خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئالىياسكىدا بالىلار دەرس تاشلىسا ئاتا – ئانىسى جا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2011-10-14 16:17

ئالىياسكىدا بالىلار دەرس تاشلىسا ئاتا ئانىسى جازالىنىدۇ

 

      ئامېرىكا ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ غەربىي رايونىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تاشلىشىنى توسىدىغان يېڭى ئۇسۇلنى ئويلاپ چىققان. ئىشتات ساقچىلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، دەرس تاشلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىسىغا جەرىمانە قويغۇزغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يەتتە ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان بالىلار ۋاقتىدا دەرىسكە قاتنىشىشى كېرەك. سەۋەبسىز بەش قېتىم دەرس تاشلىغانلارنىڭ ئاتا ئانىسىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 دوللار جەرىمانە قۇيۇلىدۇ، بىراق بۇ قانۇن نۇرغۇن جايدا يولغا قۇيۇلمىغان. ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ ئۇناراكۋېلىت، كۇتزېيۇ ۋە بېتىل مەكتەپ رايونلىرى بۇ قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسخانىغا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. يوقىرىقى ئۈچ مەكتەپ رايونىدا ئاتائانىلار باشتا ئاگاھلاندۇرۇش تاپشۇرۇۋېلىپ، بىر قاتار يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بالىلار مەكتەپكە بارمىسا، ساقچىلار ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق جەرىمانىنى ئاز تاپشۇرۇش ياكى تاپشۇرماسلىقىغا يول قويىدۇ. سوت كوللېگىيەسىنىڭ خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بەزى ئاتا ئانىلارغا نەچچە يۈز دوللار، بەزىلىرىگە ھەتتە 1000 دوللاردىن ئارتۇق جەرىمانە قۇيۇلغان.

     كۇتزېيۇ مەكتەپ رايونىدىكى بىر تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى كىشلەرنى سوتقا چاقىرىش ئەمەس، ئەكسىچە بالىلارنى دەرسخانىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىكەن.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار