كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق مەكتەپ ۋە <<ئۆسۈملۈك ئادەم>> سىمان بالىلار
ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر
ئاقتۇ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن
بۈگۈن ئەگەر سىزكەلگۈسى ئىچىدە ياشىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئەتە سىز ئۆتمۈش ئىچىدە ياشايسىز.
--------------------------پېتېر ئېلىياد
مەكتەپكەسەل قارىساق تەربىيەگە سەل قارىغانلىق بولىدىغانلىقى، تەربىيەگە سەل قارىساق ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىمىزگە سەل قارىغانلىق بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. شۇنىڭ ئۈچۈن يەنەمەكتەپ ۋە دەرسخانا ھەققىدە پىكىر قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدۇق، سەۋەبى بەكلا ئېنىق: چۈنكى بىزنىڭ كەلگۈسىمىز مەكتەپتىن باشلىنىدۇ! ھازىرىمىز كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ! كەلگۈسىمىز ھازىرىمىز ئارقىلىق قۇدرەت تاپىدۇ!
بىز شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ ھەققىدە توختىماي مۇلاھىزە قىلىمىز، ئەگەر مەكتەپ ھەققىدىكى مۇلاھىزىمىز بىر كۈن توختاپ قالىدىكەن، ئۇنداقتاكەلگۈسى مەۋجۇتلۇقىمىز بىر يىل ھەتتا ئون نەچچەيىل پالەچ ھالەتكەچۈشۈپ قېلىشىمۇمكىن. مەكتەپ ھەققىدىكى مانا مۇشۇنداق تەخىرسىزلىكنى ئالدىن ھېس قىلغان ۋە بىلگەن نۇرغۇن دانىشمەنلەر، مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنى دىققىتىنى مائارىپقا بۇراشقا ۋە مائارىپقا جىددىي قاراشقا رىغبەتلەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئاللىقاچان دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ دائىمىي، ئىجرائىي كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى. شۇ جۈملىدىن، يېقىندىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىمۇ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرگەبولۇپمۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشلاپ بەردى ھەم ياخشىلاپ بېرىۋاتىدۇ.
گەرچەمەكتەپلىرىمىز نورمال تەربىيە، ئوقۇتۇش بىلەن كېتىۋاتقاندەك، مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ناھايىتى زور مەبلەغلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن كۆڭۈلدىكىدەك بولغاندەك قىلسىمۇ، ھەممىمىز ئىچىمىزدە بىلىپ، تېشىمىزغا چىقارمايۋاتقان، مەكتەپلىرىمىزدىكى سەل قارىساق بولمايدىغان، كۆز بىلەن ئوڭايلىقچە كۆرگىلى بولمايدىغان بىر قىسىم تەخىرسىز مەسىلىلەر، <قاراڭغۇنۇقتا>لار، ھازىرىمز ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى كەلگۈسىمىز ئۈچۈن زور بېسىم، خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە.
خوش، ئۇنداقتا بىرمەكتەپنى چۆرگىلىتىۋاتقان مەكتەپ مۇدىرلىرى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
چوڭ - كىچىك يىغىنلارغا پالاقشىش، تەكشۈرۈشلەرگەتاقابىل تۇرۇش، قىزىل باشلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەكتەپ مالىيەسىىنى باشقۇرۇشلار بىلەن مەشغۇل...
ئوقۇتقۇچىلارچۇ؟
يەنە شۇ<ئاتام ئېيتقان بايىقى> دېگەندەك خۇشياقماسلىقئىچىدە دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، نوپۇس ئېنىقلاش ۋە باشقا ئايىغى چىقماس ئىشلار بىلەن مەشغۇل، راستىنى ئېيتقاندا ھارغىنلىق ۋە بىزارلىق كەيپىياتى بىلەن ئوقۇتۇشقا كىرىشىش ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ تىپىك كۆرۈنۈشى.
ئوقۇغۇچىلارچۇ؟
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ <ئەسنەك دەرسى>نىتولا ئاڭلاپ،<ئانچە - مۇنچە تەستەك ساۋىقى> ئېلىش، ئوقۇتقۇچىنىڭئۆزلىرىگە زادى نېمە ئىش قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماسلىق، نېمە ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق، كونكرېت بىلمەسلىك، تۈرلۈك ئىھتىيات سىزىقلىرى ئىچىدە يۈرەكلىك ھەرىكەت قىلالماي، ئىختىيارى تەپەككۇردىن مەجبۇرىي تەپەككۇرغاسولانغان ھالدا، ئېھتىياتلارنىڭUCI سىدا <ئۆسۈملۈك ئادەم> كەبى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن پەقەت بۇيرۇقلا ئىجرا قىلىش، مەكتەپ ئىچىدە قالايمىقان يۈگۈرمەسلىك، دەرسخانىدا جىم ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاش... دېگەندەك قاتتىق ۋەھىمىلىك تەرتىپلەر ئىچىدە ئوقۇش بىلەن بەند.
شۇنداقلا قارىسىڭىز مەكتەپتىكى ھەممە ئادەم ئالدىراش، ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن، ھەممە ئىش شۇ قەدەر ئوڭۇشلۇق ۋە نورمال، ئوقۇتقۇچىلار دەرسكە كىرىۋاتقان، دەرستىن چىقىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلار تەنەپپۇستائوينىشىۋاتقان ھالەتلەرنىكۆرگىلى بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچىئىشىكنى<گۈم>مىدە يېپىپلا سىنىپقا كىرىپ كەتسە، بىر سائەت دەرس ئەپلەپلا توشسا بولدى، دەرسخانىمىز ئومۇمەن بىرقەدەر ئاكتىپ ھالەتتە كېتىۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن، دەرسخانىدا قانداق مەزمۇنلار قانداق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىندى ياكى ھەل قىلىنمىدى؟ بىر سائەت ۋاقىت قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ نۇرغۇن بىر سائەتلەر قانداق داۋاملىشىۋاتىدۇ؟... دېگەن بۇ زۆرۈر مەسىلىلەر ھەققىدە دەرسخانىغا كىرىپ دەرس ئاڭلاپ بېقىپ، ئەستايىدىل ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگەكەپقالدى. تېشىمىزدىن قارىساق مۇستەھكەم، ساغلامدەك، ئەمما ئىچىمىزگە سەڭگىرىپ قارىساق <ياللۇغلىنىۋاتقان> يەرلەر، بىز دىققەت قىلىشقائۈلگۈرمەيۋاتقان مەسىلىلەر خېلى بار...
مانا بۇھالىتىمىزدىن ھەممەيلەن مەكتەپلىرىمىزنىڭ ھازىرىنى قىسمەن بولسىمۇ كۆرەلەيمىز، كەلگۈسى ھەققىدە قىسمەن بولسىمۇ ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرالايمىز. مانا شۇنداق قىلىپ ھە دېسىلا ئىسلاھات دېدۇق، تېشىمىزنى ئىسلاھ قىلغاندەك بولدۇق، ئىچىمىز شۇ پېتى، ئەسلىدە نېمىنى ئىسلاھ قىلىشنى بىلمىدۇق. ھە دېسىلا ئىلمىي تەرەققىيات دېدۇق - يۇ، قانداق قىلساق ئىلمىي تەرەققىيات بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ تەدبىقلىماي، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھانغىلا زورلاپ، يەنىلا <مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش>، <چەللىدە ئات چاپتۇرۇش>،<قۇرۇق تېرە تاراقشىتىش> بىلەن ئۆتۈۋاتىمىز، يەنە شۇ <ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا> پېتى.
مەكتەپلىرىمىزدە زادى نېمە قىلساق قاملىشىپ، نېمە قىلساق قاملاشمايۋاتىدۇ؟ بىز ئىجراچىمۇ ياكى ئىجادكارمۇ؟ يولداش جياڭ زېمىن: <ئىجادكار ئەۋلادلاردىن بولۇڭلار!>دېگەندە، نېمىنىكۆزدە تۇتقان بولغىيتتى؟ يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ:<تەرەققىيات ـــ چىڭ قائىدە> دېگەن سۆزىدىكى <تەرەققىيات>نىڭ مەنىسىنى مەكتىپىمىزگە دوگمىلارچە تەدبىقلىدۇقمۇ ياكى ئىجادكارلارچەماسلاشتۇردۇقمۇ؟ مەكتىپىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتۇقمۇ - يوق؟ كەلگۈسىمىز ئالدىمىزغا قايسى ھالەتتەكېلەر؟ كۈلۈمسىرەپ كېلەرمۇ ياكى يىغلامسىراپ كېلەرمۇ؟ كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن <كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى>دېگەن ئىبارىنى مەكتەپ ئۈچۈن ئىشىلىتىپ قالدۇق؟
كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى ـــ ھازىرقىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى نەچچە يىل كېيىنكى كەلگۈسى ئۈچۈن، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئويلىشىش دېگەنلىك. بۇ ئىبارىنى ئەسلىدە ئامېرىكىلىق ئالۋېن توپلىر مۇندىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرىلا <كەلگۈسىنىڭ توقۇنۇشى>دېگەن ئەسىرىدە تىلغا ئېلىپ بولغان. بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدىن بىخۇدلارچە، ھاماقەتلەرچە ئۈمىدكۈتۈشىمىز شۇ سەۋەبتىنكى، بىز ھازىرقىغا ئەخمەقلارچە ئىشىنىپ كەتتۇق. بۇبەئەينى تۆۋەندىكىھېكايىدىكى دېھقاننىڭ ئىشىغا ئوخشايدۇ:
نەسىللىك كالا تازا پۇل بولۇۋاتقان كۈنلەردە، بىر دېھقان 51 مىڭيۈەنگە بىرنەسىللىك موزاي سېتىۋاپتۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنى ئوبدان باقسا، بىر - ئىككى يىل ئىچىدە ئوتتۇز - قىرىق مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولىدىكەن. دېگەندەك بىر يىلدىن كېيىن ئۇ باققان نەسىللىك موزاي تەن قويۇپ يوغىناپتۇ. ئالغۇچىلار ئۇ كالىنى ئوتتۇز مىڭ يۈەن دەپ باھا قويۇپتۇ. ئەمما ئۇ دېھقان، ياق، ئەرزان بولۇپ قالدى، دەپ ئۇنىماپتۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىرەر ئاي ئۆتەر - ئۆتمەيلا نەسىللىك كالىنىڭ باھاسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىپ، ئۇ ئوتتۇز مىڭ يۈەنگە بەرمىگەن كالىنى بىرەرسى كېلىپ ئون مىڭ يۈەن بېرەيمۇ دېمەپتۇ. شۇنىڭبىلەن ھېلىقى دېھقان ئازابلىنىپ كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش مەكتەپلىرىمىزدىن باشلاپ تاكى ئائىلىلىرىمىزگىچە <چۆچۈرىنى خام سانايدىغان> خام - خۇتىلىق، ھازىرىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەسلىك، دىتسىزلىق، ئۆزىنىڭ خام ئويىغا بەك ئىشىنىپ كېتىش، يىراقنى كۆرەرلىك كەم بولغاچقابۈگۈنىمىزدىن باشلاپلا قەدەمدە بىر بۇرنىمىزغا يەپ تۇرۋاتمىز. بۇرنىمىزغا يىگەننى چاندۇرماي، <مەغلۇبىيەت ـــ غالىبىيەتنىڭ ئانىسى> دېگەن پەتىۋا بىلەن ئۆزىمىزنى بەزلەپ، ئاغزى - بۇرنىمىزنى ئېتىۋېلىپ، پېشىمىزنى قېقىپلا قوپۇپ كېتىپ بارىمىز. ھازىرىمىزنىڭ ھالى مۇشۇ تۇرساكەلگۈسىىمىزنىڭ بىز كۈتكەندەك ياكىئەسەرلىرىمىزدە تەرىپلىگەندەك ئۇنداق گۈزەل، نۇرانە، داغدام بولۇشىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچالايمىز؟
<ئۇلۇغۋار تارىخىي پۈرسەتلەرنى داۋاملىق قولدىن بېرىپ قويۇش، ئىجتىمائىي ھەقىقەتلەرنى كېچىكىپ چۈشىنىش، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئوڭايلا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ئورنىنى قولدىن بېرىپ قويۇش، ئەقلىي ھۆكۈمگە قارىغاندا ھېسسىي تەسىراتقا بەكرەك تايىنىش، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى دەڭسىيەلمەسلىك، ئىنسانىي قەدىر - قىممىتىنى ۋە مىللىي ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئىزدەش ھوقۇقىدىن ئاڭسىز ھالدا ۋاز كېچىش، مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچىنى يوقىتىش، ئۆز كېلەچىكىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئالدىن كۆرەرلىك بولماسلىق... مانا بۇ دۇنيا ۋەزىيىتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، بەئەينى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك ئۆز كۈنىگە شۈكۈر قىلىپ ئۆگەنگەن بىر بىپەرۋا خەلقنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ياشاش دىيالېكتىكىسى ئىدى!« )ئەسئەت سۇلايماننىڭ<تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە> ناملىق كىتابىنىڭ 14 - بېتىدىن ئېلىندى.
( دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان مانا شۇنداق ھالىتىمىزنى تولىمۇ ئىخچام ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا نادىرلاپ چىققانىدى. <ئۆز كېلەچىكىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئالدىن كۆرەرلىك بولماسلىق>نى ھازىرقى مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئادىمىيەت قۇرۇلۇشىدىكى زور بىر كەمتۈكلۈك ياكىبوشلۇق دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ تەربىيە نىشانىمىز توغرا بولغان بىلەن تەربىيە ئۇسۇلىمىزدا خېلى ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت. شۇڭا دەيمىزكى<تېشى پار - پار، ئىچى غال - غال> ھالەتلەرنى يوق دېگىلىبولمايدۇ. قېنى جاۋاب بېرىپباقىلى: قايسى بىر مەكتەپنىڭ ھېچبولمىسا 02 - 03 يىللىق مۇكەممەل تەرەققىيات نىشانى بار؟ قېنىقايسى بىرمەكتەپ شۇ مەكتەپتە <ئۈچتە ياخشى>باھالىنىپئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن شۇ مەكتەپتە لاياقەتسىزئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىئون يىللىق، يىگىرمە يىللىق، ئوتتۇز يىللىق... ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالىدىن قايتۇرما ئىنكاسقا ئېرىشتى؟ قېنى قايسى بىر مەكتەپ ئۆزىگە خاس، دەۋرگە ماس بولغان ئوقۇتۇش ئەندىزسىنى بەرپا قىلالىدى؟
قايسى بىر مەكتەپ ئۆزىدىكى كوزىر ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، باشقامەكتەپلەرگە تەسىرقىلدۇرالالىدى؟ قايسى بىر مەكتەپ مەلۇم بىر پەندە مەيلىئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچى بولسۇن مەخسۇس بىر تۈردە بىرەر يېڭى ئىجادىيەت، يېڭى كەشپىياتلارنىبارلىققا كەلتۈرەلىدى ۋە بۇنى ئەمەلىي تەربىيە، ئوقۇتۇشتا قوللىنالىدى؟ شۇ ئارقىلىق زور شان - شەرەپ قازىنالىدى؟ قېنى قايسى بىر مەكتەپ قايسىتۈردە ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىئومۇملاشتۇرالىدى؟ قېنى قايسى مەكتەپ مەكتەپ بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرەلىدى؟ قېنى قايسى بىر مەكتەپ بىز ھەقىقىي مەنىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىجادچان مەكتەپ بەرپا قىلدۇق، دېيەلىدى؟ قېنى قايسىمەكتەپ مۇدىرى بىر مەۋسۇمدا 05 سائەت ئەتراپىدا دەرس ئاڭلاپ باھالىيالىدى ۋە ئۇنىڭدىن دەرھال ئومۇملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك يېڭى ئۇسۇللارنى تاپالىدى؟ ھۆكۈمەت بېرىۋاتقان شۇنچە كۆپ خىراجەت زادى نېمە ئىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدى؟ قېنى قايسىمەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتۇشنى ياخشىلاش ئۈچۈنلا زور مەبلەغ سالالىدى؟ قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشتى؟ قېنى قايسى مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ باشقۇرۇشتا تەھدىت ۋە تەنە - دېخمار بىلەن ئەمەس بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چىرايىدىن مەمنۇنلۇق يېغىپ تۇرغان ھالەتتىكى ئوقۇتۇش كەيپىياتىنى بەرپا قىلالالىدى؟ قېنى قايسىمەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتكى تەڭدىنتولا ئوقۇتقۇچىلارنىخاپىغان، چۈشكۈن، زەئىپ ھالەتتە ئەمەس دېيەلەيدۇ؟ ئۇنىڭسەۋەبىچۇ؟
بىزنىڭ سوتىسيالىستىك مائارىپ فاڭجېنىمىز<ئىز باسارلارنىئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەش> دېدۇق - يۇ، ئەمىسە نېمىشقا نى - نى <ئۈچتەياخشى>، ،<ئەلاچى> بولۇپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭبىر قىسمى جەمئىيەتكە چىقىپلا جىنايەت يولىغا ماڭىدۇ؟
نېمىشقا ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى ئالغان زىيالىلاردا يالغانچىلىق، كاززاپلىق، قويمىچىلىق، خىيانەت قىلىش، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىقتەك ناچار ئىللەتلەر قەدەمدە بىر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىر، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغانلار كېتىپبېرىپلا ئەخلاقتا مۈدۈرىدۇ؟ )خىيانەت قىلىدۇ، پارا ئالىدۇ، چىرىكلىشىدۇ... دېگەندەك(، نېمىشقا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچەھەتتاكى ئالىيمەكتەپكىچەفىزىكا ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچى بىرDVD ياكىتېلېۋىزور، ياكى رادىيودا كۆرۈلگەن كىچىككىنە كاشىلىنى ئۆز ئالدىغا ئوڭشىيالمايدۇ؟ نېمىشقا بىرقانچە يىل خىمىيە ئوقۇغان ئوقۇغۇچى سۇنى نېمە ئۈچۈن ئىچكىلى بولىدىغانلىقىنى، تۇزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشنىڭ تەمىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ؟ جۇغراپىيەدىن بىر قانچە يىل بىلىم ئالغان ئوقۇغۇچى زېمىندا نېمە ئۈچۈن تاغ - دەريالارنىڭبولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ؟ نېمىشقا 21 يىل خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەن بىر بالا خەنزۇچە يېرىم بەت ئىلتىماسنى ئوڭشاپ يازالمايدۇ؟ ياكى ئۆز مەقسىتىنى خەنزۇچە ئوڭشاپ ئۇقتۇرالمايدۇ؟ نېمىشقاتەنتەربىيە دەرسىنى 21 يىل ئوقۇغان ئوقۇغۇچىتەنھەرىكەتنىڭ تەن ساغلاملىقنى ياخشىلاشتىكى ئەھمىيىتىنى، پايدىسىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ؟ نېمىشقا12 يىل تىل - ئەدەبىيات ئوقۇغان بىر بالا باشقىلار قايىل بولغۇدەك بىر پارچە مۇراجىئەتنامىنى جايلاپ يازالمايدۇ؟ نېمىشقاتولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە<باشلانغۇچ مەكتەپتىغۇئەلۋەتتە> بىر سىنىپتائاز دېگەندە 3 - 4تىنساۋاتسىز بالا چىقىدۇ؟ ۋاھاكازالار.......
2008- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئامېرىكىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر كۆپلەپ مېدال ئالدى، ئېنىقلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر ئەمەسكەن، ئەمما ئۇلار ئۆزىدە بىرقانچە تۈردە مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىغان تەنھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاللىقاچان ھازىرلاپ بولغانىكەن. بىزنىڭ بالىلارچۇ؟
بۇنداق سوئاللارنى كۆپ قويغانلىقمائارىپىمىزدا مەسىلە بەك ئېغىر دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى كۆزقاراش ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىزنىئىسلاھ قىلشىنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ۋە تەخىرسىزلىكىنى چۈشەندۈرۈىدۇ. چۈنكى »بىزنىڭ بالىلىرىمىز ياشايدىغان دۇنيا بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىن تۆت ھەسسە تېزسۈرئەت بىلەن ئۆزگەرمەكتە .<ئۆگىنىش ئىنقىلابى> ناملىق كىتاب
مۇلاھىزىمىزنىڭ يىپ ئۇچى يەنىلا ئەنە شۇنداق ھەممە نېمىسىتەل بولۇۋاتقان پارقىراق مەكتەپنىڭئىچىدىكى »ئۆسۈملۈك ئادەم« سىمان بالىلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بولغاي!
1- مىسال: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭبىر سائەتلىك ئىلىم - پەن دەرسى
ئوقۇتقۇچىئاخىرى كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ سورىدى:
ـــ دەرسنىچۈشەندىڭلارمۇ؟
ـــ ئوقۇغۇچىلار
ـــ ھەئەئەئە..... ـــ ئۈنلۈك ۋارقىراشتى.
ئوقۇتقۇچى:
ــــ ئەمىسە بايامنىڭياقى ئۆتكەن دەرستىن سوئال سوراپ باقاي - ھە؟ − دەپ كىتابنى ۋاراقلىدى.
ـــ ئالىمجان، سەن تۇرە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتىش ئەسۋابى قانداق ياسىلىدۇ؟
ئالىمجان جىم تۇردى.
ـــ ھەي، پېتىي قۇلاق، باياتىن بېرى كاپشىغانلىرىم كىگىز قۇلىقىڭغا كىرمىدىما!
ئالىمجان بېشىنى سەل ئېگىپ يەنە جىم تۇردى.
ـــ ھەي، گەپ قىل دەيمەن، لەقۋا شۇمتەك؟
ئالىمجان دېكىنگەندەك قىياپەتتە:
ـــ مەن ياياساپ باقمىسام، − دېدى.
ــــ ياساپ باقمىساڭمۇ دەپ بېرەلمەمسەن؟
ـــ يا دەرسنىچۈشەنمىسەم.
ـــ تېخىباياملا ھەممىڭچۈشەندۇق، دەپ ۋارقىراشتىڭغۇ؟ ـــ ئوقۇتقۇچىنىڭ قەھىرلىك ئەلپازىدىن ھەممەيلەن خۇددى جىگدىلىكتە چۇرقىرىشىۋاتقان بىر توپ قۇچقاچنى سائارىلىغاندەك جىم بولدى.
ـــ سەنلەرمۇ چۈشىنىشمىدىڭما؟ ـــ ئوقۇتقۇچىنىڭ زەردىسى تۇتۇپ ئولتۇرغانلارغاگۆلەيدى.
ھەممەيلەن بېشىنى ئىچىگە تىقىشتى
ـــ ئەجەپ تويدۇم سەن شۇمتەكلەردىن، ئېسىت، سەنلەرگە كاپشىغان ئاغزىمغا.
مانا بۇياندىن ئاڭلانغان بىر سائەتلىك ئىلىم - پەن دەرسى. كۆزىتىلىشىچە، ئوقۇتقۇچى 51 مىنۇتقا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە كىتابنى ئوقۇپ بېرىپ بولدى، ئاندىن يەنە بىر ئوقۇپ بەردى. سىنىپتىكى 82 بالىنىڭ نە دەرس ئاڭلىشى، نە ئاڭلىماسلىقى بىلەن كارى بولمىدى. ئەسلىدە بۇ دەرستەئوقۇتقۇچىنىڭ ياكى كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا قوياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتىش ئەسۋابىنى ياساشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار بولۇشىكېرەك ئىدى. ئوقۇتقۇچى بىرقېتىم ياساپ باققان بولۇشى ھەم ياسىيالىغان بولۇشى كېرەك ئىدى ھەم سىنىپتا ساۋاقداشلار بىلەن بىللە قەدەم - باسقۇچلار بويىچە، رىغبەتلەندۈرۈش ئاساسىدا ياساپ چىقىلىشى كېرەك ئىدى، شۇنداق بولغاندا، بۇ بىرئىجادچانلىقى، ئىلھامچانلىقى يۇقىرى، قىزىقارلىق، جانلىق دەرس بولۇپ قالاتتى. كىمبىلىدۇ، بۇ بىر سائەتلىك دەرس كەلگۈسىدىكى ئېدىسون، فارادىيلاردەك كەشپىياتچىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولۇپ قالاتتىمۇ تېخى؟ مانا بۇ »ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك« جەھەتلەردىن بىلىم ئالماقچى بولغان، كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى، قۇرغۇچىلىرى بولغان سەبىيلەرنىڭ قۇرۇقتىن - قۇرۇققا كېتىۋاتقان مەكتەپتىكى دەرسى...! بۇ بىر سائەتلىك ئىلىم - پەن دەرسى ئەنەشۇنداق »ئالۋاڭنى گالۋاڭ قىلغان« پېتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەبىي قەلبىنى زېدە قىلغان پېتى ئاخىرلاشتى.
دەرس ئوقۇتقۇچىسىبىلەن قىسقىغىنا مۇڭداشتىم:
− ئوقۇغان كەسپىڭىز فىزىكىمۇ؟
− ياقەي، مۇزىكا
− ھە، )كۈلۈپ كەتتىم( شۇنداقمۇ؟ ئەجەپ بۇ دەرسنى بېرىپقاپسىزغۇ؟
− شۇ رەھبەرلەر مېنى ئۆتىسەن دەپ ئارتىپقويدى.
− ھە.
− سىز قوياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتىش ئەسۋابىنى ياساپ باققانمۇ؟
− نەدىكىنى، مەن ياسىيالايمەنمۇ دەڭا؟
− ئەمىسە، بالىلارغا چېچىلىپ كەتتىڭىزغۇ؟
− ۋاي، بۇ پېتى قۇلاق شۇمتەكلەرنى بىر دېمىڭا، سەل چىشىمنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ قويسام سىنىپنى بېشىغا كىيىدۇ.
.......
مەن ئەمدى لام - جىم دېمەي ئۇ ئوقۇتقۇچىدىن يىراقلاشتىم. شۇ قەدەر يىراقلاشقۇم كەلدىكى، بۇنداق ھېلىمەپىكەش، ھېلى بورىكەش بولۇۋالغان، قانچىدىن - قانچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىممەتلىك بىلىم ئېلىش ئستىكىنى قاندۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتقان بۇ خۇنۈك چىراي، رەزىل <باغۋەن>نى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن، دېگەندەك تېز - تېز قەدەم ئېلىپئۇزاپ كەتتىم. چۈنكى مەن ئۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىكۆپ ئۇچراتقانىدىم. ئۇلارغا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەققىدە شۇنچە گەپ قىلغان بولساممۇ يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋاتاتتى. ئۇلار مېنىڭگېپىمگە ئەمەس، پەقەتلا <قىزىل باشلىق ھۆججەت>تىكى گەپكە قۇلاق سالىدىغان بوپكەتكەنىدى. شۇڭا ئىلىم - بىلىم ھەققىدە، ئوقۇتۇش ھەققىدە چۈشەنچە بەرسەم كۆزىگە سەت كۆرۈنەتتىم ھەم بەرىبىر ئىدى. بىر مەكتەپنىڭ ئىلمىي ھاۋاسىدا پەقەت نوقۇش ۋە بۇيرۇققىلا كۆنۈپ كەتكەن مۇھىت ئۇزاق داۋاملىشىدىكەن، ئۇ مەكتەپنىڭ ئىلمىي ھاۋاسىمۇ ئادەمنىڭ مەنىۋى قاتىلى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، مەكتەپ بۇيرۇق ئىجرا قىلىدىغان يەر بولۇپلا قالماستىنبەلكى ئىلمىي پىكىرلەر ئەركىن - ئازادە ئۇچرىشىدىغان، ئالمىشىدىغان، ھەل قىلىنىدىغان جاي. بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىنى ئىلىم - پەن دەرسىئۆتۈشكە سالغانلىقمەيلى قانداقلىكىسەۋەب بولسۇن، ئىلىمگە خىيانەت قىلغانلىق ئىدى، ئىلىمگە خىيانەت قىلغانلىق ـــ ئەلگە خىيانەت قىلغانلىق ئىدى، ئەلنىڭ پەرزەنتىنىڭ باغۋىنى بولۇپ تۇرۇقلۇق ئەلگە خىيانەت قىلغانلىق ـــ روشەنكى، بىز ئۆزىمىزچە ئۆزىمىزنى ساختىلارچە ئالداپ مەستخۇشلارچە تەسۋىرلەيدىغان »داغدام، گۈزەل كېلەچەك«نى ئەمەس بەلكى خىيانەتكار، غۇۋا، زەئىپكەلگۈسىمىزنى ئاپىرىدە قىلاتتى. كۆزلىرىمىز ئىقتىسادىي خىيانەتتىلا بولغاچقا بۇنداق خىيانەتلەر بىز ئۈچۈن ھېچنېمەئەمەستەك بىلىنىپ كەتتى. مانا بۇلار پارقىراق مەكتەپلىرىمىزدىكى »ئۆسۈملۈك ئادەم« سىمان بالىلارنىڭ ئايانچلىق ئەينىنىڭ كىچىككىنە بىر ھالىتى ئىدى. بۇ ھەقتەكەلگۈسىىمىز نېمە دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقاندۇ− ھە؟...!
2 - مىسال:
بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن ئايرىم مۇڭداشتىم.
ـــ سىز مەكتەپتىن رازىمۇ؟
ـــ بۇسوئالىڭىزغا نېمە دەي ئەمدى، رازى دەي دېسەم رازى ئەمەس، رازى ئەمەس دەي دېسەم سىلەردىن قورقىمەن.
ئىككىمىز تەڭ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
ــ ۋاي، بولدى قورقماڭ، پارتىيە - ھۆكۈمەت بار. دەردىڭىزگە دەرمان بولىدۇ.
ـــ ئۇغۇشۇ، لېكىن، »راست گەپ قىلساڭ تۇتۇلىسەن، يالغان ئېيىتساڭ قۇتۇلىسەن« دەپتىكەن دەڭا.
ـــ بولدى، نېمە ئويلىغان بولسىڭىز دەۋېرىڭ. يازغۇچىمىز چىڭغىز ئايىتماتوۋ: »سۆزلىسەڭ يۈرەكتىن سۆزلە، بولمىسا يۈرەكنى ئاۋارە قىلما« دەپتىكەن. قاچانغىچە، »كېسەلنىيوشۇرۇپ« يۈرىيمىز؟
ئوقۇتقۇچى رىغبىتىمدىن سەل روھلاندىمۇ قانداق، گەپ باشلىدى:
ـــ مېنىڭچە، باشتىن تارتىپ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، لېكىن مەكتەپلەرگە رەھبەر تاللاشتا، ئوقۇتقۇچى سەپلەشتە خېلى مەسىلە بار.
− قانداق دەيسىز؟
− مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئادەم بىر سائەت دەرس ئاڭلاپ لىللا باھا بېرەلمەيدۇ. ھەممىنىئىلمىي مۇدىرغا ئارتىپ قويۇپ، ھە دېسىلا يىغىن باركەن، دەپ ھەپتە - ھەپتىلەپ يوقاپ كېتىدۇ.
− مەكتەپ مۇدىرىڭلارنىڭ ئىلگىرى ئانچە - مۇنچەئوقۇتۇش نەتىجىلىرى بارمىكەندۇق - يا؟
ـــ ۋاي نەدە دەيسىز، ئىلگىرى بىر قېتىملا يېزا دەرىجىلىك ئوچۇق دەرس ئۆتۈپ 2 - دەرىجىگە ئېرىشىپتىكەن، ھە دېسىلا شۇنى پەش قىلىپ: مەن مانداق دەرس ئۆتكەن، مانداق دەرىجەئالغان، سەنلەرمۇ ئالالىساڭ ئېلىش، بولمىسا غىت قىسىپ دەرسىڭنى ئۆتۈش، دەپ تەھدىت سالىدۇ، پەش قىلىدۇ.
− ئۇنداقتائۇ قابىلىيەتسىزمۇ؟
− قابىلىيىتى بارلار مەكتەپ مۇدىرى بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
− نېمىشقا دەيسىز؟
− بىر مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئادەم ھە دېسىلا قولىنى شىلتىپ، زەھەردەك گەپ بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنى چىشلەپ تارتسا، ئاشۇكەيپىياتىمىز بىلەن دەرس ئۆتسەك بىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنى چىشلەپ تارتىپ، زەردە قىلىپ دەرس ئۆتىمىز - دە؟ سىزمۇ بىلىسىز، قايسىبىر دانىشمەن »ئادەم دېگەن كەيپىياتنىڭ قۇلى« دەپتىكەن. مەكتەپ مۇدىرى لىللا ئىش قىلمايۋاتسا بىزنىڭ قانداقمۇ روھىمىز ئۇرغۇسۇن؟ قانداقمۇ خۇشال - خۇراملىقئىچىدە دەرس ئۆتەلەيمىز؟ بىزمۇ تىرىك جان بولغاندىكىن خاپا بولغۇمىز، قېيدىغۇمىز كېلىدۇ دەڭا!
− ھەممەمەكتەپ مۇدىرى ئۇنداق ئەمەسقۇ؟
− ئۇغۇشۇ، بىلىشىمچە، مۇشۇنداق مۇدىرلارمۇ خېلى كۆپ ئىكەن.
− دەرسخانائوقۇتۇشى قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟
− قانداق بولاتتى، »تاغار باينىڭ، ئېشەك باينىڭ، يىقىلسا يۆلىمەيمەن، يىرتىلسا تۆلىمەيمەن« دېگەندەك، قاچان ئىتتىكرەك كۈن كەچ بولار، بۇ زېرىكىشلىك دەرس قاچانمۇتۈگەر دېگەن بىلەن كېتىۋاتىدۇ. ئايرىم ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار، بەك ئۆزىنى ئۇرۇپ ئىشلەيدۇ، ئەمما، راستىمنى دېسەم كۆپىنچىلىرىمىز كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدا.
ـــ نېمىشقا؟
ـــ سەۋەبىتولا، بۇنى سىزبەلكىم مەندىن ياخشى بىلىسىز، مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى يىل ئاخىرىدا لىللا خۇلاسە قىلىنىپ باھالانمايدۇ، قارىسىڭىز، مەكتەپكە نەچچەقېتىم كەلمىگەن ياكى دەرسنىجايلاپ ئۆتەلمىگەنلەر مۇكاپات سەھنىسىدە. ئىش شۇنداق تۇرسا، ھەقىقىي باھالاش بولمىسا كىمنىڭمۇ جاننى ئۇپرىتىپ ئىشلىگۈسى كېلىدۇ دەيسىز؟
ـــ ھۆكۈمەتنىڭمەكتەپنىڭئۇل - ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ بەرگىنىگە قانداق قارايسىز؟
ـــ بۇ بەك ياخشى بولدى، ھۆكۈمەتتىنبۇ جەھەتتىنبەك رازىمەن. لېكىن شۇ...
ـــ لېكىن نېمە؟ تارتىنماي دەۋېرىڭ... − دېدىم مەن.
ـــ لېكىن، كۆپىنچە مەكتەپلەرنىڭ »تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال«. دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەقىقىي ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن چىڭ تۇتۇلمايۋاتىدۇ، قوشۇمچە خىزمەتلەر ئوقۇتۇشنىڭ دەرسخانىنىڭ راۋان، ئازادە، ئىلمىيلىكىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا سىنىپتا بالىلار دەرسنى بىلىۋاتامدۇ - بىلمەيۋاتامدۇ، كارىمىز يوق، پەقەت بىر سائەت دەرس توشسىلا بولدى دەپ يۈرۋاتىمىز.
ـــ مەسىلەن، قايسى قوشۇمچەخىزمەتنى دەيسىز؟
ـــ سىزمۇ بىلىسىزغۇ، مەسىلەن، مائارىپ ئىدارىسىدىن بىر توپ كادىرلار كېلىدۇ، دەرھال يېشىل مەكتەپنىڭ ئارخىپىنى ئىشلەڭلار، دەپ؛ يەنەبىر توپ كادىرلار كېلىدۇ، بىخەتەر مەكتەپ قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئارخىپىنى چالا ئىشلەپسىلەر، قايتا ئىشلەڭلار، ۋاقتى ئۈچ كۈن دەپ؛ يەنە بىرتوپ كادىرلار كېلىدۇ، يۇقۇم مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىمەپسىلەر، ھەر بالىغا بىردىن ئارخىپ ئىشلەڭلار دەپ، يەنىبىر توپ كادىرلار كېلىدۇ، دەرھال دەرسنىتوختىتىپ ھەممىڭلار نوپۇس ئېنىقلاشقا چىقىڭلار، دەپ... مانامۇشۇنداق خىزمەتلەرنىڭ جىقلىقىنى دەڭا، ئىشلىمەيلى دېسەك تاغاردا بىرجەرىمانە تەييار، بۇمۇمۇھىم خىزمەتلەر، ئىشلىمىسەك بولمايدۇ، لېكىن ھەممىسى ئوقۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مەكتەپتە دېگەن مۇقىملۇق ـــ ئاساس، ئوقۇتۇش ــ يادرو، شۇنداققۇ؟ ھەر بىر توپ كادىرلار كەلسە مەكتەپتىكى بىزئوقۇتقۇچىلار بىر قېتىمدىن پايپىتەك، بىسەرەمجان بولغىلى تۇرساق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچى ئاز، تەييارلىقجىق تۇرسا، قايسىبىر دەرسكە كىرىشىپ، ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە ئاپارغىلى بولىدۇ دەيسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە شەنبە، يەكشەنبە، ھېيت - بايرام، تەتىلكۈنلىرىمىز مۇشۇ ئىشلارغا يەم بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق دېسەك، قاقشىغانلىق بولۇپ قالىدىكەن، ھەممىسى ئەمەلىي ئەھۋالغۇ؟
ـــ سىزچە ئەڭ ياخشىئامال قايسى؟
ـــ مېنىڭچە، رەھبەرلىك ھەممە قايىل بولغۇدەك بولسا، خىزمەتنى لىللا باھالىسا، ئوقۇتقۇچىلار كەسىپلەشسە، ئوقۇتۇشقا رەھبەرلىكتىن تارتىپ قاتتىق كىرىشسە، ئىلغار تىپلارنى پات - پات باھالاپ تۇرسا، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىئۆگىتىپ تۇرسا، ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرى كۆپرەك ئېلىپ بېرىلسا.
ــــ رەھمەت، سىزگە، بىز بايقىيالمايۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى دەپ بەردىڭىز، بۇنىڭدىن تېخىمۇ دادىل بولۇپ، رەھبەرلىككە تەكلىپ - پىكىرلەر بولسا سۇنۇپ تۇرۇڭ.
بىزدىكى مەسىلە شۇكى، سەزگۈرلىكىمىز زىيادە ئېشىپ كېتەمدۇ - قانداق، ئوقۇتۇشقا ئائىتبىرەر پىكىر ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغۇچەئۇجۇقتۇرۇۋېتىشقەستىدە بولىمىز. دەرسخانىمىزمۇ ئەنە شۇنداق بولغاچقا بالىلىرىمىز ئاڭلاۋاتقان دەرس پەقەت ئاڭلاشقىلا، كۆرۈشكىلا بولىدىغان، تۇتۇپ بېقىشقا، پۇراپ، تېتىپ بېقىشقا بولمايدىغان، ئۆز مېڭىسى ۋە قولى بىلەن دوراپ بولسىمۇ ياساپ بېقىشقا بولمايدىغان، نىمجان »ئۆسۈملۈك ئادەم« سىمان بالىلارنى يېتىشتۈرىدىغان دەرسخانا بولۇپ قالماقتا. شۇ سەۋەب كەلگۈسىمىز شۇنداق دەيدۇ: ئەي نىمجان دەرسخانا، بېشىڭنى كۆتۈر!
ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرىمىز ھېس قىلىپ يەتتىكى:
»مەكتەپ ئۇچقاندەك ئۆزگەرمەيدىكەن، چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ۋەيران بولىدۇ.«
كەلگۈسىمىز شۇنداق دەيدۇ:
ھازىرقى ھالىتىمىزگە پەرۋا قىلمايدىغان، مەكتەپلىرىمىزدىكى يوشۇرۇن ۋە ئاستا خاراكتېرلىك »كېسلىمىز«نى داۋالاشقا جىددىي تۇتۇش قىلمايدىغان بولساق، پارقىراق مەكتەپلىرىمىزگە خاس چاقناپ تۇرىدىغان چاقناق ئىزباسارلارنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟