قابۇسنىڭ دوستلۇق ھەققىدە ئىيتقانلىرى
1.كىشىنىڭ دوستلىرى كۆپ بولسا ، ئەيىبلىرى يېپىلىدۇ ، ياخشىلىقلىرى ئاشكارە بولىدۇ.
2.يېڭى دوست تۇتساڭ ، كونا دوستتىن يۈز ئۆرۈمە.
3.ياخشى دوست ، ئۇلۇغ خەزىنىدۇر .
4.دوستۇڭنىڭ مىجەزىگە قاراپ ھەرىكەت قىل .
5.دوستلىرىڭنىڭ دوستلىرىغا قولۇڭدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىل.
6.ئەگەر بىر دوستۇڭ ئەرزىمەس ۋە ئازلا بىر نەرس ئۈچۈن ، سەندىن باشقىلارغا شېكايەت قىلسا ، مۈنداق دوستۇڭدىن خاتىرجەم بولما ۋە دوستلۇق ئۇمىدىنى قىلما.
7.ئاداۋەت تۇتىدىغان ئادەم بىلەن دوست بولما.
8.راھەت – پاراغەت ۋە مېھنەت، يوقسۇزلۇق ۋاقىتلىرىدا دوستلۇقنى بۇزمىغان دوست چىن دوستتۇر .
9.يامان ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاندىن يالغۇزلۇق ياخشى.
10.سەن بىلەن شەكىلدە دوستتەك يۇرۇپ ،يېرىم دوستلۇق قىلسا،مۇنداق
دوستلارغا ئىچ سىرىڭنى ئېيتما ، لىكىن ئۇلارغا مېھرىلىك بولغايسەن.
11.ئەگەر سەندىن گۇناھ ئۆتمەي تۇرۇپ ، دوستۇڭ سەندىن كۆڭۇل ئۇزسسە، ئۇنىڭغا ئۆزرە ئېيتىشقا ئالدىرما.
12.ھەسەتخور ، كۆڭلى تار ، بىراۋنىڭ ياخشى كۈنىگە چىدىمايدىغان ئادەم بىلەن دوست بولما .
13.ئاداۋەت – بىر قاراڭغۇ زۇلمەتتۇر.
14.دوستۇڭغا ھەرگىز سىرىڭنى بىلدۇرمە .
15.دوستلىرىڭنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ ، ئۇنىڭدىن بىپەرۋا بولما ، مىڭ دوستۇڭ بولسىمۇ ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ سۆيگەندەك سۆيمەيدۇ .
16.دوست بولغىن ، دوستلۇقنى بىلگەنلەر بىلەن ،
دوست ئۈچۈن ھەقىقى كۆيگەنلەر بىلەن
17.سەمىمىي دوستلۇققا ئېرىشىش- قىممەتلىك روھى بايلىققا ئېرىشىش.
18.دوست بولۇشنىڭ ئەمەلىي شەرتى دىيانەتتۇر، دىيانەتسىز كىشى دوستلۇققا يارىمايدۇ