خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

د 3271قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى ئاساسىي قا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : قاغىلىق2011-04-16 21:57

 3271قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى ئاساسىي قاتلامغا يۈرۈپ كەتتى

ئۇچۇرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى :
2011-02-2307:52شىنجاڭ گېزىتى

لالە خېلىل خەۋىرى : 21 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا2010 – يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان قوش تىل ‹‹ئالاھىدە ئىش ئورنى›› ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشقا تەيىنلەشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى تاماملاش ۋە ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەخسۇس تەربىيەلەنگەن 3271 ئوقۇتقۇچى ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى زورايتىش، قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جايلارغا يۈرۈپ كەتتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو مۇراسىمغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاشتىكى مېخانىزمنى يېڭىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا قوش تىلئوقۇتقۇچىلىرىغا ‹‹ئالاھىدە ئىش ئورنى›› تەسىس قىلىش، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىق كونكرېت چارە – تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز قوش تىل مائارىپىدا ‹‹كىچىكىدىن باشلاش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىشتىن باشلاش››تا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2010 – يىلىدىن باشلاپ، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ قوش تىلئوقۇتقۇچىسىدىن 20 مىڭ 500 نى ئاشكارا قوبۇل قىلىپ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشتاتقا كىرگۈزۈپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تەمىناتىغا ئىگە قىلىشنى پىلانلىدى. قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى يېزا قوش تىللىق بالىلار باغچىسىغا 3937 ئوقۇتقۇچى تەيىنلەپ، جايلاردىكى ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپنىڭتەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار