(1996 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى، 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
72 – نومۇرلۇق
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب ئائىلىدە قاراش ۋە كۈتۈش
3 – باب ئىجتىمائىي كاپالەت
4 – باب ئىجتىمائىي مۇلازىمەت
5 – باب جەمئىيەت ئېتىبار بېرىش
6 – باب ياشاشقا باپ مۇھىت يارىتىش
7 – باب ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا قاتنىشىش
8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياشانغانلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كۈتۈش ۋە ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ياشانغانلار 60 ياشتىن ئاشقان پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.
3 – ماددا دۆلەت ياشانغانلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ياشانغانلار دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتتىن ۋە ئىجتىمائىي ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە.
ياشانغانلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، خارلاش ياكى تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
4 – ماددا ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئاكتىپ ماسلىشىش دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى.
دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى، سالامەتلىكى، بىخەتەرلىكىنى شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش شارائىتىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، داۋالىنالايدىغان، رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، ئۆگىنىش قىلالايدىغان، كۆڭۈل ئاچالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]