نىمىشقا چاچ چۈشىدۇ؟

زىيادە ئورۇقلاش، چاچ ياسىتىش، چاچنى بۈدىرە قىلىش، بوياش، ئۆرۈش سەۋەبىدىن چاچ مەلۇم دەرىجىدە چاچ فىزىكىلىق سوزىلىدۇ ھەمدە يۇقىرى تېمپىراتۇرا ھەم خېمىۋىيلىك دورىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ-دە چاچ يىلتىزى نابۇت بۇلىدۇ، چۈشكەن چاچ ئەسلىگە كەلمەيدۇ.
ۋېتامىن A كۆپىيىپ كىتىش؛ بەزىدە ۋېتامىن A كۆپىيىپ كەتسىمۇ چاچ چۈشىدۇ، ۋېتامىن A نى ئازايىتسا چاچ قايتا ئۆسىدۇ.
Bتۈرىدىكى ۋېتامىن ئازىيىش؛ ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكتىن كىلىپ چىققان چاچ چۈشۈشنىمۇ داۋالىغىلى بۇلىدۇ، ئادەتتە بېلىق، ئورۇق گۆش، قاتتىق پوستىلىق مېۋە قاتارلىقلار تەركىبىدە ۋېيتامىن B مىقدارى مول، بۇ يىمەكلىكلەر چاچ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بۇلۇپلا قالماي يەنە بەدەن ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق.
ئاقسىل ئازىيىش؛ ئۇزۇقلۇق تەركىبىدە ئاقسىل ئاز بولسا بەدەندە چاچنى ئاقسىل بىلەن تەمىنلىگۈدەك ماغدۇر قالماي چاچ چۈشىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئاقسىل تۇلۇقلاپ تۇرغان ياخشى.
قان ئازلىق؛ تۈمۈر ماددىسى ئازىيىش مەنبەلىك قان ئازلىقمۇ چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ، يەنە ئادەمدە چارچاش، باش قېيىش، پۇت- قول مۇزلاش، چىراي تاتىرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ، بۇنداق چاغدا كالا گۆشى ياكى دورا يەپ بەرسە بۇنداق ئەھۋال يوقىلىدۇ،
جىددىي كەيپىيات؛ كۈتۈلمىگەن ۋەقە بەدەندە يۇشۇرۇن كېسەللىكلەرنى قوزغاپ، چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا بېسىم ۋە ئەنسىزلىككە دۇچ كەلگەندە ھەركەت قىلىش، دوسىتلار بىلەن سىردىشىش، ۋە ھىسىيات جەھەتتە تاۋلىنىش، چاچ چۈشۈنى پەسەيتىدۇ.
يارلىنىش؛ ئادەم يارلانغاندا ۋاقىتلىق چاچ چۈشۈش پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى چاچنىڭ نورمال ئۈسۈش دەۋرى قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ، بىراق يارىنىڭ ساقىيىشىغا ئەگىشىپ چاچ قايتا ئۆسىدۇ.
ھامىلدارلىق؛ھامىلدارلىق بەدەندىكى ھۇرموننى قالايمىقانلاشتۇرۇپ چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ، بىراق تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئوبدان دەم ئېلىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرسە چۈشكەن چاچنىڭ ئورنىغا چاچ چىقىدۇ.
ئەرلىك ھورمۇننىڭ نورمالسىزلىشىش؛ 50 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئەر كىشىدە چاچ چۈشۈش پەيدا بۇلىدۇ، چۈشۈش شەكلى " M" ھەرىپى شەكلىدە بۇلىدۇ، بۇ گېن ۋە ئەرلىك ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا تېرىگە دورا سۈرۈش ۋە دورا يەپ بەرسە قايتا چاچ ئۆسىدۇ.
ئېرسىيەت؛ ئەگەر جەمەتىدىكى ئاياللاردا مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا جەمەتىدىكى ئايال ئەۋلاتلاردا چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.ئېمۇنىتىت كېسەللىكى؛ ئەگەر ئېمونىت سېستىمىسى زىيادە جانلىنىپ كەتسە، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش پەيدا قىلىدۇ.