ئۆمەر ئەمەت بەربەرى
‹‹ياشاش ئۈچۈن تاماق يەمدۇق ياكى تاماق يېيىش ئۈچۈن ياشامدۇق؟›› دېگەن سوئالغا كۆپىنچە كىشىلەر‹‹ئەلۋەتتە ياشاش ئۈچۈن تاماق يەيمىز›› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بىراق، يەنە بەزىلەر‹‹تاماق يېيىش ئۈچۈن ياشايمىز›› دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. بۇ دەل ‹‹ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› دەپ ئولتۇرىدىغانلارنىڭ جان بېقىش دەستۇرىدۇر. بۇنداق يۈزلىنىش مىللەتنى ۋەيرانلىق گىردابىغا باشلاپ بارىدۇ. ئادەمگە ياشاش ئۈچۈن تاماق بولمىسا بولمىغىنىدەك بىلىم بولمىسىمۇ بولمايدۇ.
يېقىندا بىر ساۋاقدىشىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۆرۈپ قاقشاپلا كەتتى:
- بىرمەۋسۇم ئوقۇپ ئاران مۇشۇ نومۇرغا ئېرىشىپتىمەن.
- خاپا بولمىغىن ئاداش. بۇ نومۇر سېنىڭ ئىقتىدارىڭنى، بىلىمىڭنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئاغرىپ قالمىغان بولساڭ نەتىجەڭ بۇنچە تۆۋەن چىقماس بولغىيتتى. سەن بەرىبىر نومۇر ئۈچۈن ئوقۇمىغاندىكىن،دېدىم.
- نومۇر ئۈچۈن ئوقۇمىسام نېمىدەپ ئوقۇيتتۇم ؟
ـ ساپايىڭنى نومۇرلا بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئانچىكى سەۋەبلەر بىلەن نەتىجەڭ چۈشۈپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشقىن.
ئۇنىڭ ئوقۇشتىكى مەقسىتىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى. ماتېرىياللارغا قارىغاندا تەرەققىي قىلغان بەزى ئەللەردە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئاساسەن مەكتەپ يېزىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇش ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىدار سىناش ئىمتىھانى ئاساس قىلىنىدىكەن.
ئېلىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى نومۇر ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىغا يەسلىدىن باشلاپلا ئىمتىھان قەغىزى ۋە تاپشۇرۇق دەپتىرىدىكى ‹‹100نومۇر›› سىڭىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى نوقۇل ھالدا نومۇر قوغلىشىش بىلەن ئۆتىدۇ. بارلىق زېھنىنى ‹‹100نومۇر››غىلا قارىتىدۇ.
بۇنداق نوقۇل ھالدا نومۇر قوغلىشىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. نومۇر ھەممىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. كىشىگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدىغىنى، ئاۋام قەلبىدە كىشىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئەزىز قىلىدىغىنى ئونىۋېرسال ساپا، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان ئىقتىدار بولۇشى لازىم. شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن، كىشىنى ئىشەندۈرەلمىگەن، ھاياتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلالمىغان بىلىم ئۆلۈك بىلىمدۇر.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]