خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئىمتىھاندا 90 نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى تامامەن ئوخشاش بولامدۇ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2014-10-04 14:14


 
ئىمتىھاندا 90 نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى تامامەن ئوخشاش بولامدۇ؟

دەرسخانىدا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا: ‹‹1 – سوئالدىن 10 – سوئالغىچە ئىشلەڭلار›› دېسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئون سوئالنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ئىشلىشى كېرەكمۇ؟

   ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى قانداق ئويغاتقىلى بولىدۇ، دەرسخانىنىڭ تۈرتكە بولۇشىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ۋاقتى 40 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق بولامدۇ ياكى 45 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق بولامدۇ؟

   ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى ئويلاپ يەتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۈيۈك رەقەملەرنىڭ مائارىپ فورماتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولۇشىڭىز كېرەك.

   بۈيۈك رەقەملىك دەۋر جىمجىتلا يېتىپ كەلدى، ئىلگىرى توپلاش ۋە تەھلىل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان رەقەملەرنى يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئاستىدا توپلاش ۋە تەھلىل قىلىشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى.

   ئىمتىھاندا ئوخشاشلا 90 نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى تامامەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش مېتودىغا ئاساسلانغاندا، نەتىجىسى ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن بۈيۈك رەقەملەرنىڭ تەھلىل قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقى مانا مەن، دەپ نامايان بولىدۇ. ئوخشاشلا 90 نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى تەھلىل قىلساق، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاجايىپ لوگىكىلىق تەپەككۇرغا ئاساسەن سوئاللارغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى، يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تايىنىپلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايقايمىز.

   شۇڭا، بۈيۈك رەقەملەر بىزگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك مۇئامىلە قىلىشىمىزغا، ئىلگىرىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىقلا باھا بېرىشنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايقىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلىسە، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىغا قارىتا ئوخشىمىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.

   ئادەتتە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئۇسۇلى: ‹‹ 1 – سوئالدىن 10 – سوئالغىچە ئىشلەپ كېلىڭلار››، ‹‹ تەتىلدە ئون كىتاب ئوقۇڭلار›› دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. ئوخشاش كىتاب ۋە ئوخشاش سوئالنى ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش شەكلىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن يېڭى تېخنىكا بىزنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق تاپشۇرۇقلارنى قاراتمىلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرالايمىز.

   بۈيۈك رەقەم ۋاسىتىسى بىلەن يېڭى تېخنىكا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

   ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش مېتودىنى ياخشىلاپ، دەرسخانىدىلا بىلىم بېرىشنى ئازايتىپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنى كۆپەيتىش

   يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ‹‹ئېكران ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش›› قىزىق تېما بولۇپ قالدى. يېقىندا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا شېنجېن ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلىتىمىزدىكى 40 ئالىي مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈپ ‹‹پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر UOOC ئىتتىپاقى››نى قۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئېكران ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش ئىتتىپاقىنى تەشكىللەش.

   بۇ خەۋەر كەڭ كۆلەمدە توردا دەرس ئۆتۈشنى جەمئىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى. يېڭى تېخنىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش شەكلىگە ئېلىپ كەلگەن زەربىسى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان پەيتتە، كىشىلەر تەبىئىيلا بۈيۈك رەقەم ۋاسىتىسى بىلەن ئېكران ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش شەكلىنىڭ ئورنىنى ئالامدۇ، بۇ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنى تاماق قاچىسىدىن ئايرىۋېتەمدۇ؟ دەپ سوئال قويۇشتى.

   بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە، ياق!

   شاڭخەي سۇ ئىشلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى ۋېي جۇڭ مۇنداق قارىدى: بۇ ئەھۋال ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلاردىن، مائارىپ ئۇچۇر بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تېخىمۇ قاراتمىلىق، تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئالغا بېسىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟

   بىل گايتىس مۇنداق مۆلچەرلىگەن: ‹‹بەش يىلدىن كېيىن، سىز توردىن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دەرسلىككە ھەقسىز ئېرىشەلەيسىز، يەنە كېلىپ بۇ دەرسلىكلەر ھەرقانداق بىر ئايرىم مەكتەپ تەمىنلىگەن دەرسلىكتىنمۇ ياخشى بولىدۇ›› شۇنداق، كەلگۈسىدە، ئوقۇغۇچىلار دەرۋازىسى، قورو تېمى بولمىغان ھەرقانداق بىر مەكتەپ ۋە ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئۇلار دۆلەت، مىللەت ھالقىيالايدۇ. توردا ئۆگىنىش بارغانسېرى كۆپ بىلىم ئالغۇچىلارنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ھەرىكىتىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ئۆزلۈكىدىن ساقلىنىپ قېلىپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى ئۆگىنىشىگە باھا بېرىش ۋە تەكشۈرۈشكە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى، ئۆگىنىش جەريانىدىكى قىزىقىشىنى، دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلىرىنى تەھلىل قىلىپ ئولتۇرمايدۇ، پەقەت ئۆگىنىش خاتىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىش ئارقىلىقلا، ئۆگىنىش جەريانىدىكى قانۇنىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

   ئۇچۇر تېخنىكىسى يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنى ئازاد قىلدى، ئۇلارنى كۆپلەپ تەكرار ئەمگەك قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، زېھنىي كۈچىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا قارىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، مانا بۇ تېخنىكىنىڭ ئازاد قىلىش كۈچى.

   بۇ توغرىدا توختالغىنىمىزدا، بۈيۈك رەقەملەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك سىرلىق ئەمەسلىكىنى، بۈيۈك رەقەملەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىكى تولۇقلىما ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئاغدۇرمىچىلىق ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار