خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

cctvدىلا ياشىسام دەيمەن

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-11-21 23:22

 
 cctvدىلا ياشىسام دەيمەن
دىڭ دوڭ
بوزقىر تەرجىمىسى
 
بۇ يىل 5- نويابىر cctv ئەقىل ئامبىرى مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرۇپ ، پروگرامما ، رىياسەتچى ۋە قاناللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تۈرلەر بويىچە رازىمەنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى .
     بۇ دوكلاتنى cctv نىڭ باش تەھرىر ئىشخانىسى بازار بالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ لىجى ئېلان قىلغان بولۇپ ، دوكلاتتا « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» ، « قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت » ۋە « نۇرلۇق يول » قاتارلىق ئۈچ پروگرامما رازىمەنلىك دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.
      cctv نىڭ بۇ خىل ئەل رايىنى سىنىشى ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ، ئۇلارنى شۇ پىروگراممىلار راستىنلا قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمەلىيەتتە ، بۇ « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» نىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئاتتۇرغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ، بۇ سىرىتقا قارىتا تەشۋىقاتتىكى ئىزچىللىقتىن پايدىلىنىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىن ئېرىشكەن سانلىق ئاساسلارغا تايىنىپلا چىقىرىلغان خۇلاسىدۇر ، خالاس. يولداش ماۋزېدوڭ « تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان كىشىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ » دېگەن . بۇنداق دېگەنلىك  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئاندىن پىكىر بايان قىلىڭ ، بولمىسا قىلغان پىكرىڭىز چەك باسمايدۇ ، دېگەنلىكتۇر.
      كونىلاردا «مۈشۈككە ئويۇن ، چاشقانغا قىيىن  » دېگەن گەپ بار. cctv نىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە جىڭدا توختىمايدىغان تەركىپلەر كۆپ ، شۇڭا ئۇنى ئانچە ئىشەنىچلىك دېگىلى بولمايدۇ. ئاۋام – پۇخرا « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نى  ئۆزىنىلا ماقتاپ ، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتىپ ئوينايدىغان پىروگرامما ، دەۋاتقا يەردە يەنە ئۇنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلىۋالغىنى نېمىسى ؟
      ئىجتىمائىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىر تۈرلۈك مەخسۇس ماھارەت ھېساپلىنىدۇ . ئۇنىڭ جەريانى ئىلمىيمۇ –يوق؟ نەتىجىسى ئۈنۈملۈك بولدىمۇ-يوق ؟ ئاۋامنىڭ نەزىرىدىكى ئىشەنچلىك دەرىجىسى قانچىلىك ؟ قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىنىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ نېمىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ كىملەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ قانداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ دېگەندەك تەرەپلەرگە بېرىپ تاقىشىدۇ.
    كىملەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ دېگەننىڭ يادروسى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى بولغاندىلا ئاندىن ئىشەنچلىك بولغان ھېساپلىنىدۇ، دېگەنلىكتۇر. cctv ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بولسا ئۇنداقتا بۇ ئىچكىي قىسىمدا پايدىلىنىشقا تەۋە ئىش ھېساپلىنىدۇكى ، ئۇنى سىرىتقا ئاشكارە ئېلان قىلغاننىڭ ئانچە قىممىتى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋە ئانالىز قىلغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ماھارەتنى ئىگىلىگەن ئىگىلىيەلمىگەنلىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنىڭ موھىم كاپالىتىدۇر.
      نېمىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ دېگەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەسىلە كۆزدە تۇتىلىدۇ . cctv نىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدا خاھىشچانلىق ۋە ئاشكارىلىق قاتارلىق مەسىلىلەر دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئەل-ئاۋامنىڭ پوزىتسىيىسىنى توغرا ئىگىلىيەلىشى ناتايىن . شۇنداق ئىكەن ، cctv نىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتقانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن ئايانكى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى بىرەر مەھسۇلات ماركىسىغا خېرىدار ئىزدەش جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان  ئاممىۋى مۇناسىۋەت پائالىيەتلىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ.
      قانداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ دېگەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دائىرسى، ئوبىيېكتى ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئاشكارە بولۇشى كۆزدە تۇتىلىدۇ . ئەمما ، cctv بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشتىن بۇرۇن سىرىتتىكىلەر بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى قائىدىگە چۈشمىگەچكە ھەقىقى ئەھۋالنى ئىگىليەلمىگەن .
 قانداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ دېگەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دائىرسى، ئوبىيېكتى ھەممىدىن موھىم بولۇپ ، ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە . تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دائىرسىنى ئالساق ئۇ يەنە ئوخشىمىغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئوبىيېكىتلىرى ئارىسىدىكى رىقابەتچانلىق ، سېلىشتۇرۇشچانلىق  قاتارلىقلارنى ھازىرلىغان –ھازىرلىمىغانلىقىغىمۇ بېرىپ تاقىشىدۇ. مەسىلەن ، cctv نىڭ بىر پىروگراممىسى بىلەن خۇنەن تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەلۇم بىر پىروگراممىسىنى ئوخشاش نۇقتىدىن چىقىپ سېلىشتۇرسا ئادىللىق بولمايدۇ . چۈنكى ، ئۇلارنىڭ كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دائىرسى ئوخشىمايدۇ. يەنە مەسىلەن مەلۇم بىر تارقىتىش ۋاستىسىغا بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا رادىئو ، گېزىت ، توردىن ئىبارەت ئوخشىمىغان تارقىتىش ۋاستىلىرى ئارا ئېلىپ بېرىلسا ئاندىن بىر قەدەر ئوبىيېكتىپ ۋە ئىشەنىچلىك بولغان بولىدۇ . ئەمدى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئوبىيېكتىغا كەلسەك ، cctv دىن ئىبارەت بۇ تارقىتىش ۋاستىسىنىڭ  كۆرۈرمەنلىرىگە قارىتا  رازىمەنلىك دەرىجىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق . چۈنكى ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆرۈرمەنلەر تاللاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ ، پەقەت زورلاپ كۆرۈشكىلا مەجبۇرلانغان ( مەسىلەن ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدىغان  « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» نى كۆرۈش مەمۇريى بۇيرۇق ئارقىلىق زورلاپ تېڭىلغان ) . ئەمما ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرگۈچىلەردە ئاساسىي ئېتراپ مەۋجۇت. شۇڭا ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئوبىيېكىتلىرى بولغان كۆرۈرمەنلەرنى شۇ يەردىكى « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» دىن باشقا پروگراممىلارنىمۇ كۆرۈش شارائىتىغا ئىگە كۆرۈرمەنلەر توپىغىچە كېڭەيىتكەندىلا ئاندىن توغرا بولغان رازىمەنلىك ئاساسلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . بىلىشىمچە ، بۇ ھەقتىكى ئىشەنىچلىك دەرىجىسىدىن گۇمانلانغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئەزەلدىن « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» نى كۆرمەيدىغانلاردۇر.
       يۇقۇرقى ئۈچ تەرەپلىك بايانلاردىن ئايانكى ، cctv نىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنىڭ قانداقلىقى ئۆز-ئۆزىدىن ئايان . بۇ ھەقتە قايتا توختۇلۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك . ئەمەلىيەتتە ئاۋام –پۇخرانىڭ « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» نىڭ چىنلىقىغا قارىتا قانداق شۈبھىلىك پوزىتسىيە تۇتىۋاتقانلىقىنى ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن مۇنۇ سادالاردىن كۆرۈۋالغىلى بولسا كېرەك :
 
« ئەگەر تۇرمۇش تاللىسا مېنى »
 
ئەگەر تۇرمۇش تاللىسا مېنى ،
مەن تاللايىتتىم « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نى .
ئۇ يەردىكى كاتتامباشلارنىڭ بارى دەۋىر ئاۋانگارتلىرىدۇر،
ئۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ھەممىسى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدۇر.
گەر تۇتۇلسا پارىخور  باشلىقتىن بىرەرسى ،
پەقەت ئېلىپ كېتىشەركەن قىسمەن پۇلىنى ،
 شۇڭا قالماسكەن زەررىچە دەردۇ-ئارمىنى.
 
ئەگەر تۇرمۇش تاللىسا مېنى ،
مەن تاللايىتتىم « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نى.
ئۇ يەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن يىلدا ھوسۇل چىقىدۇ .
سانائىتىدىن خۇش خەۋەر ئۈزۈلمەيدۇ.
پۇخرالىرى ئۇچرىسا گەر تەبىئىي ئاپەت
 ۋە پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىگە ھەتتا،
ھەميېنى تومپايسا تومپىيىدۇكى ھەرگىز كىچىكلەپ قالمايدۇ.
ئاھ، تەڭرىم مۇبادا مېنى قايتىدىن ياراتماقچى بولساڭ ،
پەقەت ۋە پەقەت « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نىڭ ئىچىگىلا تەۋەللۇت بولسام ،
ئارمىنىم شۇندىلا مەڭگۈ كۆكلەيىتتى.
 
 
« ئارزۇيۇم»
 
      بار ئىدى مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ كۆپتىن بۇيان،
      « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نىڭ ،
 ئىچىدىلا ياشىسام دەيدىغان .
      ئۇ يەردىكى بالىلار ئوقۇيالايدىكەن ،
    ئۇ يەردىكى كېسەللەر داۋالىنالايدىكەن ،
      ئۇ يەردىكى پۇخرالار ئايلىقى 77 يۇەنلىك ،
 ئەرزان باھالىق ئۆيلەردە ئولتۇرالايدىكەن.
ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ئىش ھەققى %11.2 ئۆسىدىكەن،
ئۇ يەردىكى %99.3ستودېنىت ئىشقا ئورۇنلۇشىدىكەن.
 ھەتتا ستودېنىتلار ھەرۋاقلىق تاماققا،
 ئاران 2-3كويلا خەجلەيدىكەن.
 
      بار ئىدى مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ كۆپتىن بۇيان،
      « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نىڭ
 ئىچىدىلا ياشىسام دەيدىغان .
     ئۇ يەردە مال باھاسى ئۆسمەيدىكەن،
     ئۇ يەردە قاتناش توسۇلمايدىكەن.
     ئۇ يەردە مۇھىت ساپ ئىكەن ،
ئۇ يەردە شەھۋانىيلىق يوقكەن،
ئۇ يەردىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىلا قولغا چۈشىدىكەن.
 
« < مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر> جەننەتتەك ماكان»
 
         ياشىسامكەن « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دىلا،
          ھەر قېتىم ئاڭلىسام ناخشاڭ ساداسىنى ،
          قەلبىم توختاۋسىز لەرزىگە كېلۇر.
          چۈنكى ، « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دە
        چوڭاملىرىمىز سەرخىل ، بەردەم، ئىشچانكەن.
       ئەلنىڭ غېمىدا يۈرۈپمۇ  ھارماي-تالمايدىكەن.
       ئەلنىڭ چاكىرى بولىمەن، دەپ ئۆزىنىمۇ ئۇنتۇيدىكەن.
     
      چۈنكى ، « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دە ،
     ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرى شۇنداق گۈزەلكەن.
بولۇپمۇ دېھقان قېرىنداشلىرىمىز ،
كۈندىن كۈنگە بېيىپ تىقىلىپ كەتمەكتىكەن.
ماشىنىلار تىراكتورلارنى سىقىپ چىقىرىپ،
رەت-رەت داچىسىمان ئۆيلەر قەد كۆتەرمەكتىكەن.
ئۇلار خوشاللىقىنى سىغدۇرالماي كامېرا ئالدىدا:
« بىزلەر ئىنتايىن بەك رازى » دېمەكتىكەن.
 
« مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دە
ئۆي باھاسى ئاران % 1.5لا ئۆسۈدىكەن،
بۇ ساننى ئاڭلىغان ھامان ئادەمنىڭ بېشى قېيىپ ،
خوشاللىقتىن ھۇشىدىن كېتىدىكەن.
مۇبادا دۇفۇ ھەزرەت قايتا تىرىلىپ ،
ياشىغان بولسا « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دە،
بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىگە ھەسرەت چېكىپ :
« كۈللىي ئالەمدىكى جەننەت ئىكە بۇ ماكان»دەرلەر ئىكەن.
 
« مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دە،
سىرىتقى دۇنيا زۇلمەت كۆرۈنۈكەن،
جاھانگىرلارنىڭ تۆمۈر تاپىنى ،
جىمى ئالەمنى بېسىپ ياتقاندەك،
ئۇرۇش ، شۇم خەۋەر ، دېلولارنىڭ ئايىغى چىقماستەك،
قانداقمۇ سۆزلەپ بولۇش مۇمكىن بولسۇن ئۇ كۈلپەتلەرنى ؟
شۇندىلا ، بىز جەنەتتە تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىزكەن .
سىرىتقى دۇنيا نېمىدېگەن دەھشەت-ھە،
ئېزىلىۋاتقان خەلقلەر ، ئۇلارنىڭ ئاچ-زار تۇرمۇشى ،
بۇلارنى ئويلاشقا غايەت زور جۈرئەت كېرەككەن.
 
 
بىراۋ يەنە « مەملىكەت خەۋەرلىرى خەلقئارا خەۋەرلەر» دە كۆرسىتىلگەن ئوخشاش مەزمۇندىكى بىر خەۋەردىكى ئوخشىماسلىقنى مۇنداق خاتىرلىگەن :
30 يىل ئاۋال ئۇلار :
« پىلانلىق تۇغۇت ياخشى ، ياشانغانلارنى ھۆكۈمەت باقىدۇ» دېسە ، بىز ئىشەندۇق .
20يىل ئاۋال ئۇلار :
« پىلانلىق تۇغۇت ياخشى ، ھۆكۈمەت ياشانغانلارنى بېقىشقا ياردەم بېرىدۇ» دېسە ، بىز ئىشەندۇق .
10يىل ئاۋال ئۇلار :
« ياشانغانلار ھۆكۈمەتكە تايىنىۋالسا بولمايدۇ ، ئۇلار ئىجتىمائىي بېقىنىش سوغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك » دېسە بىز يەنە ئىشەندۇق.
ئەمدىلىكتە ئۇلار: « كېچىكىپ پىنسىيىگە چىققان ياخشى ، شۇندىلا ياشانغاندا ئۆزىنى ئۆزى باققىلى بولىدۇ» دەۋاتىدۇ.
 
         ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ ئىنتايىن ساددا-غەرەزسىز ئىنكاسلار جۇڭگو پۇخرالىرىنىڭ ئەن-ئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىسىغا بولغان ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرمەي قالمايدۇ. ئەڭ ئاخىردىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغاندا كۈتىنىش سېياسىتىگە بولغان ئۈمىتسىزلىك كەيپىياتىدىن باشقىلىرى  ئالدام خالتىغا چۈشۈپ چېلىنىپ كېتىۋاتقان ئاۋام-پۇخرالارنىڭ  « مەملىكەت خەۋەرلىرى خەلقئارا خەۋەرلەر» ۋەكىللىكىدىكى ئەن-ئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ تەشۋىقاتچانلىق ، ئويدۇرمىچىلىق ۋە ھاپپازلىقتىن ئىبارەت خەۋەر قىلىش ئۇسۇلىغا بولغان كومىدىيىسى ۋە كىنايىسى ، شۇنداقلا قەلبىدىكى نارازىلىقلىرىنىڭ مۇرەككەپ يوسۇندا ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي بولمايدۇكى ، مۇبادا ئاممىنىڭ « مەملىكەت خەۋەرلىرى خەلقئارا خەۋەرلەر»گە بولغان ھەقىقى چۈشەنچىسى بويىچە نومۇر قويغىلى بولىدىغان ئىش بولسا ئىدى ئۇ ھالدا  cctv نىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسى باشقىچە بولغان بولارىدى .
         جۇڭگو تاراتقۇلىرى مۇستەقىللىق مەيدانىنى ھازىرلىمىغان بولغاچقا ئۇلار ئۆز ئورنىنى ، پوزىتسىيىسىنى ، كەسپىي ئەقىدىسى  ۋە قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى بېكىتىشكە ئامالسىز.شۇنداقتىمۇ، ئۇلار تەڭرى ئاتا قىلغان ئىنسانىي ئەقىدىلەرگە يات زۆرۈرىيىتى يوق ئارتۇق يۈكلەرنى يۈدىۋالمىسا بولاتتى. مۇ نىڭنىڭ سۆزى بويىچە ، ئۇلار سېياسىي ھوقۇقنىڭ كېڭەيگەن قىسمى ، زورلۇق ئىرادىسنىڭ چاپانچىسى ۋە مەنپەئەتدارلار گۇرۇھىنىڭ گۇپپاڭچىلىرىدۇر.
     شۇڭا ، جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ قاراپ تۇرۇپ « مۇخبىر » ئەمەس« جالاپ » (خەنزۇ تىلىدا «مۇخبىر» دېگەن سۆز بىلەن  «جالاپ» دېگەن سۆز بەزىدە ئوخشاش تەلەپپۇز   قىلىنىدۇ-تەرجىماندىن ) دېگەن يامان ئاتققا قېلىشىمۇ بىكار ئەمەس . چۈنكى ، «جالاپ» ئۆز تېنىنى سېتىش بەدىلىگە پايدىغا ئېرىشىدۇ. جۇڭگو تاراتقۇلىرىدا مۇشۇنداق كەسىپىي خادىملارمۇ ئاز ئەمەس. خۇسۇسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كەسپىي ئەخلاقىنىمۇ يوقۇتىدىغان ، ھەتتا ۋىجدانىنىمۇ سېتىشتىن يانمايدىغان ، تېرە تاراقشىتىپ جان باقىدىغان بۇنداق « جالاپ» لار ھوقۇق ئىگىلىرى ئۈچۈنلا كەتمەن چېپىش ، جامائەت پىكرى ساھەسىنى بۇلغاش ئارقىلىق نان تېپىپ يەيدىغان نان كۈچۈكلىرىدۇر، خالاس. يېقىندا بى مەھەل داغ-دۇغا قوزغىغان چېن يوڭجوۋ دېلوسى جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خىل زەيپانىلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى.
 مەنبەسى :
http://blog.sina.com.cn/s/blog_5eab40290102eb11.html?tj=1
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار