(2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
(4 – نومۇرلۇق)
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى›› 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش
1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
2 – پاراگراف ئىشلەپچىقىرىش
3 – پاراگراف تىجارەت قىلىش
4 – پاراگراف ئىشلىتىش
3 – باب تەكشۈرۈش، ئۆلچەش
4 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
5 – باب ھادىسىدە جىددىي ياردەم بېرىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش
6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش (جۈملىدىن لايىھەلەش، ياساش، قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش)، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئالاھىدە ئۈسكۈنە جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە چوڭراق خەتىرى بولغان پار قازان، بېسىملىق قاچا (گاز تۇڭى)، بېسىملىق تۇرۇبا، لېفىت، كىران، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن – تاماشا ئەسلىھەسى، مەيدان ئىچىدىكى مەخسۇس موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مۇشۇ قانۇننىڭ تەتبىقلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
دۆلەت ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى مۇندەرىجە بويىچە باشقۇرىدۇ. ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]