كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان 20 كەشپىيات
ئامرىكىنىڭ "دەۋىر ھەپتىلىك ژورنىلى" ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى 10 يىللىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىدىغان 20 تۈرلۈك مۇھىم كەشپىياتلارنى تىزىپ چىققان بولۇپ،بۇ كەشپىياتلار شەكىلگە كىرگەن بولسىمۇ،ئەمما تېخى بازارلاشمىغان،بەزىلىرىنى ھەتتا تېخى ئوموملاشتۇرۇپ تەشۋىق قىلمىغان تۈرلەر بولۇپ،شۇنداق بولسىمۇ،ئەمما ئۇلار كەلگۈسى 10 يىلدا مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈش ئېھتىماللىقى بار كەسپىلەر ئىكەن.
1. يۇقۇرى ئېنىرگىيىلىك كۆپ قېتىم توك قاچىلىنىدىغان باتارىيە تېخنىكىسى
بۇ خىل تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ،توك سىغىمى يۇقۇرى،توك قاچىلاش تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن.ھەر خىل ئىلىكتىر بۇيۇملىرى ۋە قاتناش قوراللىرىغا قوللىنىشقا بولىدىكەن.
2. دېڭىز دولقۇن ئېقىمىدىن توك ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى
دېڭىز دولقۇن ئېقىمىنىڭ ئېنىرگىيىسى غايەت زور بولۇپ،دۇنيادا سانائەتلەشكەن دېڭىز دولقۇن ئېقىم ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلغىنى يوق،ھازىر بىر قىسىم دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەتلەردە سىناق باشقۇچتا بولۇپ،مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ،تۈنجى قەدەمدە قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
3. مىكرو تىپلىق مېدىتسىنا ئۈسكۈنىلىرى تېخنىكىسى
بۇ خىل ئۈسكۈنىلەر ھازىرقى كىسەل بايقاش تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ،مەسىلەن،كەلگۈسىدە ئىنسانلار تابلىت دورا شەكلىدىكى مىكرو ماشىنا ئادەملەرنى يۈتۈپ،بەدەننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى كىسەل ئالامەتلىرىنى ئېنىق بىلەلەيدۇ.
4. سترىئولۇق پرىنتىر
سىزگە قانداق بويۇم لازىم بولسا،بۇ خىل پرىنتىر سىزگە ئۇنى ئۇرۇپ چىقىرىپ بېرەلەيدۇ،ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەنئەنىۋى سودا قىلىش شەكلىڭىز ئۆزگىرىدۇ،يەنى سىزگە نىمە لازىم بولسا شۇنى پىرىنت قىلىپ چىقىرىسىز،سىزگە لازىملىقى پەقەتلا شۇ خىل بۇيۇمنى پىرىنت قىلىدىغان خام ماتىرىياللارلا بولىدۇ.
5. "ئەقىللىق"يانفون
تەسۋىرلىك سۆزلىشىش،تېلىۋىزور كۆرۈش،مۇزىكا ئاڭلاش،رەسىمگە تارتىش،تورغا چىقىش،خەرىتە ئىزدەش،ئويۇن ئويناش ۋە ھەر خىل ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلات ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلا يانفون ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.
6. بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ
قۇياش نۇرى ۋە شامال ئىنىرگىيىسىدىن بۆلەك،بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ ئىنىرگىيە ساھەسىدىكى ئۈچىنچى "نۇرلۇق يۇلتۇز"غا ئايلاندى،كەلگۈسىدە نۇرغۇنلىغان قاتناش قوراللىرى بۇ خىل يېقىلغۇنى قوللىنىدۇ.
7. ئېلىكتىرونلۇق ماشىنا
كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە،ئېلىكترونلۇق ماشىنا يەر يۈزىدىكى ئاسالىق قاتناش قورالى بولۇپ قالىدۇ،ئۇ پاكىزە ھەم ئاۋازى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ناھايىتى زور يۇشۇرۇن بازار تەرەققىياتىغا ئىگە.
8. ئېھتىياجغا قاراپ كۆڭۈل ئېچىش
قانداق تېلىۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز،پەقەت پۇل تۆلىسىڭىزلا بولىدۇ،ۋاقىت ۋە رايون تەسىرىگە ئۇچرىمايسىز،ھازىرقى تېخنىكا بىلەن بۇ نوقتىنى ئورۇندىغىلى بولمىغىنى بىلەن،ئەمما يېڭى بىر ئەۋلات تور مۇلازىمەت تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ نوقتىنى ئورۇنداشقا بولىدۇ.
9. نانومىتىرلىق مىكرو توك يول سېستىمىسى
نانومىتىرلىق مىكرو توك يوى سېستىمىسى ئېلىكترونلۇق بۇيۇملارنىڭ توك يولى ھەجىمىنى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىپ،مەركەزلەشتۈرۈپ،ئېلىكترونلۇق بۇيۇملارنىڭ ھەجىمى زور دەرىجىدە كىچىكلەپ،ئېغىرلىقى يەڭگىللەيدۇ،ئىقتىدارى تېخىمۇ تۇراقلىشىدۇ.
10. ئۆسمە كىسىلىنى داۋالاش تېخنىكىسى
ھازىرغا قەدەر ئۆسمە كىسىلىنى داۋالاش تېخنىكىسى تېخى بارلىققا كەلگىنى يوق،ئەمما بىر قىسىم ياردەمچى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بارلىققا كىلىشكە باشلىدى،بۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ،ئۆسمە كىسىلىنىمۇ داۋالاش مۇمكىن بولغۇسى.
11. دىققەتنى يىغىدىغان ئويۇنچۇق
دىققىتىنى يىغسىلا،بوتۇلكا ئىچىدىكى كىچىك شارەك لەيلەيدۇ،بۇ سېھرىگەرلىك ئەمەس،بەلكى كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئېلىپ بېرىدىغان "دىققىتىنى يىغىدىغان ئۇيۇنچۇق"،ئۇنى چوڭ مىڭە ئىلىكتىر دولقۇنى كونترول قىلىدىغان بولۇپ،بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن.
12. بەدەندىن توك چىقىرىش
يېنىڭىزدا نۇرغۇن توك قاچىلىغۇچلار بار،سەپەرگە چىقسىڭىز بىر دۆۋە توك قاچىلىغۇچلارنى ئېلىپ مېىڭىشقا مەجبۇر بولىسىز،ھالبۇكى بەدەن ھەركىتى ئارقىلىق توك ھاسىل قىلىىدىغان تېخنىكا سىزنى بۇ خىل غەملەردىن خالاس قىلغۇسى.
13. ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تور مۇلازىمىتى
ھازىر،توردا نۇرغۇنلىغان قامۇس تور بەتلىرى بارلىققا كىلىۋاتىدۇ،(مەسىلەن ۋىكى قاتارلىق تور بەتلەر)بۇ ھەم نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ماتىرىيال ئىزدەيدىغان مۇھىم مەنبەسى،بۇ خىل تېخنىكىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ،كىيىن ناخشا-مۇزىكا ۋە ھەر فىلىملەرنىمۇ ئورتاقلانغىلى بولىدۇ.
14. "تەسۋىرى"(غايىبى)مەھەللە
تۇرمۇشىمىز ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ئايرىلالمايدۇ،توردىكى "مەھەللە"لەر(مەسىلەن سەلكىن) تېخىمۇ ئوموملىشىدۇ،كىين ھەتتاكى بۇ خىل "مەھەللە"لەر ئارقىلىق خىزمەت تەقسىم قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
15. دۇنياۋى بانكا
ئىقتىسادى كىرزىس كىشىلەرگە دۇنياۋى بانكىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتتى،بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ۋە تېخنىكىسىنى يېڭىلىشىغا توغرا كىلىدۇ.
16. تۈر باشقۇرۇش
ھازىر كىشىلەر مۇقىم خىزمەت ئورنىدا ئىشلەشكە ئادەتلەنگەن،ھالبۇكى ياۋروپا ئەللىرىدە،بىر قىسىم خوجايىنلار "تۈر باشقۇرۇش"تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى.مەسىلەن،سىز بىرەر تۈرنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز،ئۆزىڭىز خالىغان كىشىلەرنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلالايسىز،تۈر تاماملانغاندا كۆپچىلىك تارقىلىپ يېڭى خىزمىتىنى ئىزدەيدۇ.
17. ئورتاق قاتناش
ۋېلىسىپىت،ماشىنىنى ھەممىلا كىشى سېتىۋالمىسىمۇ بولىدۇ،ئۇچۇر دەۋرىدە قاتناش قوراللىرى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ،كۆپچىلىك تور ئۇچۇرى ئارقىلىق قاتناش ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيدۇ،ۋېلىسپىت ئىجارىگە ئالىدۇ،ياكى بىر ماشىنىغا بىر نەچچە كىشى ئولتۇرۇشىدۇ،دۇنيادىكى بەزى شەھەرلەر بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قاتناش قىستاڭچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى.
18. دىۋەڭلىك كىسىلىنى داۋالاش تېخنىكىسى
كىلەركى 10 يىلدا دۇنيا ياشانغانلار دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ،قېرىلاردىكى دىۋەڭلىك كىسىلى نۇرغۇن ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ،شۇڭا بۇ جەھەتتىكى داۋالاش تېخنىكىسى ۋە دورىلار كۆپلەپ بارلىققا كىلىدۇ.
19. ساندۇق ئۆي
چوڭ يۈك ساندۇقلىرى ئارقىلىق ئۆي ياساش نۇرغۇنلىغان نامرات رايونلاردا قوللىنىشقا بولىدىغان ياخشى ئامال،ھازىر 30 كۇۋادىرات مىتىرلىق يۈك ساندۇقىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 70،000 خەلق پۇلىغا تەڭ كىلىدۇ،بۇ بەلكىم جۇڭگودا تېخىمۇ ئەرزان بولۇشى مۇمكىن.
20. سىمسىز تور تېخنىكىسى
ھازىر نۇرغۇن تور ئابونتلىرى سىملىق تور ئىشلىتىدۇ،ھالبۇكى تور تېخنىكىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ،كەلگۈسىدە كىشىلەر كومپۇتىرىنى ئېچىپلا سىمسىز تور مۇلازىمىتىدىن بەھرىنىلەلەيدۇ.
مەنبە:سەلكىن مۇنبىرى