دۇنياۋى ئىلىم-پەن مۇكاپاتلىرى
نوبىل مۇكاپاتى:شىۋىتسىيىلىك خىمىيە ئالىمى نوبىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا فىزىكا،خىمىيە،مىدىتسىنا،فىزىئولوگىيە،ئەدەبىيات،تىنىچلىق ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت يەتتە تۇرلۇك مۇكاپات تەسسىس قىلغان.ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۇنى مۇاكاپات تارقىتىلىدۇ،مۇكاپات سوممىسى تەخمىنەن 200مىڭ ئامرىكا دوللىرى.
كرىفورت مۇكاپاتى:شىۋىتسىيلىك سودا-سانائەتچى كرىفورت تەسىسى قىلغان.ھەريىلى ماتىماتىكا،ئاستىرونومىيە،بىئولوگىيە،يەرشارى ئىلمىدىن ئىبارەت تۆت ساھە بويىچە كورىنەرلىك تۆھپە ياراتقانلارنى مۇكاپاتلايدۇ.سوممىسى 100ئامرىكا دوللىرى.
ۋىتتىرسون مۇكاپاتى:كولۇمبىيە ئونۋىرسىتىتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان مۇكاپات،يەرشارى ئىلمى ساھەسىدە كۆرۇنەرلىك تۆھپە ياراتقانلار مۇكاپاتلىنىدۇ.
ۋولف مۇكاپاتى:فىرانسىيلىك فىزىكا ئالىمى ۋولف تەرىپىدىن تەسسىس قىلىنغان 100ئامرىكا دوللىرىلىق بۇ مۇكاپات يىزائىگىلىك،فىزىكا،خىمىيە،مىدىتسىنا،ماتىماتكا ساھەسىدە كۆرۇنەرلىك تۆھپىسى بارلارغا تارقىتىلىدۇ.
گايىر دنىت مۇكاپاتى:كانادادىكى بىر مەخسۇس فوند جەمئىيەت تارقىتىدۇ،مىدىتسىنا ساھەسىدە كۆرۇنەرلىك تۆھپىسى بارلارغا تارقىتىلىدۇ.
خورۋىنتىس مۇكاپاتى:25مىڭ ئامرىكا دوللىرىلىق بۇ مۇكاپات كولۇمنىيە ئونۋىرسىتىتى تەرىپىدىن يىلدا بىر قىتىم مىدىتسىنا ساھەسىدە كۆرۇنەرلىك تۆھپە قوشقانلارغا بىرىلىدۇ.
كىتەي مۇكاپاتى:نيۇ يوركتىكى بىر مەخسۇس فوند جەمئىيتى تارقىتىدۇ.سوممىسى 100ئامرىكا دوللىرى بولۇپ روھى كىسەللەر ئىلمى بويىچە كۆرۇنەرلىك تۆھپىسى بارلار مۇكاپاتلىنىدۇ.
»شىنجاڭ ئۆسمۇرلىرى»گىزىتىنىڭ 2008-يىل 7-،8-ئايلىق يىغىندا سانىدىن ئىلىندى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]