خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2011-10-26 14:50

ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گازلار

 

ھۆسناجى ئابدۇرېھىم

 سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز داشقال، كېرەكسىز گازلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىمۇ كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ، ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققىمۇ تەھدىت سېلىپ، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدەك بىنورمال ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

   ئۇنداقتا ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان گازلار قايسى؟

   كاربون چالا ئوكسىد

   كاربون چالا ئوكسىد كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق يېقىلغۇلارنىڭ چالا كۆيۈشىدىن ھاسىل بولىدۇ. كاربون چالا ئوكسىد قاندىكى ھىمىگلۇبىن بىلەن بىرىكىپ ئادەمنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ئاتموسفېرادىكى كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىقدارى %0.02كە يېتىپ، ئادەم بۇنداق مۇھىتتا ئىككى – ئۈچ سائەت نەپەسلەنسە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەنگەندە، ئادەمنىڭ كۆزى قارغۇ بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

   ئازوت ۋە گۈڭگۈرت ئوكسىد

   ئازوت ئوكسىد بىلەن گۈڭگۈرت ئوكسىدى ئاتموسفېرادىكى مۇھىم بۇلغىغۇچى ماددا بولۇپ، مېنېراللارنىڭ كۆيۈشى، سۇلفات كىسلاتا، نىترات كىسلاتا زاۋۇتلىرى ۋە ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قويۇپ بەرگەن گازلاردىن كېلىدۇ. گۈڭگۈرت () ئوكسىد ئاتموسفېرادىكى بۇلغىغۇچى ماددىلار ئىچىدە زىيىنى ئەڭ ئېغىر ھەم راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ماددا. ئازوت ئوكسىدلىرى ئادەم بەدىنىنى غىدىقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ زەھەرلىكلىكى كاربون چالا ئوكسىدنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازوت ئوكسىدلىرىنىڭ قاندىكى ھېمىگلۇبىن بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارى كاربون چالا ئوكسىدنىڭ بىرىكىش ئىقتىدارىدىن كۈچلۈك بولىدۇ.

   گالوگېنلىق كاربون ھىدرىتلار

   خىلورلۇق ئالكان (فىرىئۇن) ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلسە، ئاتموسفېرادىكى ئۇزون قاتلىمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئۇزون قاتلىمىنىڭ قۇياشتىن كەلگەن ئۇلتىرابىنەپشە نۇرنى توسۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىنسانلارنى تېرە راكىغا گىرىپتار قىلىدۇ.

   كاربون () ئوكسىد

   ئاتموسفېرادىكى كاربون () ئوكسىدنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە، پارنىك ئېففىكتىنى ھاسىل قىلىپ، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار