ش ئۇ ئا ر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى يولغا قويۇش چارىسى
(2011-يىل 12-ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-يىغىنىدا ماقۇللاندى)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(44 - نومۇرلۇق)
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى› نى يولغا قويۇش چارىسى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011-يىل 12-ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
2011-يىل 12-ئاينىڭ 1 - كۈنى1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 - ماددا بۇ چارە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى« ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2- ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە بۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.
3- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ ئالدىنقى نىشانى قىلىپ، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھۆكۈمەت ئىلگىرى سۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.
4 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى باھالىشى ھەمدە قارىمىقىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنى ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنى باھالىشى ۋە نازارەت قىلىشى كېرەك.
5 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ، مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىش تەقسىماتى بويىچە ئىشلەيدۇ.
6 - ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە ياردەملىشىپ، ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.
7 - ماددا رادىيو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت قانۇن - نىزام ۋە سىياسەت تەشۋىقاتى قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدىكى ئىلغار تىپلارنى خەۋەر قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنى توغرا ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
8 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار، ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە 3 - كەسىپنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى پائال يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
9- ماددا ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئىگە بولىدۇ.
ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا، مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ياكى مېيىپلىكى تۈپەيلىدىن كەمسىتىلمەيدۇ.
10- ماددا ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا ئادەم ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئىگە بولىدۇ.
ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئالغاندا ئەمگەكچىلەرگە باراۋەر، ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
11- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن، شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.
2- باب ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىش
12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بىر تۇتاش ماسلاستۇرۇپ، جامائەت سېلىنمىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولغان ھەر خىل كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشى كېرەك.
13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارمىقى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىگىلىك تىكلەش شەرتى ۋە بازار ئىجازىتى شەرتىنى تۆۋەنلىتىپ، مەمۇرىي تەستىق تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ئۇلارغا سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىشى كېرەك.
14- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت نىشانىغا ئاساسەن، يىللىق مالىيە خامچوتىدا مەلۇم نىسبەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئىشلىتىشى لازىم:
(1)ئىش تونۇشتۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى، كەسپىي ماھارەتنى باھالاش، مۇئەييەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلاردا ياردەم پۇل بېرىش؛
(2) ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز فوندى ۋە پايدىسى ئاز تۈرلەرگە بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز ياردەم ئۆسۈمى؛
(3) جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە مەدەت بېرىش؛
(4) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشقا ئىشلار.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى جايىغا ئىشلىتىلىدۇ ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قىسىۋېلىشىغا، ئىگىلىۋېلىشىغا ۋە ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە مالىيە تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.
15 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
16 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز فوندىنى كۆپەيتىشى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كىچىك كارخانىلارغا ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز ۋە ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق مەدەت بېرىشى كېرەك.
17- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەرلىكنىڭ يېتەكچى كەسپى ۋە ئۆزگىچە كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىلىرىنى ۋە ئىگىلىك تىكلەش رايونلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. تۇنجى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا، ئىگىلىك تىكلەش رايونىغا كىرىپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا، ئىجارە، باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىق جەھەتلەردە كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق مەدەت بېرىلىدۇ.
18 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئادەم ئالغان، ئادەم تەكلىپ قىلغاندا، قانۇنلارغا ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
ھەر خىل كارخانىلار شۇ جايدىكى ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىنى ئاۋۋال ئېلىشى كېرەك. كارخانىلاردىن ئەمگەكچىلەرنى شۇ جايدىن ئېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
19 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار پىراكتىكا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى ۋە ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر )تۆۋەندە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار دېيىلىدۇ(نى پۈتتۈرگەنلەرنى پىراكتىكا ئورنىدا پىراكتىكا قىلدۇرۇشى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك. پىراكتىكا قىلدۇرغۇچى ئورۇن پىراكتىكانتلارغا زۆرۈر خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن پىراكتىكا قىلغانلىرىنى ئاۋۋال قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
20 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلارغا بېرىپ ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىشى، مەدەت بېرىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە، ئۆزى ئىش تېپىشقا ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھام بېرىدۇ.
ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى ۋە مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغانلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
21 - ماددا تۆۋەندىكى كىشىلەردىن كارخانا قۇرغان، يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، مەمۇرىي، كەسپىي ھەقنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ:
(1) ئىشسىزلار؛
(2) مېيىپلەر؛
(3) ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەر؛
(4) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا كىشىلەر.
22 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سائەتلىك تۈزۈم بويىچە ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، مائاش بېرىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسىتى قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە يولغا قويۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ياردەم بېرىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
23 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا، شەھەر - بازارلاردا ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىشى، يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ شەھەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پايدىلىق بولغان نوپۇس باشقۇرۇش، ئۆي ئىجارە ئېلىش - سېتىۋېلىش، بالا ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى جەھەتتىكى سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.
3 - باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش
24 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىش، كەسىپ تونۇشتۇرۇش، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ بازار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ئۇچۇر تورى قۇرۇلۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش تېپىشى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئادەم ئېلىشى، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەربىيەلىشىگە تېز ھەم قولايلىق ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
25 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرغان جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى بېكىتىپ، مۇلازىمەت تۈزۈمىنى ئاشكارىلاپ، مۇلازىمەت نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئىش ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا ئەلا، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
مېيىپلەر بىرلەشمىسى قارىمىقىدىكى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى بولۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىراجىتى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەتلىك پائالىيەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
26 - ماددا جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى مەخسۇس كەسپىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى ئاشكارا توپلىشى، تونۇشتۇرۇشى ۋە ئېلان قىلىشى، ئىگىلىك تىكلەش تۈر بايلىقى ئامبىرى قۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە تۈر يارىتىش، لايىھە تۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنى باھالاش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش، تىجارەت باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىش، ئىز قوغلاپ يۆلەش قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەتلىرىنى قىلىشى كېرەك.
27 - ماددا جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئارخىپ باشقۇرۇش، كادىرلار ئىشلىرى ۋاكالەتچىلىكى قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنۋان باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ، توردا قوبۇل قىلىش، مەخسۇس سورۇندا قوبۇل قىلىش، ئىشلەتكۈچى بىلەن ئىش ئىزدىگۈچىلەر سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
28 - ماددا ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، پەن ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى زۆرۈر دەرسلىك قاتارىدا ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى مەخسۇس خىراجىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچىلىرىنى بېكىتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
29 - ماددا شەھەر - بازارلاردىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك يېشىغا توشقان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئىشسىزلار ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى كوچا، مەھەللىنىڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا بېرىپ ئىشسىزلىقنى تىزىملاتسا بولىدۇ؛ يېزا ئەمگەكچىلىرىدىن شەھەرگە كىرىپ ئىش ئىزدەيدىغانلىرى ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى كوچا، مەھەللە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا بېرىپ، ئىش تېپىشقا تىزىملاتسا بولىدۇ.
جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئىشسىزلىقنى، ئىش تېپىشنى تىزىملىغاندا، تىزىملاتقۇچىغا كەسىپ يېتەكچىلىكى قىلىشى، كەسىپ تونۇشتۇرۇشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئائىت سىياسەتلەردىن مەسلىھەت بېرىشى كېرەك.
تىزىملاتقۇچىلار جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرغان ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش، كەسىپ تونۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى كېرەك.
30 - ماددا ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 03 كۈن ئىچىدە، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى كوچا، مەھەللە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى تىزىملىتىشى كېرەك.
ئەمگەكچىلەر يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى سائەتلىك تۈزۈم بويىچە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسا، كوچا، مەھەللىنىڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى ۋاقتىدا تىزىملىتىشى كېرەك.
31 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشسىزلىق ئاگاھ تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىشسىزلىقنى جىددىي ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان چوڭراق كۆلەمدىكى ئىشسىزلىق ئەھۋالىغا يارىشا ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش، تەڭشەش، كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك.
32 - ماددا كەسىپ ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى قۇرىدىغانلار ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماسنى قوبول قىلغان كۈندىن باشلاپ 02 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، ئىجازەت بېرىش - بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.
ئىجازەت بىلەن قۇرۇلغان كەسىپ ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىشى كېرەك. ئىجازەت ئالمىغان ۋە تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ كەسىپ ۋاسىتىچىلىكى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان كەسىپ ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.
33 - ماددا كەسىپ ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشى، مۇلازىمەت سورۇنىدا تىجارەت كىنىشكىسى، ئىجازەتنامىسى، مۇلازىمەت تۈرى، ھەق ئۆلچىمى، ئەرز - شىكايەت تېلېفونى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېنىق كۆرسىتىشى، كەسىپ دەپتىرى تۇتۇپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتى، مۇلازىمەت نەتىجىسى ۋە ھەق ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىشى؛ كەسىپ ۋاسىتىچىلىك پائالىيىتىنى زورلۇق ئىشلىتىش، ئالدامچىلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن قىلماسلىقى، ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
كەسىپ ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن ئىش تونۇشتۇرۇش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قىلىدىغانلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش تونۇشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
4 - باب كەسپىي مائارىپ ۋە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى
34 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى بارلىق ئەمگەكچىلەرگە يۈزلەنگەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش پىلانى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]