چەت ئەللەردە ئۆمۈرلۈك تەلىم–تەربىيە قانداق يولغا قويۇلىدۇ ؟
ئاۋسترالىيەدە ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيەگە تۈرتكە بولۇش ۋە ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىر قاتار ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە ئىدىيەسىنى تۈرلۈك مائارىپ ئىسلاھاتىدا ئىزچىللاشتۇرغان. ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە سىياسىتى، ئاساسلىقى، ئاساسىي تەربىيەنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش، ئادەتتىكى تەربىيە بىلەن كەسپىي تەربىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش، چوڭلارنىڭ ئۆگىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە سىياسىتى بارلىق مائارىپ سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرگەن. مۇنتىزىم بولمىغان مائارىپ ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە سىياسىتى يۈزلەنگەن ئىككىنچى چوڭ ساھە بولۇپ، ئاساسلىقى، چوڭلار مائارىپى ۋە مەھەللە مائارىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دانىيەدە ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە سىياسىتى ۋە تەدبىرىنى يولغا قويۇشتا بەش خىل ئۇسۇل قوللىنىلغان، بۇلار: ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ۋە قانۇنلارنى ئېلان قىلىش؛ ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ چوڭلارنى كۆپ خىل تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش، مەسىلەن: چوڭلارنىڭ ئەركىن تەربىيەلىنىشى، ئادەتتىكى تەربىيەلىنىشى، كەسپىي يېتەكچىلىك تەربىيەسى قاتارلىقلار؛ ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، يەنى ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە ياردەم پۇلى پىلانىنى يولغا قويۇش؛ مائارىپ ۋە تەربىيەلەش پىلانىنى ئومۇملاشتۇرۇش.
دانىيەنىڭ ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە سىياسىتى بىر قەدەر مۇكەممەل بۇ دۆلەتنىڭ ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە سىياسىتىدە كۆپىنچە چوڭلارنىڭ ئۆگىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، ئۇلارغا ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان. مەسىلەن: چوڭلارغا ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي تېخنىكا ئۆگىتىدىغان تەكرارلاش دەرسلىكى؛ خىزمەتتىكى ئەمگەكچىلەرنى داۋاملىق تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىشسىزلارنى ھەقسىز خىزمەت تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇشنى خالايدىغان چوڭلارنى ئالىي مائارىپ تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئالىي مائارىپ تەربىيەسىنى ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش؛ ياشانغانلارنى ساغلاملىق تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەش؛ قۇرامىغا يەتكەن كۆچمەنلەرنى تىل ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ دانىيەنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بېرىش.
كانادادا كانادا ھۆكۈمىتى ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەبىيە سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. كانادا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيەنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، پۇقرالارنى ئىزچىل ھەر خىل، ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، كانادا ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە سىستېمىسىنى قۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئوخشىمىغان ياشتىكى پۇقرالارنى داۋاملىق تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، ھەر خىل مەكتەپ مائارىپى، خىزمەتتىكىلەر تەربىيەلەش ۋە داۋاملىق تەربىيە قاتارلىقلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، كانادا ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى ئوخشىمىغان بىر تەرەپ قىلىش لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن: ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى كۈچەيتىش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تولۇق ئوتتۇرىدىن كېيىنكى مائارىپنى كۈچەيتىش، خىزمەتتىكىلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، مەھەللە ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەبىيە جەھەتتىكى مۇھىم خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار.
ياپونىيەدە ياپونىيە ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيەنى دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك سىياسىتى ۋە مائارىپ سىياسىتى قىلغان ھەم قانۇن چىقىرىپ ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيەگە كاپالەتلىك قىلىپ، مائارىپنىڭ ھەر خىل سىستېما ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت مائارىپى ۋە مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
ياپونىيە مۇكەممەل، سىستېمىلىق ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دۆلەت ۋە يەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدا ئۇلارنىڭ رولى ۋە فۇنكسيەسىنى بېكىتىپ، مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن. بىرىنچى، دۆلەت دەرىجىلىك ئىلگىرى سۈرۈش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلغان. ئىككىنچى، مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى بېكىتكەن. ئۈچىنچى، مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن، تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋازارىتىنىڭ فۇنكسيەسىنى بېكىتكەن. مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن، تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋازارىتى دۆلەتلىك مائارىپ تەربىيەسىنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان مەمۇرىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيە سىستېمىسى قۇرۇش داۋامىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۆتىنچى، يەرلىكنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان. بەشىنچى، ئۆمۈرلۈك تەلىم – تەربىيەنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]