tinbergen Nikolaas Tinbergen 6) ئەڭ كۈپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن دۈلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئامرىكا تۇرىدىغان بولۇپ ھازىرغىچە 326 ئادەم ئىرىشكەن، ئۇندىن قالسا ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۈلەتلەر تۇرىدۇ. دىققەت قىلىش كىرەككى ئامرىكىدىن نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلارنىڭكۈپچىلىگى ئاساسەن 2-دۇنيا ئورۇشىدىن كىيىن ئالغانلار. بولۇپمۇ 60-يىللاردىن كىيىنئامرىكا تارقىتىلغان مۇكاپاتنىڭ 3تىن ئىككىسىنى ئالغان. مەن يەنە شۇنىڭغا دىققەتقىلدىمكى بۇلارنىڭ ئارىسىدا تېخى بىر نەچچە يىل مۇستەقىل بۇلغان شەرقى تىمورلۇق (مۇكاپاتنى باشقا يەردە ئالغان) لىقلارمۇ باركەن. 7) يەھۇدىلار: بۇلارنوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەر ئىچىدە ئالاھىدە چاقناپ تۇرىدىغانلاردۇر. سىتاتىسكىغا ئاساسلغاندا[2] كەم دىگەندە 181 يەھۇدى بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بولۇپ 1901-يىلىدىن 2010- يىلىغىچە بۇلغان ئۇمۇمى تارقىتىلغان مۇكاپاتنىڭ 22 پىرسەنتىنى تەشكىلقىلىدۇ. ئامرىكىغا تارقىتىلغان مۇكاپاتنىڭ 36%نى تەشكىل قىلىدۇ. يەھۇدىلارنىڭھازىرقى نۇپۇسى دونيا نۇپۇسىنىڭ 0.25 پېرسەنتىنى، ئامرىكا نۇپۇسىنىڭ 2%تىنى تەشكىلقىلىدۇ. مۇكاپاتنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈپ ئالغان تۈرى مېدىتسنا بولۇپ بۇلۇپ جەمئى 53 ئادەم مۇكاپاتقا ئىرىشكەن، مۇشۇ تۈردىكى مۇكاپاتنىڭ 27%تىنى، ئامرىكىغاتارقىتىلغان مۇكاپاتنىڭ 40 %تىنى ئىگەللەيدۇ. 1968-يىلدىن باشلاپ تارقىتىلغانئىقىتىساد تۈرىدە 42 يىلدا 28 ئادەم بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بۇلۇپ ئۇمۇمىتارقىتىلغان مۇكاپاتنىڭ 42%تىنى، ئامرىكىغا تارقىتىلغان مۇكاپاتنىڭ 55%تىنىئىگەللەيدۇ. مەن بۇلارنى تەپسىلى سېلشتۇرۇپ كۈردۇم، قارىسام بۇلاردىن ھەر يىلىئاساسەن كەم دىگەندە بىردىن ئادەم مۇكاپاتقا ئىرىشپ كەپتۇ. ئوتتۇرا ھىساپلىغاندايىل بېشىغا 1.6 ئادەم توغرا كەپتۇ. 3، نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن مۇسۇلمانلار: بۇلار بەلكىم بىز ئالاھىدە قىززىقىىدىغانلار بولسا كىرەك. شۇڭا مەنمۇ سەل تەپسىلىراقتونۇشتۇرۈپ ئۈتەي. مۇسۇلمانلاردىن جەمئى بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەر يەتتە. ئۇلار تۈۋەندىكىچە: 1) ئەخمەد ھەسەن زىۋىل (Ahmed Hassan Zewail )،مىسىرلىق.1999-يىلى نوبىل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئۇ 1946-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى توغۇلغان، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالى مەكتەپلەرنىمىسىردا ئوقۇغان. مىسىر ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى ئىسكەندىرىيە ئۇنۋېىرسىتىدا (Alexandria University)باكلاۋۇر ۋە ماگىستېرلىقنى ئوقۇغان. ئۇندىن كىيىنئامرىكىغا كىلىپ پىنسىلۋانىيە ئۇنۋېرسىتىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇغان، كىيىن كالىفورنىيەپەن-تېخنىكا ئىنستوتى ( قىسقارتىلىپ caltech دىيىلىدۇ)غا كىلىپ بىر مەزگىل دوكتۇرئاشتىلىق قىلغاندىن كىيىن 1976-يىلى رەسمى شۇ ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغاتەكلىپ قىلىنغان. 1982-يىلى ئامرىكىنىڭ ”تەبىئى پۇقراسى“ بۇلغان، 1999-يىلى ئۇئۈزىنىڭ فىزىكا_خېمىيەسى ساھەسىدىكى باشلامچىلىق رولى بىلەن نوبىل خېمىيەمۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئەھمەد زىۋىل ئەپەندىتۇنجى بولۇپ فېمتوسىكونىدلىق لازىر ئارقىلىق خېمىيلىك رىئاكسىيەلەرنى كۈزەتكەن ۋەخېمىيىلىك رىئاكسىلەرنىڭ ماھىيتىنى قايتىن چۈشەندۈرگەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ”مولىكۇلىلارنىڭ ھەر دەقىقىدە قاياققا مېڭىشنى بىلەلەيدىغان ئىنسان “ دەپتەرىپلەنگەن. مىنىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇن قىلغان تەجرىبەمنىڭ نەزىرىيۋى ئاساسىمۇشۇنىڭ نەزەرىيلىرى ئاستىدا قۇرۇلغان. ئۇ تۇنجى بولۇپ فېمتوخېمىيەسى دىگەنيۈنۈلۈشنى بەرپا قىلدى ۋە شۇ نەتىجىلىرى ئارقىلىق بۇ ساھەدىكى يولباشچى، يولئاچقۇچى دەپ قارىلىپ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشتى. مىنىڭ ئۇ ۋاقىتتا قىلغان تەجرىبەمدە فېمتوسىكونتلىق لازىر ئارقىلىق ماتىرىياللارنى ”سوقۇپ“ نىمە ھادىسە بۇلىدىغانلغىنىكۈزىتىش بولۇپ، بۇلارنىڭنەزەرىيۋى ئاساسىنى زىۋىل ئەپەندى ئاللىقاچان قۇرۇپ بۇلغان. 2) نەجىپمەھپۇز (Naguib Mahfouz )مىسىرلىق، ،ئۇ 1988-يىلى نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتىغائىرىشكەن. بۇ يازغۈچى تۇغرىلىق ئويغۇرلار بىر قەدەر تەپسىلى تونۇشقا ئىگە. ئۇنىڭيازغان ”ئۈچ كوچا تېرىلوگىيسى“ نۇرغۇن كىتاپخۇمار دوستلارغا تونۇش. لېكىن ئۈزۋاختىدا مەن بەك كىچىك بۇلغاچقا بۇ كىتاپلارنى خېلى ئوقۇپمۇ چۈشىنەلمەي ئوقۇمايتاشلاپ قويغان. چوڭ بۇلغاندا ئوقۇغۇدەك پۈرسەت چىقىرىپ بۇلالمىدىم. كىيىن بىلسەم بۇكىتاپنىڭ ئەسلى ئىسمى ”قاھىرە تېرولىگىيسى“ (Cairo Trilogy ) ئىكەن. ئۇ ئۈمرىدە 30 دىن ئارتۇق رومان يازغان ئىكەن. داڭلىق رومانلىرىدىن “ كوچىنىڭباللىرى“ (Children of the Alley)، ئەرەپچى ئىسمى Awlad Haratina) )، يەنە ”مىداق كوچىسى“ (Midaq Alley) قاتارلىقلار ئىكەن. بۇلاردىن مىداقكوچىسى دىگىنى خوللىۋودتا رومانغا ئاساسەن سىنارىيە ئۈزلەشتۈرۇپ 1994 يىلى كىنوقىلىپ ئىشلىنىپ چىقپتۇ. روماندىكى ۋەقەلىك 1940يىللىرى قاھىرە دەپ تەسۋىرلەنگەنبۇلسا ئۇ فىلىمدە 1990-يىللىرىدىكى مىكىسكا دەپ ئۈزگەرتىلىپتۇ. تۇنۇشتۇرۇلۇشقائاساسلانغا بۇ كىنۇ بېرلىن،ھاۋانا يەنە بىر يەرلەردە خىلى جىق مۇكاپاتقا ئىرىشىپتۇ. ئايال باش رولغا خوللىۋودتىكى داڭلىق مىكسىكىلىق ئايال ئارتىس سالمان ھايىك (Salma Hayek) رول ئاپتۇ. قىززىقىدىغانلار ئىزدەپ كۈرۈپ باققاي. كىنونىڭ ئىسمى ”Midaq Alley“ بولۇپ 94-يىلى ئىشلەنگەن. نەجىپ مەھپۇزنىڭ يەنە ”كوچىنىڭ بالىلىرى ”دىگەن كىتاۋى بىر قەدەر غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ كىتاۋى 1959-يىلىيېزىلغان بولۇپ كىيىن بۇ كىتاپنىڭ مىسىردا تارقىتىلىشى چەكلەنگەن. بۇ كىتاپنىڭتەپسىلى مەزمۇنى بىلەن تونۇشقۇچىلىك بۇلمىدىم. كىتاپتا ”شاللاق مۇھەببەتمەدىھلەنگەن، مۇھەممەدكە بۇلغان مەدىھلەر ئاز “ دىگەندەك گەپلەرنى يېزىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ يەنە باشقا رومانلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بۇلغان. 1988-يىلىئۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان، 1989-يىلى ئىراندا دىنى سوت سالمان راشىدقا پەتۋا چىقىرىپ ئۇنى كاپىر دەپ تىللاپقوغلاپ چىقارغان شۇنداق بىر مەزگىلدە مىسىردىكى چوڭ موللا، شەيىخ ئۈمەر ئابدۇلراھمان بىر مۇخبىرغا “ ئەگەر بىزمۇ ئۈز ۋاختىدا نەجىپ مەھپۇزغا جازا بەرگەن بۇلساقئۇ ھېلىقى كىتاۋىنى چىقىرىشقا پېتىنالمايتتى “ دىگەن. بۇ گەپ شۇ ھامانلا مىسىردابىر بولۇپ نەجىپ مەھپۇز دىنى رادىكال كۈچلەرنىڭ ئېغىرې بېسىمىغا دۈچ كەلگەن، ئەركىنلىگى،ئۈزى ۋە ئائىلىسىنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىگى تەھدىتقا ئۇچرىغان. كىيىنشەيىخ ئۈمەر بۇ گەپنى قايتا چۈشەندۈرۈپ “ مىنىڭ دىگىنىم مەھپۇزنى كاپىر دىگىنىمئەمەس، شۇنداقلا ئۇ دىگىنىم سوتنىڭ ھۈكۈمى ئەمەس، ھىچقانداق پەتىۋا ئەمەس“ دەم ئىلانقىلغان بۇلسىمۇ يەنە بىر قىسىم رادىكاللار داۋاملىق ئۇنىڭ قەستلەشنىڭ كويىدايۈرگەن. 1994-يىلى رادىكاللار 82 ياشقا كىرگەن مەھپۇزنى قاھىرەدىكى ئۈيىدە قەسىتلەپبوينىغا پىچاق تىقىپ ئېغىر يارىلاندۇرغان بۇلسىمۇ، بەخىتكە يارشا ئۇ ئامان قالغانھەم شۇنىڭدىن كىيىن قاراۋۇللارنىڭ ياردىمىدە ياشاپ 2006-يىلى ۋاپات بولغان. 3) مۇھەممەد ئابدۇسالام. پاكىستانلىق، 1979-يىلى ئۇنەزەرىيۋى فىزىكا ساھەسىدىكى مۇھىم ئەمگىكى بىلەن بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. ئابدۇسالامنىڭ فىزىكا تەرەققىياتى ۋە مائارىپىغا قوشقان تۈھپىسى ناھايتى چوڭ. ئۇدۇنيادىكى تۈت ئاساسى تەسىر كۈچنىڭ ئىچىدىكى ئېلىكتېرماگنىت كۈچى بىلەن ئاجىز تەسىركۈچ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بۇ ئىككى خىل كۈچ ماھىيەت جەھەتتە بىر خىل كۈچ دەپئاتىدى ۋە ئىسپاتلاپ چىقتى. بۇ قەدەم ئىنسانلارنىڭ تۆت ئاساسى كۈچنىڭ ھەممىنىبىرلەشتۈرۈش، ھەممىنى بىرخىل ماھىيەتكە يىغىنچاقلاش ئارزۇسىغا يېتىشكە تاشلانغان بىردادىل چوڭ قەدەم بۇلدى. ئۇ يەنەتۇنۇلغان ئىجتىمائى پائالىيەتچى، تەشكىلاتچى. ئۇ كىيىن تەرەققى قىلىۋاتقاندۈلەتلەرنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ئىتالىيە ھۈكۈمىتىىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىتالىيەدەقۇرغان “ ئابدۇسالام خەلقارا نەزىرىيۋى فىزىكا تەتقىقات مەركىزى“ ھازىرمۇ دۇنيادىكىمۇھىم فىزىكا تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ھىساپلىنىدۇ. ئۇ يەردىن كىيىنمۇنوبىل مۇكاپاتى چىقتى. بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتىمۇ مەبلەغ تەمىنلەيدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۈلەتلەرگە جىق ياردەم قىلىدۇ. جۇڭگۇدىنمۇ بۇ يەرگە خېلى كۈپئادەم بارىدۇ. جۈملىدىن بۇ مەركەز كەم دىگەندە بىز ئويغۇرلارغىمۇ 7-8 تەتقىقاتچى ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ بەردى ۋە ھازىرمۇ ئۇيغۇرلاردىن قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ. بۇلارتوغرىلىق مەن بۇرۇن يازغان“ مەن تونۇيدىغان ئويغۇر دوكتۇرلىرى“ دىگەن تىمىداتەپسىلى توختالغان. ئابدۇسالام 1970-يىللىرى ”پاكستان ئاتۇم ئىنىرگىيسى كومىتىتى (Pakistan Atomic Energy Commission)نى ۋە پاكىستان ئالەم تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇشتاھالقىلىق رول ئوينىغان. ئۇ يەنە 3-دۇنيا ئەللىرى پەنلەر ئاكادىميسىنى قورغان. يەنەقىلغان ئىشلىرى جىق. 1956-يىلدىن تارتىپ لوندۇن ئىمپىرىيە شۇيۇەنىنىڭ پروفىسسورىبولۇپ ئىشلىگەن، 1996-يىلى 70 يېشىدا ئوكىسفوردتا ۋاپات بۇلغان. لېكىن يەنە بىرقىززى يىرىشۇكى، ئۇ يەنە نۇرغۇن ئىسلام پەتىۋاچىلىرى تەرىپىدىن مۇسۇلمان دەپ قارالمايدىكەن. سەۋەبى تۈۋەندىكىچە: 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھىندىستاننىڭ شىمالى، كەشمىر، پاكىستاننىڭ جەنۇبى، بىنگالدىگەن رايونلاردا ئەھمەدىلەر دەپ يىڭى بىر مەزھەپ چىققان. بۇ مەزھەپ ئىسلامنىگۈللەندۇرۇش شۇئارى بىلەن مىرزا غۇلام ئەھمەد دەپ بىرسىنىڭ باشچىلىقىدا مەيدانغاكەلگەن. ئۇ ئۈزىنى مۇجاھىد، مەھدى، زاماننىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئاتاپ ئىسلامنىگۈللەندۈرۈش چاقىرىقى چىقارغان. ھەم بەزىبىر ئاساسلارنى تېپىپ ئۇنىڭ ئوتتۇرغاچىقىشىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىق ماتىرىياللاردابىشارەتلەر بۇلغان دەپ ئىسپاتلىغان. بۇنىڭ بىلەن شۇ رايۇندىكى نۇرغۇنلىغان خەلىقشۇنىڭ ئۈممەتلىرىگە ئايلىنىپ نىسبەتەن چوڭ بىر مەزھەپكە ئايلانغان. لېكىن بۇ مەزھەپئىسلام ئاساسى ئېقىمدىكى ”مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن تىن كىيىىن پەيغەمبەركەلمەيدۇ“ دىگەن نوقتىنىئەزەر بىلەن زىت بۇلغاچقا باشقا ئىسلام دۈلەتلىرى ياكىپەتىۋا چىقىرىش ئورگانلىرى بۇ دىننى بىدئەت دەپ ئاتىغان ھەم بۇلارغا ئەگەشكۇچىلەرنىمۇسۇلمان ئەمەس دەپ قارىغان. ھازىرمۇ بۇلاردىن خېلى نۇپۇستىكى ئەگەشكۈچىلەرپاكسىتاندا ۋە بىنگالدا نۇپۇسنىڭ مەلۇم پېرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. شۇنداقلا ھەرئىككىلا دۈلەتتە بۇلارنى مۇسۇلمان ئەمەس دەپ قاراپئۇلارنى ئارىغا ئالمىغان. ھەتتا، پاكىستان 1974-يىلى ئاساسى قانۇنغا ئۈزگەرتىش كىرگۈزۇپ مۇسۇلمان دىگەن ئاتالغۇغاقايتا ئىنىقلىما بىرىپ ئەھمەدىلەرنى مۇسۇلمان ئەمەس دەپ ھۈكۈم چىقىرىشنىڭ قانۇنىئاساسىنىمۇ تۈزگەن. ئالىمئابدۇسالام دەل شۇ ئەھمەدىلەر جەمەتىدىن كىلىپ چىققان. شۇڭا ئۇنى باشقا نورغۇنلىغانپەتىۋاچىلار مۇسۇلمان ئەمەس دەپ تۇرۋالىدىكەن. لېكىن ئۇنىڭ ئۈزىنىڭ دىنى قاندائىكەنلىگىنى پېقىر ھازىرچە ئوخمايدۇ. پاكىستان ھۈكۈمىتىمۇ خەقلەرنىڭ قارشىلىقىدىنقورقۇپ ئابدۇسالامغا ئاشكارا ھىچقانداق شەرەپ ياكى ماددى مۇكاپات بەرمىگەن. 4) ياسىرئەرەپات، ئۇيغۇرلارغا ناھايتى تۇنۇش. 1994-يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن، 2004-يىلى ۋاپات بۇلدى. 5) شىرىنئىبادى، ئايال، ئىرانلىق، 2003-يىلى نوبىل تىچلىق مۇكاپاتى بىرىلگەن. ئۇ تونۇلغانئادوۋكات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئىران بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش جەميىتىنىڭقۇرغۇچىسى. 2003-يىلى ئۇنىڭغا نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى بىرىلىپ ئۇ نوبىلمۇكاپاتىغا ئىرىشكەن تۇنجى ئىرانلىق ۋە تۇنجى ئايال بوپ قالغان. 6) مۇھەممەدئەل بارادى(Mohamed El Baradei)، مىسىرلىق. 2005-يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بولۇپ ئىرىشكەن ۋاختىدا خەلقارا ئاتۇن ئىنىرگىيە كومىتىتىنىڭ باش دىرىكتورى بولغان. ئاتوم قۇرالىنىڭكىڭىيىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ئۇ زور تۈھپىلەرنى قوشقان. بۇ ئورگان ب د ت نىڭتەشكىللىىشىدە بۇلىدۇ. يىقىنقى يىللاردا دۇنيادىكى قىززىق نوقتىلارنىڭ ھەممىسىدەبۇلارنىڭ ئىزى بار. 7) مۇھەممەتئەنۋەر سادات (Muhammad Anwar as-Sadat .). ئۇ 1970-يىلى مىسىردا زوڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 1981-يىلى قەستكە ئۇچراپ ئۈلۈپكەتكەن. 1978-يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئۇ70-يىللاردىكى ئوتتۇراشەرىقتىكى ئەڭ مۇنەۋەر سىياسىيونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مىسىر يىقىنقى زامانتارىخىدىكى بىر مۇھىم شەخىس. سادات زوڭتۇڭنىڭ مەخسۇس تونۇشتۇرغان كىتاپلارمۇ ئويغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. مۇھەممەد يۇنۇس (Muhammad Yunus)، بىنگاللىق، 2006-يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بولۇپ ئۇ خەلقارادىكى داڭلق ئىقتىسادشۇناس ۋە كارخانىچى بولۇپ گرامېن بانكىسىنىڭ (Grameen Bank) قۇرغۇچىسى. ئۇ بۇرۇن ئۇنۋېرسىتىتتا پروپىسسر بولغان بولۇپ ئۇ يەردە ئۇ مىكروكىرېدىت، مىكرو پۇل مۇئامىلە دىگەن ئىقتىساد نەزىرىيەلىرىنى ياراتقان ۋە شۇ نەزىرىيەگە تەدبىقلەپ گرامېن بانكىسىنى قۇرغان. بۇ بانكا ئەڭ ئاساسلىقى ئادەتتىڭى نورمال بانكىدىن قەرىز ئېلىشقا سالاھىيتى توشمايدىغان كەمبەغەللەرگە تۈۋەم سوممىلىق قەرىز بىرىدىغان بولۇپ كەمبەغەللەرنىڭ شۇ قەرز پۇلنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ كېرىدىت تارىخىنى قۇرۇشىغا ۋە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ. 9) ئۇرخان پامۇك (Orhan Pamuk)، تۇركىيەلىك. 2006-يىلى نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بولۇپ ئۇنىڭ مىنىڭ ئىسمىم قىزىل دىگەن رومانلىرى داڭلىق. شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلاردىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن 9 ئادەمدىن 5ئى تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 3، ئويغۇرلاردىكى بىر قىسىم نوبىلمۇكاپاتى توغرىسىدىكى ”كوچا گەپلىرى” بېشىدادەپ ئۈتكەندەك كىچىك ۋاقىتلاردا ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنەتتۇق. كىمدۇربىرى ”پالانچى دەپ بىر ئادەم باركەن، نوبىل مۇكاپاتى ئالارمىش “ دىسە ھاياجانلىنىپكىچىچە ئوخلىماي شۇنىڭ گپىنى قىلىپ چىقاتتۇق. ئەڭ كۈپ ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ بىرسىئەركىن سىدىق بوپتۇ. ”ئامرىكىدا ئەركىن سىدىق دەپ بىر ئالىم باركەن. ئامرىكا ئاتۇمتەتقىقات بازىسىدا ئىشلەيدىكەن، نوبىل مۇكاپات ئېلىش مۇمكىنچىلىگى بارمىش “ دىگەنگەپلەرنى كەم دىگەندە 5-6ئادەمدىن ئاڭلىغاندىمەن. ھەم شۇ ۋاقىتلاردا شەكسىزئىشەنگەنمەن. چوڭ بۇلۇپ، ئىنتېرنىت ئىشلىتىشنى ئۈگىنىپ گوگىل غا كىرىپ نەرسەئىزدەشنى ئۈگىنىپ بارلىق ئاماللارنى قىلساممۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنىتاپالمىغاندا ھەيران قالغانىدىم. كىيىن بىلسەم ئامرىكىدا مەخسۇس ”دۆلەتلىك ئاتۇمتەتقىقات ئورنى“ دەپ يەرمۇ يوقكەن، نوبىل مۇپاكاتىغا نامزاتىغا ئىرىشكۈچىلەرنىڭتىزىملىكىمۇ 50 يىل مەخپىيەتلىك قىلىپ ساقلىنىدىكەن. تېخى بىرەر-ئىككى يىلئىلگىرى، ئۈزەم ئوپتىكا ساھەسىگە كىرىپ رەسمى مۇشۇ تۈردىكى ماقالىلەرنى ئوقۇشقاباشلىغاندىن كىيىن ئاندىنئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئاتۇم نەزىرىيسى بىلەن ئەمەس ئوپتىكا ئىنژىنىرلىقى بىلەنشۇغۇللىنىدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ NASA (ئامرىكا دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى) ئىشلەيدىغانلىغىنى ئوختۇم. يەنە بىر كۈپ ئاڭلىغىنىم ”ياپۇندامۇختەر دەپ بىر ئالىمىمىز موختەر چوڭ تەلىماتى دەپ بىر تەلىمات ئوتتۇرىغا قويۇپقىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپتۇ، ئالىملار ئاغزىنى ئېچىپ قاپتۇ، نوبىل مۇكاپاتى كومىتىتىدىكىلەر ئويلىشىۋېېتىپتۇدەك “ دىگەن گەپ. كىيىن مەن بۇ توغرىلىقمۇ خېلى جىق ئاختۇرۇپ باقتىم، مۇختەركىمىز يازغانماقالىلاردىن تاپتىم، لېكىن ھېچ يەردىن ئۇنداق دەپ ئاتالغان تەلىمات بارلىغىنىتاپالمىدىم. نوبىل كومىتىتىدىكىلەرنىڭ قانداق ئۇيلاشقانلىقىغا ئائىتمۇ ھېچيەردىنتاپالمىدىم. مەن بۇ يەردە بۇ ئىككى ئالىمىمىزغا نىسبەتەن ھۈرمىتىمنى بىلدۈرۈشبىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىپ يۈرگەنلەرنىڭمۇھاياجانلىنىپ يۈرمەسلىگىنى ئۈمىت قىلىمەن. رەسمى ھاياجانلىنىدىغان كۈنلەرمۇ كەپ قالار. ئىچكىردەئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. بىريىلى تەتىل قىلىپ يورتقا قايتسام بىر ئاغىنەم بىلەن پاراڭ قىلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇئۈزىنىڭ بىر ئالىم سۈپەت ئادەمنى تونۇيدىغانلىغىنى، يىقىندا ئۇ ئادەمنىڭ چوڭ بىرقىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىغىنى، ئەگەر شۇ مەسىلىلىرىنى خەلقاراغا ئاڭلىتىشقانىسىپ بۇلسا ئۇ ئادەم چوقۇم نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىدىغانلىغىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىدەمىنىڭ ياردەمدە بۇلۇشۇم كىرەكلىگىنى دىدى. ئاغزىمنى ئېچىپ ھاڭ-تاڭ قاپتىمەن. ئۇنىڭدىيىشىچە ئۇ ئادەم مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا جىق ئازاپ تارتقان، ئۇنىڭدىن كىيىنقايسىدۇر بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھۈكۈمەتتىمۇ ئىشلىگەن، ئىشتىن سىرتئىلىم-پەنگە ئائىت كىتاپلارنى قولدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان دىندىمۇ، پەندىمۇ تەڭيىتىشكەن ئادەم ئىكەن. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر ئىكەن. مىللەتنىڭ ”ئولۇغ ئىشلىرى“ غا دەخلىقىلماسلىق ئۈچۈن شۇ ھامان ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەتىسىمۇ بىر كۈنى ئۇ ئادەمنىڭئۈيىگە باردۇق. قارىسام 60 ياشلارغا كىرىپ قاپتۇ، قانداقتۇر بىر كىسەل بېسىۋىلىپ سالامەتلىگى ناچار ئىكەن. قىزغىن كۈتۈۋالدى. پاراڭلاشتۇق. بىردەملىك پاراڭدىن كىينن رەسمى تىمىغا كۈچتۇق. ئۈيىدىكى ساقلىۋالغان كىتاپلىرىنى كۈرۈپ چىقتىم، ھەقىقەتەن جىق كىتاپ ساقلاپتۇ. بولۇپمۇ شۇ زاماندا ئويغۇرچە تېپىلىدىغان پەن تېخنىكىغا ئائىت كىتاپلارنىڭجىقلىرىنى تاپقىلى بۇلىدىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ دىيىشىچە “ ئۇ ئىككى يىللار بۇرۇن بىلىمكۈچ ژورنىلىدىن ‘دۇنيائىلىم پېنىدىكى تېخى ھەل بولمىغان 10 چوڭ مەسىلە’ دىگەن بىرماقالىنى ئوقۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشتىياقى توغۇلۇپ ئۈزى ھەپىلىشىپ چۈشىنەلىگىنىمچەچۈشىنىپ باقاي دەپ ھەپىلىىشپ شۇ چاغقىچە بۇلارنىڭ ئىچىدىن تۆتنى ھەل قىپتۇ. قالغان مەسىلىلەرنى ھەلقىلىشقىمۇ كۈزى يىتىدىكەن. لېكىنھازىر سالامەتلىگى يار بەرمىگەچكە توختاپ قاپتۇ. شۇنداقتىمۇ شۇ 4 مەسىلە خەلقارانىڭقوللىشىغا ئىرىشسە نوبىل مۇكاپاتى دىگەن ياندىكى گەپ بۇلىدۇ. بۇ مەسىلىنى سورىسامبىرسى ۋاقىت تونىلى، ۋاقىتنىڭ كەينىگە مېڭىشى، يۇرۇقلۇقنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق خۇسۇسيىتىدىگەندەكلەر ئىكەن ، قالغانلىرى ئىسىمدە قالماپتۇ. ئۇنىڭ دىيىشىچە يۇرۇقلۇقنىڭئىككى ياقلىمىلىقى دىگىنى ئىنسانلارنىڭ خاتا چۈشىنىۋالغىنى ئىكەن. بۇنىڭغا ئازراقئۈزىنىڭ كۈز قارىشىنى قويۇپ ئۈتتى. يەنە بىر ئىنىق ئىسىمدە قالغىنى “ يەرشارىنىڭئۈز ئوقىدا ئايلانغاندىكى تەكشىلىك بىلەن بۇلغان يانتۇلۇقى 30 گىرادوس بۇلۇشىكىرەك. ئالىملارنىڭ ئۈلچەپ چىققان 20 نەچچە گىرادۇس (22.1° ۋە 24.5° بولۇپ، پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرەيدۇ)گىرادۇس دىگىنىدە چوقۇم مەسىلە بار. خاتائۈلچىگەن بۇلۇشى مۇمكىن “ نىمىشقا“ دىسەم بۇنىڭغا ئازراق پەرىزىنى قويۇپ ئۈتتى ۋە دىننى جەھەتتىن چۈشەندۈردى. مەنمۇجىق تالاشمىدىم ۋە ئۈزىنىڭ تەييار بۇلغان خالىغان بىر نەتىجىسىنى ماقالە قىلىپيېزىپ ماڭا تەييارلاپ بىرىشىنى، ئەگەر راستلا قايىل قىلارلىق بۇلسا مەن خەنزۇچىغائەمەس بىۋاستە ئىنگىلىسچىغا ئۈرۈيدىغان ئادەم تېپىپ خەلقارادا ئىلان قىلىدىغانغاكۈچ چىقىرىدىغانغا ۋەدە بەردىم. ئۇ ئادەممۇ تىزكەن، 3 كۈنگە قالماي كومپىيوتېردائورۇلغان قەغىزىنىڭ بىر يۈزىگە بېسىپ چىقىرىلغان 15 بەت ئەتراپىدىكى بىر پارچە ماقالىنى قولۇمغا تەككۈزدى. مەن قولۇمغائالغان ھامان توختاتمايلا ئوقۇپ چىقتىم، ئوقۇپ چىقىپ بولۇپلا ئىنتايىنئۈمىتسىزلەندىم. ماقالە بىر خىل بىلىم كۈچ ژورنىلىدىكى ماقالىلەرنىڭ شەكلىدە بايانقىلنىپتۇ، يېزىش ئوسلۇبىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئوتتۇرىدا مەلۇم نەرسىنى پەرەز قىپتۇھەم مەلۇم ھادىسىلەرنى مىسالكەلتۈرۈپ شۇنى دەلىللەپتۇ. ئەمما بۇنى ئىلمى نوقتىدىن قارىغاندا بىر پارچە ماقالەدىگىلى بۇلمايتتى. ماقالە دىگىلى بولمىسىمۇ مەيلى ئىدى، ئۇنى مەن ئۈزەم ۋە ياكىباشقىلار ماقالە قىلىپ چىقالايتتۇق . ئەڭ مۇھىمى يەرشارى نىمىشقا ئايلىنىدۇ دىگەنبىر گەپنى بىلىم كۈچ ژورنىلى ئادەتتىكى بىر گەپلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگەچۈشەندۈرگەندەك ئۇمۇ شۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ. يىغىپ كەلسەك ياكى نەتىجىسى ئىنىقئەمەس، نىمىشقا شۇندا بۇلىدىغانلىغى توغرىلىق ھېچنىمە يوق، پۈتۈنلەي پەرەز بىلەنتولغان. ھەقىقى فىزىكا بىلەن يىقىن كىلىدىغان يىرىمۇ يوق. شۇنداقتىمۇ بىر نەچچەكۈن قايتا قايتا قولۇمغا ئېلىپ بىر نەرسە ئىزدەپ باقتىم. ھىچنىمىگە ئىرىشەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوستۇمغا بۇنىڭ بولمايدىغانلىغىنى، نوبىل مۇكاپاتىغا ماس كىلىدىغاننەرسىلەرنىڭ بۇنداق بۇلمايدىغانلىغىنى، نىيوتۇننىڭ قانۇنلىرىنى ئىسپاتلىغاندەكئىسپاتلار بۇلسا ئاندىن بۇلىدىغانلىغىنى ، شۇنداقتىمۇ مەن چۈشىنەلمىگەن بۇلۇشۇممۇمكىنلىگىنى دەپ شىنجاڭ داشۈدىكى مەلۇم بىر چەتئەلدىن يىڭى قايتىپ كەلگەنبىرسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرسىنى بەردىم ۋە ۋاقىت چىقىرىپ ماقالىنى يېزىپ شۇنىڭغاكۈرسىتىپ بېقىشنى ئىيتتىم. كىيىن ئۇلار بىر ئايغا قالماي شۇنىڭغىمۇ كۈرسىتىپتۇ. ئۇمۇ چىرايلىق گەپلەر بىلەن يەنىمۇ تىرىشىڭلار دەپ قايتۇرۇپتۇ. شۇۋاقىتلاردا بىر مەزگىل كۈڭلۇم شۇنداق يېرىم بۇلۇپ يۈردى. ئۇ ئادەمنىڭتىرىشچانلىغىغا مەن شەكسىز ئىشەندىم. شۇنداقلا بىلىمىنىڭ موللىقىغىمۇ ئىشەندىم. لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ بىلىم ئېلىش دائىرسى شۇ ۋاقىتتا چىققان پەننى ئومۇملاشتۇرۇشكىتاپلىرى ۋە ژورناللىرى بىلەن چەكلىنىپ قالغان. ئۇ كىتاپلار نەرسىلەرنى بەك ئاددىتىلدا ئاددى يوللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان بولغاچقا ئۇ ئادەممۇ شۇنداق ئاددىئويلاپ قاپتۇ. مەسىلەن كىتاپلاردا مۇندا چۈشەندۈرلىدۇ؛“ يۇرۇقلۇقنى نىيۇتون زەررىچەدىگەن، مەسىلەن بۇنىڭ ئىپادىلىنىشى مۇنداق مۇنداق…، 100 يىللار ئۈتكەندىن كىيىنھۇيگىنىس يۇرۇقلۇقنى دولقۇن دىگەن، مەسىلەن بۇنىڭ ھادىسىلىرى مۇنداق مۇنداق..، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىينىشتىيىن ئىلمى خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق يۇرۇقلۇق ھەمزەررىچە، ھەم دولقۇن، بۇلار يۇرۇقلۇقنىڭ ئىككى خىل خۇسۇسيىتى “ . قارىساق بىرسىدولقۇن دەپتۇ، بىرسى زەررىچە دەپتۇ، ئىككىلىسى بۇلۇش ئىھتىماللىقى بۇلسا نىمەبوپتۇ دىگەندەك خۇلاسىغا كىلىپ قالىمىز.ئۇ ئاكىمىزمۇ ئەنە شۇنداق ئويلىغان. ئەمەلىيەتتە ئىينىشتىيىننىڭ قانداق ئىلمى خۇلاسە چىقارغىنىنى رەسمى چۈشىنىش ئۈچۈنئالى مەكتەپتە تاييارلىق سىنىپتىن سىرت ساقئىككى يېرىم يىل ماتىماتىكا، فىزىكائوقۇغاندىن كىيىن ئاندىنچۈشەنگىلى بۇلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىدىمۇ قانۇنلارنىڭ كەلتۈرۈپچىقىرىلىشى ناھايتى ئاددى ھالدا چۈشەندۈرلىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ قانۇنلارنىڭرەسمى كەلتۈرۈپ چىقىرىلىشى ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس. شۇنى دىمەكچىمەنكى بىزدەچىقىۋاتقان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاپلىرىغا قاراپ ”شۇنداق ئىشلار بۇلۇۋىتىپتۇ“ دەپ چۈشەنسىڭىز بۇلىدۇكى ھەرگىز ئۇنىڭ كەلتۈرلۈپ چىقىرىلىش جەريانىنى ئۇندائاددى چۈشىنىۋالسىڭىز بۇلمايدۇ. ئىشەنمىگەنلار ئالى مەكتەپنىڭ فىزىكا كىتاۋىنىۋاراقلاپ باقسىڭىزلا ئىشىنىسىز. ئۇ ئادەمنىڭ يەنە بىر جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالغانيىرى شۇكى، ئۇ يەرشارىنىڭ قيپاش بۇلۇڭى 30 گىرادوس بۇلۇشى كىرەك، ئالىملار كەلتۈرۈپچىقىرىۋالغان 20 نەچچە گىرادوس دىگىنى خاتا. فىزىكىدىن ئازراق خەۋىرى بارلاردىنمەلۇمكى ئاستىېرنومىيە ئىنسانلاردا ئەڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن بىر قەدەر ئالدىدا ماڭغانپەن. بۇرۇنقى ئىنسانلارنىڭ ئۈلچەشلىرىنى بوپتۇ خاتا بوپ قالغاندۇ دەپمۇتۇرايلى، شۇ 90-يىللىرىدىكى تېخنىكا سەۋىيسى ئېشىپ ئالەمنىڭ قىرغىقىنى تەكشۇرۋاتقان ، بۇندا نەرسىلەرنى تەكشۇرگەن نەتىجىلەر گىرادوس ئىنىقلىقى ئەمەس گىرادوسنىڭ 100دىن بىرىدىنمۇ كىچىك ئىنىقلىقتا بۇلىدىغان زاماندا ئۈزىمىز تۇرۋاتقان يەرشارىنىڭ بۇلۇڭىنى 7 گىرادوس خاتا ئۈلچەپ قويارما. 60-70 يىللار بۇرۇن ئېينىشتىيىىن يۇرۇقلۇقمۇ ئەگرىلىنىدۇ دىگەن نەتىجىسىنىتەكشۇرۇپ دەلىللىگەندە شۇ ئىگىلگەن ئەگرىلىكمۇ بىر گىرادوستىن كىىچك ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئاكىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا، نۇپۇزغا جەڭ ئىلان قىلىش روھىغاھازىرمۇ ئاپىرىن ئوقۇيمەن. ئۇندىن كىيىن مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ پىزىكا پاكولتىتىغا ئىشقا چۈشتۈم ۋە پات پات ”پالانچى ئىينىشتىيىننىڭ نىسبىسلىك نەزىرىيسنى ئۈرۈۋىتىپتۇ، پالانچى يىڭى تەڭلىمە چىقىرىپتۇ “ دىگەندەك گەپلار قولاققا تولا كىرىدىغان بوپ قالدى. ھەممىدىن قىززىق بىر ئىش 2004-يىللىرىدىكى ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈزەميالغۇز ئۈزەمنى بازارغا سېلىپ چۈرگىلەپ كىتىپ بارسەم سەنشىخاڭزىدىكى پايپاقچىلارئالدىغا كەلگەندە بىرسى قولۇمغا بىر ئىلاندەك بىر ۋاراقنى تۇتقۇزۇپ قويدى، مەنمۇقارىمايلا كۈتۈرۋالغان قەغەز سومكىغا تاشلىدىمدە يولۇمغا راۋام بۇلدۇم.مەن ئادەتتە خەقلەر بۇنداق ئىلانلارنى تەڭلىسە ئالماي بېشىمنى چايقاپ قويۇپكىتىۋىرىشكە ئۈزەمچە خىجىل بوپ قالىمەن. شۇڭا يولدا ماڭسام خەق تەڭلىگەن نەرسىنىڭھەممىسىنى ئېلىۋىرىپ كۈتۈرۋالغان بىر نەرسىگە تاشلاپ مېڭىۋىرىمەن. داشىمېن، خوڭچىلۇلاردا مېڭىپ قالسىڭىز بۇنداق نەرسىلەرنىڭ جىقلىغىدىن سومكىڭىزغىمۇ پاتمايقالىدۇ. ئەگەر خوتەن بۇلغان بۇلسا ئانام بىرەر ئاي مەشكە ئوت تۇتاشتۇراتتىغۇدەيمەن. شۇنداق قىلىپ سەنشىخاڭزىدىن ئالغان نەرسىىنىمۇ سومكامغا تاشلاپ كەچتەئويقۇم كەلمەي كارىۋاتتا يېتىپ يىغىپ كەلگەن قەغەزلەرنى ئوياقتىن بۇياققا تاشلاپكۈز يۈگۈرتۇپ ئولتۇرسام ئويغۇرچە بىر قەغەزگە كۈزۇم چۇشۇپ قېلىپ ئېلىپ ئوقۇپ باقايدەپ ئوقۇدۇم. ئۇقۇپ بۇلۇپلا بىر قېتىم ئوقۇپ ”قانماي“ يەنە بىر نەچچە قېتىمئوقۇدۇم. ھەيرانلىقىمدىن ياقامنى چىشلىدىممۇ تاڭ ئۇخمايمەن. بۇ قەغەزدىكى تولۇق گەپ ئىسىمدە قالماپتۇ. ئاساسى مەزمۇنى تۈۋەندىكىچە: “مەنپالانچى بۇلىمەن، سانجىنىڭ مۇنداق يىرىدىن، كىچىگىمدىن ئىلىم-پەنگە قىززىقىمەن، شۇڭا ئىلىم-پەننى تىرىشپ ئۈگەندىم، بۇيىل 17 ياشقا كىردىم. ھازىرغىچە 3 تۈردىنكەشپىيات يارىتىپ پاتىنىت ئالدىم (ياكى ئالغىلى قوپتۇممۇ شۇنداقراق). مەن يىقىندافىزىكىدىن بىر چوڭ تەتقىقات تىمىسىدا تەتقىق قىلىپ زور بايقاش ھاسىل قىلدىم، لېكىنشارائىتىم ناچار، ئىقتىسادى ئاساسىم تۈۋەن بۇلغاچقا بۇ تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇشقائامال بۇلماي بۇ تەتقىقات توختاپ قالدى، بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاخىرىنى چىقارساملادۇنيادا چوڭ زىلزىلە يۈز بىرىدۇ. مەن يەنە ئۈچ يىلغا قالماي نوبىل مۇكاپاتىئالالىشىمغا ئىشەنچىم كامىل. شۇ ۋاقىتتا ئويغۇرلارمۇ نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلارقاتارىغا قېتىلىدۇ. شۇڭلاشقا مىللەت سۈيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا ئىقتىسادى جەھەتتەياردەم قىلىپ بۇ تەتقىقاتنى تۈگىتىشىمگە ھەمدەمدە بۇلىشىنى سورايمەن. ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى: ……….. بانكا ھىساۋات نۇمۇرى: …………… ”. ھا ھا، توغۇلۇپ تېخى شۇكەمگىچە بۇندا قىززىقچىلىقنى كۈرمەپتىكەنمەن. قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. يەنە بىردەمتۇرۇپ ياكى ”ئېينىشتىيىندەك بىرسى چىقتىمۇ“ يا دەپ ئويلاپمۇ قويدۇم. نىمە دىگەن قىززىقئىشلار. ئەسلى مۇنداقلا تاشلىۋەتسەممۇ بۇلاتتى. شۇنداقتىمۇ باشقىلار چاخچاق قىلغانبۇلسىمۇ بىر سۈرۈشتۈرۈپ باقاي دەپ ئۇ قەغەزنى ئاۋايلاپ سېلىپ ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇنئىشخانامغا كىرسەم دوكتۇر پەرھات مۇئەللىم باركەن. ”ۋاي پەرھادكا، سىزگە ئالاھىدەخوش خەۋەر بار، ماۋۇنى ئوقۇڭ“ دەپ قەغەزنى بەرسەم ئۇمۇ قىززىقىپ ئوقۇپ كەتتى ۋە بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلايلى دەپ ئويلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەسلەھەتلىشىپ قالدۇرغان تېلفۇنغا تېل قىلدۇق. تېلفۇننى بىر ياشتا چوڭراق ئايال ئالدى. سانجىنىڭ قايسىدۇر بىر يېزىسىدىكەن. بىز ئۇنىڭغا بالىسى تارقاتقان قەغەزنىكۈرگەنلىكىمىزنى، بالىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇغانلىغىمىزنى، شۇنداقلا ئۇنىڭقابىلىيتىگىمۇ شەكسىز ئىشىنىدىغانلىغىمىزنى بىلدۈردۇق. بىزنىڭ شىنجاڭ داشۇ فىزىكافاكولتىتىدا ئىكەنلىگىمىزنى، بولسا بالىسى ۋاقىت چىقىرىپ بىز بىلەن بىر كۈرۈشۇپتەتقىق قىلىۋاتقان تىمىسى توغرىلىق بىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسا ، ئەگەر راستىنلابالىسى دىگەندەك شۇنداق ئىش بۇلسا بىزنىڭ ئۇنىڭغا تەجرىبىخانا دىگەندەك تەتقىقاتشارائىتى، دۈلەتنىڭ خىراجىتى دىگەندەك ئىشلاردا چوڭ ياردەم قىلىدىغانلىغىمىزنىدىدۇق. ئۇ ئايال بىر خىل قورقۇپ كەتتى ھەم ”بالام ئۈيدىن چىقىپ كەتكىلى ئۇزۇنبۇلدى، كۇچادا تۇرۋاتقان. ، مەنمۇ بالامنى كۈرمىگىلى خېلى بوپ قالدى، ئۈچ كۈن بىركەلگەن، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىغىنى مەن ئوخمايمەن “ دىدى. بالىسىنىڭ قېشىدائالاقىلىشىش تېلفۇنى بار يوقلىغىنى سورىساق بىلمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بالىڭىز كەپقالسا بىز بىلەن ماۋۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلاشسۇن دەپ تېلفۇن نۇمۇرىمىزنى دەپ بەردۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنىقلا ئالدامچىلىق ئىدى. مەن ساقچىغا خەۋەر قىلايلى، بۇندا ئۇسۇللاربىلەن خەقنى ئالداپ يۈرسە بولمايدۇ، ساقچىلار ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىپ باقسۇن دىسەم، پەرھادكام قۇشۇلۇپ كەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ”ھە ھۇ“ دەپ بىرىدىغان ئادەم يوقبۇلدى قىلدىم. شۇنىڭدىن كىيىنمۇ بىر نەچچە كۈن ئىشخانىنىڭ لەيدىيەن شىيەنشىئىكرانىدىن كەلگەن نۇمۇرلارنى تەكشۇرۇپ باقتىم. ئۇ بالا تېلفۇن ئۇرمىدى. قانچىلىق ئادەمنى ئالدىغانلىغىنامەلۇم. ئەگەردىگەنلىرى راس بولسا ئۇ بالاراستىنلار تىرىشچان بالا بولۇشى مۇمكىن، 3 تۈردىن پاتىنىت ئالدىم دىگەنلىرىدىنقارىغاندا مەلۇم ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە كاللىسىمۇ بار.بەلكىم. ئۇ پاتىنىتنىڭچوڭراقىنى ئالسا نوبىل مۇكاپاتى كىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. يىڭىدىن تۇتۇش قىلىۋاتقان كەشپىياتى بەلكىم جىق پۇل كىتىدىغان كەشپىيات بولسابەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن ئىئانە يىغاي دىگەندۇ. ئەگەر راسىتىنلا شۇنداق ئىش بۇلۇپ بىزبىلەن ئالاقىلاشقان بۇلسا روھى ئۈچۈن بۇلسىمۇ شۇ كەشپىياتى ئۈچۈن تەجرىبىخانىغا ئەكىرىپ لازىملىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكىلىقوياتتۇق. ئەمما شۇنى بىلىش كىرەككى، پاتىنىت، كىچىك كەشپىيات دىگەن باشقا نەرسە. نوبىل مۇكاپاتى دىگەن باشقا نەرسە. جۇڭگۇنى دىگەندىمۇ جۇڭگۇدا ھەر يىلى مىليۇندىن كۆپ پاتىنىت ھۇقۇقى بىرىلىدۇ. بۇلارنىنوبىل مۇكاپاتى بىلەن سېلىشتۇرۇش بىر تاغار قۇم بىلەن بىر قۇملۇقنى سېلىشتۇرغاندەكئىش. يەنە بىرى نوبىل مۇكاپاتى دىگەنگە بىر نەرسىنى ئىلان قىلسىڭىز شۇ ھامانئىرىشىدىغان ئىش يوق. نورمال ھىساپتا 15-20 يىل.جىق بۇلسا 30-40 يىل، ياكىئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن. شۇنچە نۇپۇزى يۇقىرى ئىينىشتىينغىمۇ 1905-يىلى ئىلان قىلغان نەتىجىسىگە 16 يىلدىن كىيىن 1921-يىلى مۇكاپات بىرىلگەن. ئۇ بالا 3 يىلغىچە ئالىمەن دىگىنى ئىنىقلا ئالدامچىلىق. شىنجاڭدا تولۇقئوتتۇرىدىمۇ ئوقۇمىغان 17 ياشلىق بىر بالىنىڭ كۇچانىڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇپئىلىم-پەندە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى يارىتىش مۇمكىنچىلىگى نۈل پېرسەن دىسەكئاشۇرۋەتكەن بۇلمايمىز. بىركۈنى مەن دەرىس بىرىۋاتقان سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى يەنەبىر دوستى بىلەن ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى، بۇ بالا ناھايتى تىرىشچان، نەتىجىسىمۇياخشى ئىدى. مۇنداقلا پاراڭلىشىشقا كىرگەن ئوخشايدۇ دەپ مەن بۇلارنىڭ ئەھۋالىنىسورىسام بۇ ئوقۇغۇچى چىرايىبىر خىل سۈرلۈك ھالەتتە ”مالىم مەن بىر ماقالە يازغانتىم، سىز ياشتا مەندىن جىقپەرىقلەنمىگەچكە سىزگە كۈرسىتىپ باقاي دىگەن“ دىدى، بۇنىڭ گىپى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلاقېشىدىكى بىر دوستى يەنە ”مالىم بۇنى پەقەت ئۈزىڭىزلا بىلىڭ، باشقىلارغا كۈرسەتمەڭ، چۇنكى بۇ ئەگەر توغرا بوپ قالسا نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشپ قېلىشى مۇمكىن“ دەيدۇ. تاس قالدىم ئايلىنىپ كەتكىلى. ھە، قېنى كۈرۈپ باقىلى دەپ ماقالىسىنى قولۇمغائالسام ماتىماتىكىغا ئائىت ئۇزۇن ماقالىكەن. شۇنداقلا كۈرۈپ بىر نەرسە دىيىشىمگەئىشىنەلمەي، مەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇبدانراق كۈرەي، قالغىنىنى ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتادىيىشمەيلىمۇ “ دىسەم ھە دەپ ئۇلار چىقىپ كەتتى. مەن قىلىۋاتقان جىددى ئىشىمنىمۇقىلغۇم كەلمەي ماقالىنى بىر باشتىن قۇرمۇ قۇر ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم. ماقالە خەنزۇچە يېزىلىپتۇ. ھەمتورغا كىرىپ ئاختۇرۇپ باقتىم. ئەسلى ئۇ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ماتىماتىكلارتەرىپىدىن ھەل قىلىنماي كەلگەن مەسىلەئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ قىززىقىپ تورنى بىر پەس ئاختۇرۇپ باشقىلارنىڭيوللىرى بىلەن تونۇشتۇم، ئۇندىن كىيىن بۇ بالىنىڭ ماقالىسىنى قايتا رەسمى تەپسىلىئوقۇدۇم. قارىسام ماقالىنىڭ بىرىنچى بەت بىرىنچى يولدىن تارتىپلا خاتالىق باركەن، يەنە ئۇ ئاساس دەپ قارىغان پەرەزنىڭ ئۈزىدىلا ئېغىر خاتالىق باركەن. شۇنىڭ بىلەنئەتىسى ئۇلارغا بۇ خاتالىقنى كۈرسىتىپ 30-40 مىنۇتتەك قەغەزدە ھىساپلىشىپ كۈرۈپ ئۇبالا راس خاتا بوپ قاپتۇ. مەن باشقا يول تاپىمەن دەپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ روھىغامەدەت بەردىم ۋە ماتىماتىكا فاكولتىدىكى تەجرىبىلىك مالىملاردىن مەسلەھەت سوراشنىتەۋسىيە قىلدىم. شۇغىنىسى ئۇنىڭ دوستى تېخى ماتىماتىكىدىن نوبىل مۇكاپاتىبەرمەيدىغانلىغىنى بىلمەيدىكەن. بىركۈنلەردە بىرسى ئىشخانىغا بىر نەچچە كۈن ئارقىمۇ ئارقا تېلفۇن ئۇرۇپ دوكتۇر ساھىپجامال مۇئەللىمنى ئىزدەيدىغانلىغىنى ئىيتتى. ( ئۇ كۈنلەردە ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسى بىلەن مىنىڭ ئىشخانام بىر تېلفۇن سىمىغائىككى تېلفۇن ئۇلاپ بىللە ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى) . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇئادەمگە بىرەر ئۇختۇرۇپ قويىدىغان ئىشلار بۇلسا ماڭا دەپ قويسىڭىز مەن يەتكۈزۈپقوياي دىسەم ئۇ ”سىزمۇ مۇشۇ فاكولتىتتا ئىشلەمسىز“ دەپ سورىدى، مەن ”شۇنداق“ دىسەم ”ئەمىسە سىزگە دەۋىرەي“ دەپ مەقسىتىنى ئىيتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۈرۈمچىدىكى بىرپۇل مۇئامىلە ئورگىنىدا ئىشلەيدىكەن. فىزىكىغا بۇرۇندىن تارتىپ ئامراقكەن. ئۇيىقىندا ئىشتىن سىرت ۋاقىتلىرىدا ئىينىشتىيىننىڭ تار مەنىدىكى نىسبىلىك نەزىرىيسىنى ئۈگۈنۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ ئىينىشتىدىن ئوتتۇرغا قويغانماسسا-ئىنىرگىيە تەڭلىمىسدە خاتالىق بارلىغىنى بايقاپتۇ ھەم ئۇنى ئۈزگەرتىش كىرەكدەپ قارايدىكەن. قاراپ باقسام بۇ ئىش بەك چوڭ ئىشكەن. شۇڭا بۇنى تېلفۇندا دىيىشپبولغىلى بۇلمايدىغانلىغىنى، ئىلاجى بۇلسا كىلىپ ساھىپجامال مۇئەللىم بىلەن تەپسىلىدىيىشىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئاخىرى قانداق بۇلدى كىيىن سۈرۈشتۇرۇپ باقماپتىمەن. ئىشقىلىپ 10نىڭ توققۇزى يەنىلا قۇرۇق ھاياجان. يەنە ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھەر يىلى ئانچە مۇنچە شۇنىڭغا ئوخشىغان ماقالىلارنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن، ھازىرغىچە كەم دىگەندە 20 دىن ئارتۇق ئادەمدىن شۇلارغا ئوخشاش ماقالىلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىمەن. . ئاخرىقى سۈز سۈزلەپكەلسەك، ھەممەيلەن ئاڭلىغانلىرىمىزنى يىغىپ كەلسەك بۇنداق ئىشلاردىن بىر پاتمانچىقىشى تۇرغانلا گەپ. ئەدىبىياتچىلىرىمىزدىن بۇ مۇكاپاتنى ئىلىش ئۈچۈن يېزىقچىلىققىلىمەن دىگەنلەر بارمۇ يۇق ئىنىق ئوخمايمەن، يۇقلىقىغىمۇ ئىشەنمەيمەن. شۇمۇكاپاتنى ئالىمەن دەپ ئىرادە قىلغانلارنىڭ ئىرادىسىگە، غەيرىتىگە، شۇ ئارقىلىقمىللىتىمنىڭ يۈزىنى كۈتۈرىمەن دەيدىغانلارنىڭ مىللى روھىغا تەشەككۇر ئىيتىشكىرەك.لېكىن شۇنى ئىتراپ قىلماي بۇلمايدۇكى، نوبىل مۇكاپاتى ئۇنداق ئاسانكىلىدىغان نەرسە ئەمەس.يالغۇز ئىرادە بۇلسىلا، مىللەت دىسە مەيدىنى يېرىپ يۈرەكنىقولغا ئېلىپ بەرگۈدەك بۇلۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇ مۇكاپاتقا لايىق كەلگۇدەك نەتىجىلەرنىڭ چىقىشى ئۈچۈن شۇنىڭغا ماسكىلىدىغان مۇئەييەن شارائىت بۇلۇشى كىرەك. ئۇ شۇ شەخسنىڭ قابىلىيتى، ئىرادىسى، تەربىيلىنىشى دىگەنلەرگە باغلىق بۇلغاندىن سىرت يەنە بۇ شۇ جەميەتتكى مائارىپنڭتەربىيلەش كۈچى، ئىقتىساد، شۇ قەۋمنىڭ ئىجتىمائى ساپاسى، ياشاۋاتقان جەميەتنىڭ پەن -تېخنىكا مۇھىتى دىگەندەك كۈپ تەرەپلىمىلەرگە باغلىق بۇلىدۇ. پاكىستانلىقئابدۇسالام نوبىل مۇكاپاتى ئالدى دىگەن بىلەن ئۇ ئۇلارنى ئەنگىليەدە كامبىرىجغا ئوخشاش دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ ۋە تەتقىقات قىلىپ ئالغان. مىسىرلىق، جۇڭگۇلۇق نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلارمۇ ئامرىكىنىڭ شۇنداق يۇقىرى سەۋىيدىكى تەتقىقاتئورۇنلىرىدا تەربىيلىنىپ ئۈگىنىپ ئالغان. باشقا تەرەققى قىلىۋاتقان دۈلەتلەردىنئالغانلارمۇ ئاساسەن شۇنداق. بۇ ئىشلار بىر شەخىسكە تەۋە ئەمەس بەلكى شۇ جەميەتكەتەۋە ئومۇمى ئىشلاردۇر. شىنجاڭنىڭ پەن تېخنىكا مۇھىتىدىن تېخى سۈز ئاچقىلىبۇلمايدۇ. شۇنچە تەرەققى قىلىپ كىتىپ بارغان جۇڭگۇدىنمۇ تېخى بىرسى ئالغىنى يوق. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا شىنجاڭغا مىنىڭچە خېلى ئۇزاق زامانلار بار.ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقىتىسادى تەرەققى قىلىپ ھىچ بۇلمىسا جۇڭگۇنىڭ ئوتتۇرىچەسەۋىيسىدىن ئاشسا، كىتاپخانىلارنىڭ ھەممىسىنى شىئىر، قوشاق رومانلار ئەمەس پەنتېخنىكا كىتاپلىرى قاپلىسا ھەم بېسىلىپ قالمىسا، جاي- جايلاردا ، تەتىللەردەئونۋېرسىتىت پىروفىسسورلىرى ئىلىم-پەندىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغاقىزىقارلىق دوكلاتلارنى بەرسە، شىنجاڭدىكى ئۇنۋېرسىتىتلار جۇڭگۇدىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرسە، ھەم شۇسەۋىيەدە يىلىغا نەچچە مىڭلاپ ئويغۇرلارنى تەربىيلىسە، بۇلارنىڭ ئىچىدىن نەچچە يۈزىئامرىكا، ياۋرۇپا، ياپۇنىيەدىگەندەك پەن تېخنىكىسى ئىلغار دۈلەتلەرنىڭ دۇنيادىكىئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنۋېرسىتىتلىرىغا كىرىپ ئالى مائارىپ تەربىيىسىئالسا، نوبىل مۇكاپاتى سەۋىيسىدىكى ئالىملار بىلەن خىزمەتداش بولۇپ بىللە ئىشلىسەئۇندىن كىيىن ئويغۇرنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئالىدىغان ۋاقىتلىرى كىلىدۇ. شۇ ۋاقىتكىچەتىنىم تاپماي تىرىشىشقا ، ساغلام بۇلغان جەميەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ كۈچسىڭدۇرۇشىغا توغرا كىلىدۇ. بىر دۈلەتتىن نوبىل مۇكاپاتى چىقسا ئۇ مۇكاپات ئىنتايىنكۈچلۈك ئاساسقا قۇرۇلغان بۇلىدۇ،ئۇ مۇكاپاتقا شۇ مىللەت ۋە رايۇندىكى نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ ۋاستىلىق ياكى ۋاستىسىز ئەمگىكى سىڭگەن بۇلىدۇ. بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ قويۇش كىرەككى، پاكىستانلىق ئابدۇسالام نوبىل مۇكاپاتى ئىلىش چوڭ ئىش، لېكىن ئۇنى نىشان قىلىۋىلىشتوغرا ئەمەس. بىزدىن تۈركۈم تۈركۈملەپ ئالىم، ئىنژىنىرلار، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار، باشقۇرغۇچىلار، كارخانىچىلار چىققاندا ، ساغلام جەميىتىمىز قۇرۇلۇپ شەيئى ھادىسىلەرگەتوغرا ئوبىكتىپ باھا بىرىش مىخانىزىمى ئورنىتىلغاندا، بالىلار ئاتا ئانىسنىڭكۈرسىتىپ بىرىشى بىلەن ئەمەس بەلكى جەميەتنىڭ نىمىنى ماختاپ كىتىۋاتقانلىغىغائاساسەن ىئۈزى ھۈكۈم قىلىپ شۇنىڭغا ئاساسەن ئالىم بۇلىمەن، كەشپىياتچى بۇلىمەن دەپ ئىرادە تىكلىگەندە ، كارخانىچىلار، بايلاردىن تارتىپ ئادەتتىكىمائاشچىلارغىچە يىلىغا مەلۇم پۇلىنى جەميەتنىڭ پاراۋانلىغى ئۈچۈن ئىئانەقىلالىغاندا، ئۈزى ئوقۇغان مەكتەپكە ئاتىيالىغىنىدا، نۇبىل مۇكاپاتى ياكى شۇسەۋىيەدىكى ئالىملار ئۈزلۈگىدىن چىقىدۇ.
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012-يىلى 15- يانۋار
ئاپتۇر: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
مەنبەلەر: [1] نوبىل موكاپاتى سىتاتسىكىسى، نوبىل مۇكاپاتى تور بېتى، تور ئادېرسى: http://nobelprize.org/nobel_prizes/nobelprize_facts.html [2]
يەھۇدى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىلەر ، تور ئادېرسى:
http://www.jinfo.org/Nobel_Prizes.html
دوسلارنىڭ ئويغىنىشىغا پايدىسى تەگسىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]