يۈرەك - پادىشاھ . پادىشاھ ئامان بولسىلا بەدەن سالامەت بولۇر .
يۈرەكنىڭ بەدەندە تۇتقان ئورنى ھەممىمىزگە مەلۇم . بەدەننىڭ ساغلاملىقىدا يۈرەك سېستىمىسى ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ . قان تۇمۇرلارنىڭ ئىگىسى يۈرەك ، يۈرەكتىكى ئالامەتلەر چىرايدا مەلۇم بولىدۇ ، تىلدا ئىپادىلىنىدۇ . ئادەتتە چىراي خۇنۇك ، تۇمۇرنىڭ سوقۇشى بوش ، كالپۇك بىلەن تىل كۆكۈش بىنەپشە رەڭگە كىرىپ قالغان بولسا ، بۇ يۈرەكتە مەسىلە چىققانلىقىنىڭ بېشارىتى ھېسابلىنىدۇ .
روھنىڭ ئىگىسى يۈرەك ؛
ئەگەر ئادەم ئالاقزادە بولۇپ ئۇيقۇسى قاچسا ، كۆپ چۈش كۆرسە ، ئەس - ھوشى جايىدا بوللمىسا ، پو ئېتىپ جۆيلۈسە ياكى ئىنكاسى ئاستا ، ئۇنتۇغاق ، روھى سۇلغۇن بولسا ، ھەتتا ھوشىدىن كەتسە ، بۇ ئادەتتە يۈرەك پاراكەندە بولۇپ ، نورمال ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ،
روھنىڭ مەنبەسى يۈرەكتە ؛
ئادەمنىڭ خۇشال بولىشى ۋە قايغۇرىشى يۈرەككە باغلىق . چۈنكى ، روھ غالىپ بولسا ، ئادەم خۇشال بولىدۇ ، زەئىپ بولسا ، ئادەم قايغۇرىدۇ ،
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]