ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟
ئالدى بىلەن، ئادەم بەدىنى HIV-1 دىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، تاللىنىشچان ھالدا نىشانلىق ھۈجەيرىدىكى CD4 قوبۇل قىلغۇچى تەنچىگە ئادسورپىسىيىلىنىپ، ياردەمچى قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ ياردىمىدە قونالغۇ خوجىسى بولغان ھۈجەيرىگە كىرىدۇ. ھالقىلىشپ بىر تەرتىپكە كەلگەندىن كېيىن، كۆچۈرۈپ، قۇراشتۇرۇلۇپ، يېتىلىپ ۋە بىخلانغاندىن كېيىن، مۇكەممەل ۋىرۇس دانچىسى ھالىتىدە شەكىللىنىدۇ. بىرسوتكىدىن ئىككى سوتكىغىچە بولغان ئارىلىقتا قىسمەن لىمفا تۈگۈنلىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئادەم بەدىنىدە بەزى ئالامەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، كلىنكىدا ئاساسەن قىزىش، كۆڭلى ئاينىش، ئىچى سۈرۈش، بوغۇم ئاغرىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ يوغىناش ھەتتا نېرۋا سىستېمىسى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى يېنىك بولۇپ، بىر ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە داۋاملاشقاندىن كېيىن ئاندىن پەسىيىشكە باشلايدۇ.
جىددىي يۇقۇملىنىش مەزگىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يوشۇرۇن مەزگىلىگە كىرىدۇ، يەنى ئالامەتسىز مەزگىل. بۇ مەزگىل يۇقۇملىنىپ ئۆلۈمگىچە بولغان ۋاقىتنىڭ %80 نى ئىگەللەيدۇ. بۇ مەزگىلدە كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار سىرتتىن قاراشقا ساغلام ئادەملەر بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق، پەقەت تەن ئىچىدىكى ۋىرۇس بىلەن ئۆز تېنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئۆز ئارا كۆرەش ئېلىپ بارىدۇ. ئالامەتسىز مەزگىلنىڭ داۋام قىلىشى ئۇزۇن ۋە ياكى قىسقا بولىدۇ، ئاز بولغاندا 2 يىل، كۆپ بولغاندا 20 يىلغىچە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزاق ياكى قىسقا بولۇشى يۇقۇملىنىش يولى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، قان ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ (ئاساسلىقى قانۇنسىز قان ئېلىش ۋەئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش) 4 يىلدىن 5 يىلغىچە بولىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇققانلارنىڭ 11 يىلدىن 13 يىلغىچە بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئالامەتسىز مەزگىلى 13 يىلغىچە يەتسە، ئۇزاق مەزگىل ياشىغۇچىلاردەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
يوشۇرۇن مەزگىلدىكى ۋىرۇسنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى كۆپلىگەن ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى توختىماستىن ۋەيران قىلىشى بىلەن بىرگە، يىلىك ھەسسىلەپ تولۇقلاش ئۈچۈن تېز سۈرئەت بىلەن يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپ چىقارسىمۇ، لېكىن تولۇقلاش سۈرئىتى ھۈجەيرىلەرنىڭ زەخمىلىنىش سۈرئىتىگە مەڭگۈ يېتىشەلمەيدۇ. نورمال بولغان ئادەم تېنىدە، ھەر كۇب مىللىلىمېتىر قان تەركىبىدە تەخمىنەن 800 دىن 1000 تالغىچە ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ، ئەمما ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى تېنىدە بولسا، ھەر كۇب مىللىمېتىر قان تەركىبىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى ھەر يىلى 50 تالدىن 70 تالغىچە كېمىيىپ بارىدۇ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى كېمىيىپ ھەر كۇب مىللىمېتىردا 200 تال ئەتراپىدابولغاندا، كېمىيىش سۈرئىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. بىمار ئەيدىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرگەندە، CD4+Tلىمفا ھۈجەيرىلىرى سانى روشەن چۈشۈپ، HIV قان پلازمىسىدىكى ۋىرۇسنى ساقلاش مىقدارى كۆرىنەرلىك ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى كلىنىكىلىق ئىپادىسى بولسا HIV غا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر بولۇپ، بۇ جەرياندا ھەرخىل تاساددىپىيلىق ياللۇغلىنىش ۋە ئۆسمە پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئادەتتە ئادەمنىڭ ھاياتىغاخەۋپ ئېلىپ كەلمەيدىغان ئادەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەل يەنى ئۆپكە ياللۇغى، بۇ كېسەل ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېنىگە كىرسە، كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، ئادەتتە ئالتە ئايدىن 24 ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە جېنىغا زامىن بولىدۇ.
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈشىنى يەنىلا ئادەمگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېسەل قوزغالغاندىن كېيىن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ياشاش ۋاقتى ئاساسلىقى ئۇنىڭ يۇقۇملانغان HIV ئىككىلەمچى ۋىرۇس بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋىتى بار: A ئىككىلەمچى ۋىرۇستىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8.8 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ، D ئىككىلەمچى ۋىرۇستىن يۇقۇملانغۇچىلار بولسا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6.9 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ، Dئىككىلەمچى ۋىرۇس ۋە Aئىككىلەمچى ۋىرۇسنىڭ ئارىلاشمىسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ياشاش ۋاقتى تېخىمۇ قىسقابولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.8 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.
ئەگەر ئەيدىز دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىلار بولسا، ھەرگىزمۇ ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاشقا ماسلىشىپ، دوختۇرنىڭ داۋالاش لايىھەسىگە بويسىنىش لازىم، دورا ئىچىشنى قالايمىقان ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، شۇندىلا يوشۇرۇن مەزگىلنى ئۇزارتقىلى، ھەمدە نورمال ئادەمدەك ياشىغىلى بولىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]