خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بىزگە قانداق كەسىپ زۆرۈر

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-18 12:19

 
بىزگە قانداق كەسىپ زۆرۈر

   غۇنچەم ئەخمەت

بىزگە قانداق كەسىپ زۆرۈر

    بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىدە پەن – تېخنىكا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، قۇدرەت تېپىشىدا، ئۇنىڭ قانچىلىك ئالىم – مۇتەخەسسىسلىرى بارلىقىغا قاراش كېرەك، ئەمما ھازىر ئالىي مەكتەپكە كىرىشتە قانچىلىك ئوقۇغۇچى پەن – تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى تاللاۋاتىدۇ؟ كۆپچىلىكى ئاسان ئىشقا ئورۇنلىشىش، چەتكە چىقىپ ئوقۇش، ئەڭ تېز، ئەڭ ئاسان جان بېقىش يولىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ كەسىپ تاللاۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ قەلبىدە ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىش ئاخىرىغا يەتكىلى بولمايدىغان، پۇل تاپقىلى ۋە باشقا مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولمايدىغان بىر ئىش. ئامېرىكىدا ئوقۇپ كەلگەن بىر دوستۇم مۇنداق ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇلارنىڭ دوكتورلۇق يېتەكچى مۇئەللىمى ئىقتىدارلىق ئالىم ئىكەن، بۇ دوستۇم يېتەكچى مۇئەللىمىدىن: ‹‹سىز قانداق قىلىپ بۇ يولنى تاللاپ قالغان؟ ئاتا – ئانىڭىز سىزنى قانداق تەربىيەلىگەن؟›› دەپ سورىغىنىدا، يېتەكچى مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹ئاتا – ئانام مېنى ھېچقاچان تەربىيەلىمىگەن، دادام ھەر تەتىلدە مېنى زاۋۇتقا ئاپىرىپ، بۇرمىلىق مىخنى چىڭىتىدىغان ئىشنى قىلغۇزاتتى، بۇ ناھايىتى ئاددىي، لېكىن ئىنتايىن زېرىكىشلىك ئىش ئىدى، ئەتىگەندىن كەچكىچە شۇ بىر ئىشنى قايتىلايتتىم، شۇنچە نۇرغۇن بۇرما مىخنى چىڭىتىپ بولۇپ سائەتكە قارىسام، ئەمدىلا يېرىم سائەت ئۆتكەنلىكىنى كۆرەتتىم، ۋاقىتنى ھېسابلاش مەن ئۈچۈن ئازابلىق ئىش ئىدى، چىداپ بولالماي يىغلاپ سالاتتىم، مۇشۇنداق زېرىكىشلىك ئىشنى قىلىپ باققاچقا، پەن – تەتقىقات مەن ئۈچۈن ناھايىتى مەنىلىك، قىزىقارلىق، جەلىپكار تۇيۇلىدۇ، ئۇ كۈندە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يوشۇرۇنغان، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى چەكسىز مەنىلىك قىلدى›› دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش ھازىر يادىكەشلىك، يېشىغا ماس كەلمىگەن چۈشىنىكسىز فورمۇلا، قانۇنىيەتلەر بالىلاردا ئىلىم – پەنگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى قوزغاپ قويماقتا، ئىمتىھان ئۈچۈن چۈشەنمەي تۇرۇپ، مەجبۇرىي يادلىغان ساۋاتلار بالىلارنىڭ پەنگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىيالمىغاننى ئاز دەپ، بالىلاردا ئىلىم – پەندىن سەسكىنىش خاراكتېرنى پەيدا قىلىپ قويماقتا. نۇرغۇن بالا بۇ ‹‹تېگى يوق ھاڭ››نىڭ يېنىغا بارماي تۇرۇپلا قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا نۆۋەتتىكى ماددىي مەنپەئەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان، رەڭدار جەمئىيەتنىڭ ئابرۇيپەرەسلىك، پۇلپەرەسلىك خاھىشلىرى سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىدە يامان بىخ سۈرۈپ، ئۇلارنى تېزدىن نام چىقىرىپ، چولپان بولۇپ، ئېسىل تۇرمۇش قوغلىشىشقا قىزىقتۇرماقتا.

    ھەر قېتىملىق ئالىي مەكتەپ كەسىپلىرىنى تاللاش مەزگىلىدە، ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ بالىلارغا ئانچە جاپا تارتمايدىغان، خىزمەت تېپىش ئوڭاي بولغان كەسىپلەرنى تاللاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. ھازىرقى خىزمەت تېپىش بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتقان شارائىتتا بۇنى ئەلۋەتتە توغرا چۈشىنىش مۇمكىن. لېكىن يەنىلا ھەر بىرىمىزدە ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىز – باسارلىرى، ئۈمىدى بولغان ياشلىرىمىزنى پەن – تېخنىكا، تەتقىقات ساھەسىدىمۇ يېتىشكەن، ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىمىز بار. پەن – تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇق ئەمەس. بۇ ساھەمۇ بىزنىڭ ئېچىشىمىزغا، تەتقىق قىلىشىمىزغا، تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا موھتاج، ئوخشاشلا بىزمۇ بۇ ساھەگە موھتاج.

    تاراتقۇلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئالىملىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىزغا بولغان تەشۋىقات – تەربىيەسى سۇس بولغاچقىمۇ، پەرزەنتلەردە ئالىم بولۇش پەقەت يەتكىلى بولمايدىغان ئىشتەك تويۇلۇپ قالماقتا. تېلېۋىزورلاردا سەنئەتكارلارنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز، لېكىن يېنىمىزدىكى ئالىم – مۇتەخەسسىسلىرىمىز توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلار تولىمۇ ئاز. بۇمۇ بالىلاردا پەن – تېخنىكىغا بولغان سۇسلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەن – تېخنىكا، تەتقىقاتلار بىزدىن يىراقلاپ كەتمەكتە.

    شۇڭا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرگە توغرا تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى تەربىيەسى بېرىپ، پەن – تېخنىكا ئىگىلەشكە ئىنتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى زۆرۈر.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار