جۇڭگونىڭ يىلتىزىنى كەلگۈسىدە مائارىپتا چەت ئەلگە چوقۇنۇش ۋەيران قىلىدۇ
ئەگەر بىر دۆلەت خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ سۆزلەيدىغان تىلىغا ئىگە بولمىسا ، باشقىلار نېمە دېسە شۇنى دېسە ، ئۇ ھالدا باشقا دۆلەتنىڭ بېقىندىسىغا ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ئەگەشكۈچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . ئەگەر بىر دۆلەت خەلقئارا سۆھبەتتە ئۆز تىلىدا سۆزلىيەلمىسە ، ئۆزىنىڭ مەيدانىغا ئىگە بولمىسا ، بۇ ھالدىمۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئامالسىز قالىدۇ -دە، پەقەت باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇنىدىغان بولۇپ قالىدۇ .
سەي يۈەنپېي جۇڭخۇا مىنگونىڭ مائارىپ مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا ، قانۇن-نىزام ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئاساسىي مائارىپتا كۇڭزى كىلاسسىكلىرى دەرسىلىرىنى تەسىس قىلىشنى بىكار قىلىپ ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مائارىپ بايلىقىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتكەن .دەرسخانىدا پەقەت ئاز ساندىكى قەدىمكى دەۋىر نەزمىلىرى نۇقتا قىلىنغان ، ئاشۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ، قىممەت قارىشىنى ئىپادىلەت بېرىدىغان كىلاسسىكلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى مۇمكىن بولماي قالغان . نۇرغۇن تالىپلارنىڭ كېچە–كۈندۇز ئۆگىنىدىغىنى غەرب ئىلمىنىڭ مەزمۇنلىرى بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا بىر تۈركۈم جۇڭگو سەرخىللىرىنىڭ شېكىسپرنى چۈشىنىشى تاڭ شيەنزۇنى چۈشىنىشىدىن ئېشىپ كەتكەن . بىر مۇنچە جۇڭگولۇقلار ئالېكساندىر ۋە قەيسەرگە ئىخلاس قىلىپ ، ئەكسىچە چىن پادىشاھى خەن ۋۇدىنى قاغىغان . ھەر كۈنى ۋاشىنگىتوننى مەدھىيلەپ ، ئەكسىچە ھەر كۈنىتاڭ ، زۇڭ ، سۇڭ دەۋرىدىكى بوۋىلىرىنى تەنقىد قىلغان .بىلىم ئىگىلىرىنىڭ غەرب مەدەنىيىتى بىلەن تەبىئىي ھالدا يېقىنچىلىقى پەيدا بولۇپ ، گەپ-سۆزلىرى ۋە يۇناننى تىلغا ئېلىش خېلى بۇرۇنلا كۆپلىگەن جۇڭگولۇق بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ‹‹ ئەسلى جىنايىتى ›› بولۇپ قالغان . چۈنكى ئوقۇتۇشتا بىزگە پەقەت ‹‹ يۇنانىستان ›› نىلا ئۆگىتىپ ، بىزگە داڭلىق ئەجداتلىرىمىزنى تونۇشتۇرمىغان . كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىلىم ئىگىلىرىدە ئانا مەدەنىيىتىگە قارىتا ئايرىش توساقلىرى پەيدا بولۇپ ، ياتلىشىش كۆرۈلگەن ، ھەتتا كەمسىتىش ، ئۆچمەنلىشىش پەيدا بولغان .
شۇنىڭدىن كېيىنكى 100 يىل ، دەل بىز خەلقئارادا سۆزلەش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن 100 يىل بولدى ، بىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈستىلىدە ‹‹ ئاساسىمىز بولسىمۇ ، سۆزگە نامرات بولغان ›› 100 يىل بولدى . بىز نېمىنى سۆزلەيلى ، ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە كىرىۋالىدىغان ، ئەمما ئۆز گېپىگە ئاساس تاپالمايدىغان 100 يىل بولدى ــــــــــــ بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ، بىز ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى خاتا ھالدا تاشلىۋەتتۇق ، ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىزنىمۇ خاتا ھالدا تاشلىۋەتتۇق .
غەرب جەمئىيىتى 500 يىللىق مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىكى جەريانىدا ، پۈتۈن دۇنيا بايلىقى ، بازار ، ماددى ئەشيا ئوبوروتى ، ئىشلەپچىقىرىش ، تەقسىماتنى كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماستىن ، شۇنداقلا دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى مىللەتلەرگە مەدەنىيىتىنى سىڭدۇرۇشنى تاماملىدى . بۇنىڭ بىلەن ، غەربنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان غەرب مەركەزچىلىك مەدەنىيەت سىستېمىسى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ كاللىسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ، پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان نوپۇزلۇق مەدەنىيەتكە ئايلاندى .
جۇڭگودا بۇ خىل غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ ، غەربنىڭ ئىرق ۋە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان غەرب مەدەنىيىتى ئىككى نۆۋەت ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىپ ، ئىجتىمائىي ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە ئايلاندى . بىر قېتىملىقى 4–ماي يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى دەۋرى ، يەنە بىر قېتىملىقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دەۋرىدىن ئىبارەت . بىز غەرب مەدەنىيىتىنىڭ نوپۇزىنى يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغان چاغدا ، سىرتقا قارىتا سۆزلەش ھوقۇقىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق . بۇنىڭ بىلەن ئىچكى قىسىمدا مەدەنىيەتتە ، سىياسەتتە كىرىزىسنى ئېتىراپ قىلىش پەيدا بولدى .
بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ مەدەنىيەتتە پاسسىپ ھالەتتە تۇرۇشىمىز ، يالغۇز بىزنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىمىز ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي ، ئەمەلىيەتتە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سىياسەتتە ئېتىراپ قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى . ئەگەر بىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ مەركىزىي قىممىتىمىز ۋە كۇڭزىچە ئىلىم ئىدىيەسى سىستېمىسىنى تۇرغۇزمايدىغان بولساق ، بىزنىڭ مىللەتلىرىمىزنىڭ گۈللىنىشى ، دۆلەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ، ھەتتا ئىسلاھات–ئېچىۋېتىشنىڭ ئىقتىسادىي نەتىجىلىرىنى ساقلاپ قالالماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن .
مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى ، مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قوغداپ ، سىياسىي جەھەتتە ئېتىراپ قىلىشنى قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت . 100 يىللىق مەدەنىيەت كىرىزىسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، بىز بۈگۈنكى كۈندە چوقۇم بالدۇرراق تۇتۇش قىلىپ ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ئەڭ ئاساس قىلغان مائارىپ بايلىقىمىزنى تۇرغۇزۇپ، موشۇ ئاساستا يېڭىچە كۇڭزىچە ئىلىم ئىدىيەسى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ، سىرتقا قارىتا مەدەنىيەت ھوقۇقىمىز ۋە سۆزلەش ھوقۇقىمىزنى قوغداپ ، ئىچكى قىسىمدا سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزنى سىياسىي جەھەتتە ئېتىراپ قىلىشنى قوغدىشىمىز كېرەك .
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]