شىنجاڭنىڭ مىۋىلىرى
شىنجاڭ گۈزەل ماكان. شىنجاڭ «يىپەك يولى» بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ناخشا-ئۇسۇللىرى، شىكەردەك مېۋىلىرى، ئىسىل قاشتاشلىرى بىلەن دۇنىياغا تونۇلغان.
شىنجاڭنىڭ كۈن نۇرى يۇرۇتۇشى ياخشى، ئوتتۇرچە تېمپىراتۇرسى يۇقىرى، كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېز ئىلىپ بىرىشىنى كۈچەيتىپ مېۋىلەرنىڭ قەنىت ھاسىل قىلىشى ۋە توپلىشىغا پايدىلىق. شۇڭىلاشقا شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى ئالاھىدە تەملىك. مېۋىلىك باغلارنى، مېۋىلىك دەرەخلەرنى تۇرپان ئويمانلىغىدىن خوتەننىڭ يېزىلىرىغىچە، تارىم ۋادىسىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە ھەممىلا جايدا ئۇچۇرتىشقا بولىدۇ. دۇنىيادىكى ئالتە چوڭ مىۋە تۈرى–ئالما، ئۈزۈم، نەشپۈت، شاپتۇل، بانان ۋە ئاپېلسىن قاتارلىقلاردىن، كېيىنكى ئىككىسىدىن باشقا مېۋىلەر شىنجاڭدىن كۆپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ قۇمۇل قوغۇنى، ئەنجۇر، ياڭاق، بادام، بۆلجۈرگەن، ئۈرۈك ۋە چىلان قاتارلىق ئالاھىدە مېۋىلەرنىڭ ماكانى.
شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان مىۋە تۈرلىرىنىڭ سورتىنى ياخشىلىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى دۇنىيادا كەم ئۇچىرايدۇ. ھەرخىل مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۈرى 900 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ شىنجاڭنى ھەقىقەتەن مېۋىلەرنىڭ تەبئىي موزىيى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
قۇمۇل قوغۇنى مەملىكىتىمىزدە پەقەت شىنجاڭ رايۇنىدىنلا چىقىدۇ. قومۇل قوغۇنىغا دائىر تارىخى خاتىرلەرنى مىلادىي 12 ئەسىردىن باشلاپلا تېپىشقا بولىدۇ.
17-ئەسىردىن باشلاپ قۇمۇل قوغۇنى شىنجاڭنىڭ سوغات بويۇمى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. قۇمۇل قوغۇنى دىگەن بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدا: بۇنىڭدىن 200 نەچچە يىل ئىلگىرى قۇمۇل ۋاڭلىرى قوغۇننى سوغات سۈپىتىدە چىيەنلۇڭ خانغا يوللىغاندا، چىيەنلۇڭ خان قوغۇننى يىگەندىن كىيىن يىنىدىكىلەردىن "بۇ قەيەرنىڭ قوغۇنى؟" دەپ سورىغان. يىنىدىكىلەر بۇ قوغۇننىڭ ئىسمىنى بىلمىگەچكە، قۇمۇل ۋاڭلىرنىڭ سوۋغا قىلغانلىقىغا قاراپلا «قۇمۇل قوغۇنى» دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنىڭدىن بىرى شىنجاڭنىڭ قوغۇنى قۇمۇل قوغۇنى دىگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىدا قوغۇن تېرىلدۇ. لېكىن بۇلاردىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پەيزىۋات ناھيىسى، قۇمۇل ۋە تۇرپان ئويمانلىغىنىدىن چىقىدىغان قوغۇنلارنىڭ سۈپىتى ياخشى.
قوغۇننىڭ تۈرى 180 نەچچە خىلغا يېتىدۇ. قۇغۇننىڭ چوڭ-كىچىكلىگى، شەكلى ۋە ئېتىنىڭ رەڭگىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. قوغۇننىڭ چوڭلىرى 10نەچچە كىلوگرام كېلىدۇ. كىچىكلىرى ئالما چوڭلىغىدا بولۇپ بىر كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدۇ. قوغۇننىڭ شەكلى ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، شاپىقى سېرىق، يىشېل، كۆكۈش ۋە ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. ئېتىي ئاقۇش، قىزىل ۋە مەرۋايىتتەك يىشېل رەڭلەردە بولىدۇ. قوغۇن يەنە چېلگە قوغۇن، يازلىق قوغۇن ۋە قىشلىق قوغۇن قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. قىشلىق قوغۇنلارنى بۇ يىل قىشتىن كىلەر يىلى ئەتىيازغىچە ساقلاپ قويۇپ ئىستىمال قېلىشقا بولىدۇ.
2. ئۈزۈم 葡萄
غەرىبىي يۇرتنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تارىخى 2000 يىلدىن ئۇزۇن. نۆۋەتتە تۇرپان رايۇنىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 20 پىرسەنتىدىن كۆپرەگىنى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %50 نى ئىگەللەيدۇ. تۇرپان رايۇنىنىڭ مۇھىتى ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە باپ كەلگەچكە ئۈزۈمىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى. ئۈزۈمنى قۇرۇتۇپ ھەرخىل يىمەكلىكلەرگە قېتىشقا ۋە بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. يەنە ئۈزۈمدىن پايدىلىنىپ مۇراببا تەييارلاشقا، ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەشكە ۋە مېۋە شەربىتى ياساشقا بۇلىدۇ. ئۈزۈم يەنە بەلگىلىك دۇرىلىق قىممىتىگىمۇ ئىگە.
3. ئىلى ئالمىسى 伊犁苹果
ئىلى ئالمىسى شىنجاڭنىڭ ئىلى رايۇنىدىن چىقىدۇ. ئىلى رايۇنى دۇنىيا ئالمىلىرنىڭ كېلىش مەنبەلىرنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرمۇ 140 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە ياۋا ئالمىزارلىق بار. ئىلى دەرياسى ۋادىسدا ئالمىنىڭ 100 دىن ئارتۇق تۈرى بار. ئىلى ئالمىسىنىڭ رەڭگى چىرايلىق، پوستى پارقىراق، ئىتى ساغۇچ سېرىق رەڭلىك بولۇپ، مىېۋىلىرنىڭ چۇڭلىرى 800 گرامغا يىتىدۇ.
ئىلى ئالمىسى چۈرۈك، شىرنىلىك، ئاچچىق-چۈچۈك، پۇراقلىق، مېۋە تەمىمۇ ئۆزگىچە. ئىلى ئالمىسىنى ئىچكىرنىڭ ئالمىلىرغا سېلىشتۇرغاندا، ئالما تەركىبىدىكى ۋېتامىن ۋە قەنىتنىڭ تۇرلىرى خېلىلا كۆپ. قەنىت مىقدارى %14.3 پېرسەنىتكە يىتىدۇ. ھەر بىر كىلوگرام ئالما تەركىبىدە 3-4 گرام ئاقسىل، 2-3 گرام ماي ماددىسى، كاربۇناتلىق بىرېكمە ماددا 110-120 گرام، كالېتسى 50-100 مېللىگرام، فوسفۇر30-40 مېللىگرام، تۇمۇر ماددىسى 3 مېللىگرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. ئوزۇقلۇق ماددىسى مول.
4. كورلا نەشپۈتى 库尔勒香梨
كورلا نەشپۈتى 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە. كورلا نەشپۈتى كورلا شەھىرى ئەتىراپىدىكى توز دەرياسى بويىدىن چىقىدۇ. مېۋە شەكلى تۇخۇمسىمان، سوقۇچاق شەكىللەردە بولىدۇ. ئوتتۇرچە ئىغىرلىقى 154.2 گرام بولۇپ، ئەڭ چوڭلىرى 180 گرامغا يىتىدۇ. نەشپۈت پىشقاندا سارغۇچ يىشېل رەڭگە كىرىدۇ، كۈن چۈشكەن تەرىپىدە قېزغۇچ رەڭگى بولىدۇ. بەلگىلىك ۋاقىت ساقلانغاندىن كېيىن سۇس سىرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.
كورلا نەشپۈتىنىڭ پوستى نىپىز، چۈرۈك، سۇلۇق ۋە تەملىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە دۇرىلىق قىممىتىمۇ بار. كورلا نەشپۈتى مەملىكەت ئىچىدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن. خەلىقئارادا «جۇڭخۇا نەشپۈتى»، «نەشپۈتلەرنىڭ سەردارى»، «مېۋىلەرنىڭ شاھزادىسى» دىگەن نامى بار. كورلا نەشپۈتى مەملىكەت ئىچىدىكى 10 نەچچە ئۆلكىگە سىتىلغاندىن باشقا يەنە شىياڭگاڭ، ياپۇنىيە ۋە سىنگاپور قاتارلىق رايۇنلارغا ئېكىسپورت قېلىنىدۇ.
5. ئانار 石榴
ئانار- تارىم ئويمانلىغنىڭ جەنۇبىي گېرۋەكلىرىدىكى قاغىلىق، قەشقەر، چىرىيە قاتارلىق جايلاردىن كۆپ چىقىدۇ.
ئانار تاتلىق ئانار ۋە ئاچچىق ئانار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. تاتلىق ئانارنىڭ ئوتتۇرچە مېۋە ئىغىرلىقى 400 گرام ئەتىراپىدا بولىدۇ، ئەڭ چوڭلىرى 700 گرامغا يىتىدۇ. پوستى نىپىز، دانچىسى چوڭ، شەربەتلىك بولىدۇ. قەنىت مىقدارى %19 ئەتىراپىدا، ھەر يۈز گرام ئانار تەركىبىدە 11 مېللىگرام ۋىتامېن بولىدۇ. مېۋە پوستى قېزغۇچ، دانچىلىرى توق قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئاچچىق ئانارنىڭ تەمى چۈچۈمەل، پوستى نىسبەتەن قېلېن، ساغۇچ قىزېل رەڭلىك بولىدۇ. قاغىلىق رايۇنىمىزدا ئەڭ بۇرۇن ئانار كۆچىتى تىكىلگەن جاي بولۇپ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئانار كۆچىتى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ تۈرىگە تەۋە بولۇپ، چېچەك مەزگىلى ئۇزۇن، بەلگىلىك زوقلۇنۇش قىممىتىگە ئىگە.
6. ئەنجۈر 无花果
ئەنجۈر - چېچەكسىز مېۋە بىرىدىغانلىقى بىلەن داڭلىق. ئەنجۈر مېۋىسى ياپىلاق ياكى تۇخۇمسىمان شەكىلدە بولىدۇ. رەڭگى ساغۇچ يىشېل، پېشقاندىن كېيىن ئۇستى يىرىلىدۇ. ئىتى يۇمشاق، تەمى تاتلىق. ئەنجۇر ئوتتۇرا دېڭىز بويىى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدىن شىنجاڭغا كىرگەن بولوپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا، بولۇپمۇ ئاتۇش رايۇنىدا ناھايتى ياخشى ئۆسىدۇ.
ئاتۇش تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەرىبىي شىمال قسمىغا جايلاشقان . ئاتۇشنىڭ ئاساسلىق ئەنجۇر چىقدىغان جايلىرى قۇملۇق بىلەن دەريا ئارىلىغىدىكى يەرلەر بولۇپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ. بۇخېل كېلىمات ئەنجۈرنىڭ قەنىت ھاسىل قىلىشىغا پايدىلىق . ئەنجۈر كۆچىتىنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مېۋىسى كۆپ. 100 يىلدىن ئاشقان كۆچەتلەرمۇ ئوخشاشلا مېۋە بىرەلەيدۇ.
ئەنجۈر بىر يىلدا ئىككى قىتىم مېۋە بىرىدۇ. يازلىق مېۋىسى 7- ئاينىڭ بېشىدا، كۈزلۈك مېۋىسى 8- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا پېشىدۇ. ئەنجۈرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول. تەركىبىدىكى قەنىت، مېۋە كېسلاتاسى، ئاقسىل، ۋىتامېن قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى. ھۆل مېۋىسىنى ئىستىمال قىلىشتىن باشقا يەنە، ئەنجۈر قېقى، مۇراببالارنى قىلىشقا بۇلىدۇ.
7. ئۈجمە 桑椹
ئۈجمە دەرىخى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ تۈرىگە كىرىدۇ. ئېگىزلىكى 3-7 مېتىرغىچە ياكى ئۇنىڭدىن ئېگىز ئۆسىدۇ. 4-5 ئايلاردا چېچەكلەيدۇ، 6-7 ئايلاردا مېۋىسى پېشىدۇ. ئۈجمىنىڭ تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل بولىدۇ، شەكلى ئېللېپىس شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 1-2.5 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. ئۈجمىنىڭ تەكبىدە مول قەنىت، ئالما كېسلاتاسى، ۋىتامېن B1،B2 قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، تەبئيىتى سوغۇق. ئۈجمىنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاساسلىق باش قېيىش، كۆزى تورلىشىش، ئۇيقۇسېزلىق، قۇلاق غۇڭۇلداش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ۋە ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
شىنجاڭدا ئۈجمىنىڭ تۈرى كۆپ، ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى كەڭ. قارا ئۈجمىنىڭ رەڭگى قارا بىنەپشە رەڭلىك، تەمى چۈچۈمەل بولۇپ خوتەن رايۇنىدىن ھەم قەشقەرنىڭ قاغىلىق، يەكەن قاتارلىق يەرلىرىدىن كۆپ چېقىدۇ. ئاق ئۈجمىنىڭ رەڭگى ئاق رەڭلىك، مېۋىسى چوڭ، تاتلىق، شېىرنىلىك بولۇپ، ئاساسلىقى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلاردىن كۆپ چېقىدۇ. شاتۇتنىڭ رەڭگى قارامتۇل بىنەپشە رەڭلىك، تەمى چۈچۈك بولۇپ بىر قەدەر كېيىن پىشىدۇ. ئاساسلىقى خوتەن ۋە ئاقسۇ رايۇنىدا كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۈجمە ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ 1500 يىلدىن ئارتۇق. شىنجاڭنىڭ ئۈجمە دەرىخى قۇرغاقچىلىققا، سوغۇققا چىداملىق. ئۈجمە چىقىدىغان جايلارنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، كۈن نۇرى يىتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا ئۈجمىسىنىڭ تەمى ياخشى، شېرنىلىك بولىدۇ.
8. بادام 巴旦杏
بادام- ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ بىرى. ئاساسلىقى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىيدىكى قەشقەر بوستانلىقىنىڭ يېڭىسار، يەكەن، قاغىلىق ۋە پەيزىئاۋات قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. بادام مېۋىسىنىڭ شەكلى ياپىلاق بولۇپ، پىشقاندىن كېيىن مېۋە پوستى سويىۋىتىلىپ مىغىزى ئىستىمال قىلىنىدۇ. مىغىزىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ ياڭاق ۋە ئۈرۈك مىغىزىنىڭ تەمىدىن ياخشى.
شىنجاڭنىڭ بادام ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. شىنجاڭ بادېمىنىڭ ماي ۋە قەنىت مېقدارى چەتئەل باداملىرىنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ، تەمى تىخىمۇ ياخشى. شىنجاڭدا بادامنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ 40 نەچچە خېلغا يىتىدۇ. بۇلار بەش چوڭ تۈركۈمگە تەۋە، يەنى يۇمشاق پوستىلىق تاتلىق بادام، تاتلىق بادام، تاش بادام، ئاچچىق بادام ۋە شاپتۇل بادام قاتارلىقلار. بۇلاردىن ئالدىنقى ئىككى تۈرگە تەۋە باداملاردىن قەغەز بادام، پىستە باداملار ئەڭ ياخشى.
بادامنىڭ دۇرىلىق رولى چوڭ. بادام خەلىق ئارىسىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۇقىرى قان بىسېم، نېرۋا ئاجىزلاش، كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا قوللىنىلىدۇ. چەتئەللەردىمۇ بادام ئاشقازان كېسىلى، قەنىت سېيىش كېسىلى قاتارلىق ھەرخىل كېسەللەرنى داۋالاشتا كەڭ قۇللىنىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بادامدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل ئېچىملىكلەرنى ياساشقا بولىدۇ.
9. تاۋۇز 西瓜
شىنجاڭ - مەملىكىتىمىزدىكى تاۋۇزنىڭ قەدىمى ماكانى. شىنجاڭنىڭ تاۋۇزى چوڭ، سۇلۇق، تاتلىق. تاۋۇز ھەزىم قېلىشنى ياخشىلاپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندايدۇ. شۇنداقلا يەنە تاۋۇزدىن پايدىلىنىپ دۇرا ياساشقىمۇ بولىدۇ. تاۋۇز تەركىبىدە ۋىتامېن ماددىسى مول.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]