خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئەرەبلەر نېمە ئۈچۈن تېرە راكى بولمايدۇ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-07-05 12:08

ئەرەبلەر نېمە ئۈچۈن تېرە راكى بولمايدۇ؟

        

ئەرەبلەر نېمە ئۈچۈن تېرە راكى بولمايدۇ؟
 

   ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمى بىنەپشە نۇرغا زىيادە قاقلىنىش تېرە راكىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىل دەپ قارايدۇ. ئاپتاپتىن ساقلىنىش تېرە راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى زور. كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى كۈچلۈكرەك بولغان ئەرەب رايونىدا تېرە راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەن؛ ئەكسىچە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش سىجىللىقى مۇۋاپىق بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تېرە راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى. ئۇنداقتا ئەرەبلەر تېرە راكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان «مەخپىيەتلىك» كە ئىگىمۇ؟

 

   ئىنسانلارنىڭ تېرىسى بىنەپشە نۇردىن ساقلىنىدىغان تۇغما مۇداپىئەلىنىش مېخانىزمىغا ئىگە، شۇڭا تېرە بىنەپشە نۇرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، قارا پىگمېنتنى كۆپلەپ ھاسىل قىلىدۇ. قارا پىگمېنت بىنەپشە نۇرنى توسۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. تېرە ئاپتاپقا ئۇزاق ۋاقىت سېلىنسا قارىداپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تېرىنىڭ ئۆزىنى قوغدىغانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

   يۇقىرى كەڭلىك، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى كۈچلۈك بولغان ئەرەب رايونىدا ئەۋلادتىن ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقانلارنىڭ تېرىسى بىنەپشە نۇرغا تاقابىل تۇرىدىغان «مەخپىيەتلىك» قارا پىگمېنتكە ئىگە. باشقا رايونلاردىكى ئاق تەنلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا قارا پىگمېنت ئۇلارنىڭ بىنەپشە نۇرنى تېرىنىڭ سىرتىدا توسۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

   ئاق رەختلىك يېپىنچا تېرىنى نۇردىن ساقلايدىغان بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇپ، بىنەپشە نۇر ئىچىدىكى UVB نى سىرتتا قالدۇرىدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ تېرىسىدە قارا پىگمېنت مىقدارى ئەسلىدىنلا ئاز بولغاندىن باشقا، ئۇلار قىسقا يەڭلىك، ئوچۇق ھەم نېپىز كىيىنگەچكە، بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىغا بەكرەك ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە، تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.  

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار