ئاچچىقسۇ ھاردۇقنى چىقىرىدۇ
ياپونىيەلىكلەر ئاچىقسۇ بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېچىش ئارقىلىق زۇكام، بوغۇز ئاغرىقى قاتارلىقلارنى ياكى ئاز مىقداردا گۈرۈچىتىن ئىشلەنگەن ئاق ئاچچىقسۇ ئېچىش ئارقىلىق، ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشلارنى، ئاچىقسۇنى سۈرتۈش ئارقىلىق يىرىڭلىق قاپارتقۇ، تەمرەتكە ۋە پۇت تەمرەتكىلىرىنى داۋالىغان. بۇلار ئاچىقسۇغا چىلانغان تۇخۇم ياكى پۇرچاقنى يەپ بەرسە سالامەتلىكنى ئاسراپ، ئارتېرىيە قېتىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ساغلام ئادەملەرنىڭ ھەرىكەتتىن كېيىنكى پۇت - قوللىرىنىڭ ئاغرىشى سۈت كېسلاتاسىنىڭ بەدەندىن كۆپ ئاجرىلىشىدىن بولغان بولۇپ، لىمون، ئاپلېسىن، ئالما، پۇرچاق، بۇغداي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە سۈت كېسلاتاسىنى مەلۇم مىقداردا ئوكسېتلاپ ھاردۇق چىقارغىلى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈنىمى ئاچچىقسۇغا يەتمەيدىكەن. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار تائاملارغا كۆپرەك ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئېستىمال قىلىشنى يەۋسىيە قىلىدۇ.