خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتسە سەمرى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويتوغراق2012-10-19 17:19

نيۇيورك ئۇنۋېرسىتىتى لانگونې (Langone) تىببىي مەركىزىدىكى مارتىن بۇراس دوكتور ئانتىبىئوتىك (مىكروبقا قارشى دورا) نىڭ ئاشقازاندىكى باكتىرىيەلەرگە بولغان تەسىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ بايقىشىچە، كۆپ قىسىم كىشلەرنىڭ ئاشقازىنىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا بۇرما تاياقچە باكتېرىيىسى بار ئىكەن، بۇ باكتىرىيە گەرچە ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم يۇقۇملانغۇچىلاردا كېسەل قوزغىمايدىكەن. چۈنكى، ئاشقان ئۈچەي يولىدىكى باكتىرىيەلەر ھەمىشە بىر خىل تەڭپۇڭ ھالەتكە يېتىدىغان بولۇپ، ئاسانلىقچە بىر خىل باكتىرىيەنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىغا يوق قويمايدىكەن.

ئەمما ئاشقازان كېىسىلى بىمارلىرى ئانتىبىئوتىك (مىكروبقا قارشى دورىلار) لارنى زىيادە كۆپ ئىشلەتسە بۇ تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ئاشقازاننىڭ نورمال خىزمەت ئەندىزىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ تاشلايدىكەن. ئانتىبىئوتىكلار ئۈچەي يولىغا كەلگەندىن كېيىن، داۋاملىق كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتىرىيەلەرگە زىيان سېلىپ، بەدەننىڭ ھورمۇن تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر قىلىپ، ئادەمنى تېخىمۇ ئاچ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىكەن. ئاقىۋەت، ئادەمنى بارغانسرى سېمىزلىتىپ تاشلايدىكەن. يېقىنقى يىللاردا يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، شېكەر سىيىش كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ بارغانسرى ئەۋج ئېلىشى سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
جۇڭگو سەھىيە مىنىستېرلىكى دورا نازارەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋ جىيەنخوڭ ئاشكارا سورۇنلاردا بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ كىشى بېشىغا ھەر يىلى 8 بوتۇلكا ئاسما ئوكۇل توغرا كېلىدىغان بولۇپ،يەر شارى بويىچە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەڭ ئېغىر دۆلەت ئىكەن. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئانتىبىئوتىك دورىلار بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنى تۈگەشتۈردى. ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن سىرت، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبى بىمارلارنىڭ تەلىپى ۋە دوختۇرلارنىڭ دورا ئىشلىتىش ئادىتىدىن كەلگەن. جۇڭگو تىببىي ئىلىم جەمئىيىتى ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تارمىقىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو قېرىلار تىببىي جەمئىيىتى نەپەس كېسەللىكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شىنمىن پراففىسور پۇقرالارنىڭ چوقۇم «تۆت ياق» پىرىنسىپىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشىنى دەۋەت قىلغان.
1.    خالىغانچە دورا سېتىۋالماسلىق: كۆپلىگەن ئانتىبىئوتىكلار رېتسىپلىق دورا بولۇپ، چوقۇم رېتسىپقا ئاساسەن سېتىۋېلىش كېرەك.
2.    ئۆزلىكىدىن دورا تاللىماسلىق كېرەك: چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.
3.    خالىغانچە دورا يېمەسلىك كېرەك: گەرچە ئۆيدە ئانتىبىئوتىك دورىلار بولسىمۇ، يېيىشتىن ئىلگىرى دوختۇردىن سوراش كېرەك، زۇكامغا ئوخشاش كىچىك كېسەللەر بولسىمۇ، ھە دېسىلا ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
4.    خالىغانچە دورىنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك: مۇبادا ئانتىبىئوتىك دورا بىلەن داۋالىنىپ قالسا، ۋاقتىدا مىقدارى بويىچە دورا يېيىش كېرەك، باكتىرىيەلەردە دورىغا چىدامچانلىق پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار