خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يانفون رادىئاتسىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ 10 خىل ئۇسۇلى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-03 23:14

 
يانفون رادىئاتسىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ 10 خىل ئۇسۇلى

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ژۇرنىلىدا يانفون ئابونتلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يانفون رادىئاتسىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ 10 خىل ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولغان 10 خىل ئۇسۇلى بېسىلغان بولۇپ، بىز تۆۋەندە بۇ 10 خىل ئۇسۇلنىڭ زادى قايسى ئۇسۇللار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

1. نائۇشنىك ئىشلىتىش

نائۇشنىك ئارقىلىق تېلىفون ئۇرغان ياكى تېلىفون قۇبۇل قىلغاندىكى رادىئاتسىيە بىۋاستە يانفوننى قۇلاققا يېقىپ تۇرۇپ سۆزلەشكەندىكى رادىئاتسىيىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ.

2. ئامال بار قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش

يانفون ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەندىكى رادىئاتسىيە بىۋاستە تېلىفون ئۇرغانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ تۆۋەن بولغاچقا، يانفون ئابونتلىرى ئەڭ ياخشىسى ئامالنىڭ بارىچە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ تېلىفون قىلماسلىققا ئادەتلىنىش لازىم

3. يانفون سۆزلەشكەندە ھەمىشە قولنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش

يانفون سۆزلەشكەن چاغدا يانفون تۇتقان قولنى چاققان ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بولسا يانفون راىدئاتسىيىسىنىڭ بىرلا قۇلاققا ياكى مېڭىنىڭ بىرلا تەرىپىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىپ، قۇلاق ھەم مېڭىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

4. لىفىت قاتارلىق يېپىق مۇھىتلاردا تېلىفون قىلماسلىق

لىفىت قاتارلىق يېپىق ھالەتتىكى مۇھىتلاردا تېلىفون سۆزلەشكەندىكى رادىئاتسىيە ئادەتتىكى رادىئاتسىيىدىن نەچچە مىڭ ھەسسە كۈچلۈك بولۇپ، يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېىغر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

5. يانفون سىگنالى ئاجىز ۋاقىتلاردا تېلىفون سۆزلەشمەسلىك

يانفون سېگنالى ئاجىز ۋاقىتلاردا تېلىفون سۆزلەشكەندە يانفوننىڭ رادىئاتسىيە كۈچلۈكلۈكى ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە يۈز ھەسسە كۈچلۈك بولۇپ كېتىدۇ.

6. تېلىفوندا ھېكايە ئېيتىشماسلىق

يانفوندا ھەددىدىن ئۇزۇن ۋاقىت سۆزلەشمەسلىك كېرەك، يانفوندا بەك ئۇزۇن سۆزلەشكەندە باش قېيىش، كۆڭۈل ئاينىش ھەتتا ئېغىر بولغاندا چوڭ مېڭىگە تەسىر يېتىش ھەم يانفون باتارىيىسىنىڭ قىزىپ كېتىشى تۈپەيلى يۈزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشتەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

7. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى ئاز ئىشلىتىش

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ رادىئاتسىيە كۈچلۈكلۈكى ئادەتتىكى ئىقتىدار يانفونلىرىغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولۇپ، شۇڭلاشقا يانفون ئابونتلىرى ئەڭ ياخشىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى ئاز ئىشلىتىشى ياكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بىلەن ئادەتتىكى ئىقتىدار يانفونلىرىنى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئادەت قىلىشى لازىم.

8. يانفون ئۇرۇلۇۋاتقاندا قولىنى سوزۇپ تۇرۇش

يانفون ئىشلەتكۈچىلەر يانفون ئۇرۇلۇپ قارشى تەرەپكە ئۇلىنىۋاتقان ۋاقىتتا يانفوننى ئۆزىدىن يىراق تۇتۇشنى ئادەت قىلىشى لازىم، چۈنكى يانفون ئۇلىنىۋاتقاندا ئۇنىڭ رادىئاتسىيە كۈچى ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا نەچچە ئون ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ.

9. يانفوننى ئىشتان يانچۇقىغا سالماسلىق

يانفوننى ئەڭ ياخشىسى ئىشتان يانچۇقىغا سالماسلىق كېرەك، بولۇپمۇ ئەر يانفون ئىشلەتكۈچىلەر يانفونىنى ئىشتان يانچۇقىغا سالماسلىقى لازىم، چۈنكى يانفون رادىئاتسىيىسى ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

10. يانفوننى ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرمەسلىك

يانفون ئىشلەتكۈچىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفونىنى ئېتىۋېتىشى، يانفونىنى ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ ھەرگىز ياستۇقنىڭ ئاستىغا، شۇنداقلا ئۈستەل تومپوچكىسى ئۈستىگە قۇيۇپ قويماسلىقى لازىم، يانفونىنى ئوچۇق ھالەتتە ياستۇقى ئاستىغا ھەم باش تەرىپىگە قۇيۇپ يېتىپ ئۇخلاشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار