1. بەزىدە، سىز تەقدىر بىلەن ئىلىشىپ يۈرۈپ ئىرىشكەن نەرسىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسى
مەقسىتى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالىسىز .
2. قىزىش بەزىدە سىسىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ .
3. ھەقىقى سۆيگۈ قەسەم ئالدىدا قورۇنۇپ قالىدۇ .
4. باشقىلارنى قورقىتىدىغان كىشى ، قورقۇشنى ئەڭ قورقۇنچلۇق دەپ قارايدۇ .
5. دۇنيادا ، قەدىمدىن تارتىپ شائېر ، ھاراقكەش ۋە كىچىك بالىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كىشىلا ئەپۇ قىلىنىپ كەلمەكتە .
6. كامالەتكە يەتكەندە ھاياتنىڭ قىزىقى قالمايدۇ .
7. ئىيتىڭە ، ئىت بىلەن ئادەمنىڭ قايسى سەمىمى ؟
نوپۇزلۇقلارغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ ،ئۇلارمۇ ئەۋرىتىنى ئىشتان بىلەن ياپىدۇ .
8. قاتتىق ھۆكۈرەيدىغان ئادەمنىڭ ئالۋاستىدىن قورىقماسلىقى ناتايىن .
9. ۋىجدان ،كىشىلەر مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان تەڭشىگۈچ .
10. بۇزۇلغام مۇھەببەت ئىنتايىن گۈزەل بىر خىل ئىستىتىك تۇيغۇ ، ئەپسۇسكى ، مۇھەببىتى بۇزۇلغان كىشىلەر بۇ خىل تۇيغىدىن بەھىرلىنىشنى
بىلمەيدۇ .
11. ئىتنىڭ تىزىكىنى دەسسىۋالغان كىشى ، ئىتنىڭ تىزىكىدىنلا يىرگىنىدۇ .
12. ئادەم دوۋزاققا كۆنۈپ قالسا ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم يىغا-زارە قىلىشىدۇ .
13. ئازاب بىردەمدىن كىيىنلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ ، ئەمما بۇ يەردىكى ‹‹بىردەم›› ئاز دىگەندىمۇ يۈز يىلغا باراۋەر .
14. دىڭىزنى خۇدا ، ئازاب دىڭىزىنى ئىنسانلار ياراتقان .
15. يالغانچى ئادەم خاتىرسى كۈچلۈك ئادەمدىن بەك قورقىدۇ .
16. بوتۇلكىنى قانچە ئاۋايلىسىڭىز شۇنچە ئۇزۇن چىدايدۇ ، دوسلۇقمۇ شۇنداق .
17. ‹‹پۇل كۆپىيىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە ، ئاندىن ئۇنىڭ كىرەكسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.›› بۇ سۆزگە كىشىلەر ئىشەنمەيدۇ .
ئەمما بۇ ھەقىقەت .