خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مەجبۇرى مائارىپتىكى مەجبۇرلاشلار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2014-03-03 01:16


مەجبۇرى مائارىپتىكى مەجبۇرلاشلار  


    قېرىنداشلار ، مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك تىمىلار جىقلاۋاتىدۇ . شۇڭا مەنمۇ ئازراق سۆزلىگىم كەپ قالدى . لېكىن مەن گەپنى ئۇدۇللا قىلىمەن . كىتاۋى سۆزلەرنى قىلماي ئىپادىلەيمەن .
   ھازىر مەكتەپلەردە خوشاللىق مائارىپى يولغا قۇيۇلۇۋاتىدۇ ، خوشاللىق مائارىپى دىگىنىمىز ، مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارغا خوشاللىق ھىس قىلدۇرۇش ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە بېرىشقا ئىنتىلدۇرۇش ، سىرتتا قېلىۋاتقان ، مەكتەپكە قەستەن بارمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ قوينىغا ئەكىلىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر چوڭ ھەرىكەت .
   مەكتەپلەردە 54321پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ .
5دىگىنىمىز ، مەيلى ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچى بولسۇن ھەر مەۋسۈمدە 5 كىتاپ ئوقۇش  .
4 دىگىنىمىز ، تۆت خىل قىياپەت ، يەنى ئۆلچەملىك ئولتۇرۇش قىياپىتى ، ئۆلچەملىك مېڭىش قىياپىتى ، ئۆلچەملىك يېزىش قىياپىتى ، ئۆلچەملىك تۇرۇش قىياپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
3 دىگىنىمىز ، ئۈچ ئاۋاز ، يەنى كىتاپ ئوقۇش ئاۋازى ، مەكتەپ ئىچىدىكى يېقىملىق ناخشا ئاۋازى ، تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ئۈنلۈك توۋلىغان ئاۋاز (1،2،3دىگەندەك ئاۋازلار).
2 دىگىنىمىز ، 2 خىل گىمناستىكا ، كۆز گىمناستىكا ، دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكا .
1 دىگىنىمىز ، بىر پائالىيەت ، يەنى دەرستىن سىرتقى قىزىقارلىق پائالىيەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەش ، يەنى قۇياش نۇرى پائالىيىتى .
       قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم ، سىلەرگە يۇقارقىلارنى دىيىشتىكى مەقسىتىم ، ھازىر نۇرغۇن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مەكتەپكە بارمايۋاتىدۇ . ئۇلارنى ئىزدەپ ئوقۇتقۇچىلار ئاۋارە . بۇلۇپمۇ جەنۇپتىكى ئوقۇتقۇچىلار  بۇ جەھەتتە بەكرەك جاپا تارتىۋاتىدۇ . شۇلارنى مەكتەپ قوينىغا ئەكىلىش ئۈچۈن ، مائارىپ نۇرغۇن مەبلەغ سالدى . يۇقىرىدىن مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچىلار ئوينايدىغان ھەرخىل ئۇيۇنچۇق ، توپ ، تەپكۈش قاتارلىقلاردىن تارتىپ ، ياش ئۆسمۈرلەر سارىيىغىمۇ نۇرغۇن مەبلەغ سالدى . ياش ئۆسمۈرلەر سارىيىدا ئۇچۇر تېخنىكا ، رەسساملىق ، خەتتاتلىق ، ناخشا ئۇسسۇل ، مۇزىكا ، ۋېلىسپىت مىنىش ، سىيرىلغۇچ ، قىزلار ئۈچۈن كەشتە تىكىش ، توقۇمىچىلىق ، مودىل ياساش دىگەندەك نۇرغۇن كەسىپلەر بار . ئوقۇغۇچىلار شەنبە يەكشەنبە ، تەتىللەردە ھەقسىز ئۆگىنىدۇ . مەكتەپ مەيدانلىرىدا نۇرغۇن تەنتەربىيە سايمانلىرى سەپلەندى . ھەركۈنى ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتتە ئوقۇغۇچىلار مەيداندا خالىغانچە ھەرىكەت قىلىدۇ . قانغۇچە ئوينايدۇ . بۇرۇنقىدەك كۈندە 8 سائەت دەرس ئۈتىدىغان ئىشلار يوق  ، مەكتەپتىن بىزار بۇلىدىغان ئىشلار ئەمدى تۈگىشى مۇمكىن .     
     ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قاچماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى تەنقىدلەشكە بولمايدۇ . ئۇلارغا ئوقۇتقۇچىلار يېلىنىپ تۇرۇپ تەربىيە قىلىدۇ . بولمىسا ئۇلار ئاتا ئانىلىرىغا تىللىغاننى ئۇردى دەپ ئاشۇرۇپ ئېيتىدۇ . ئىشقىلىپ ھازىر ئوقۇتۇشتىن بەكرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىپ كىتىشى مۇھىم بۇلۇۋاتىدۇ  . ھازىر جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىۋاتقانلار مەكتەپ يېشىدىكى مەكتەپكە بارمايۋاتقانلار ، شۇڭلاشقا ھازىرقى ۋەزىيەتتە مائارىپ يۇقارقىدەك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بۇلۇۋاتىدۇ ، دىيىشكە بولىدۇ .
   بۇنىڭدا ئەسلىدە ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىلسە بولاتتى، بۇ ئىشلارنى قانداق ھەل قىلساق مۇۋاپىق بولاركىن ؟
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار