خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بېقىۋېلىش قانۇنى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2010-03-17 21:45

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنى

 

1991 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 – سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1998 – يىل 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلىپ، شۇ كۈنى ئېلان قىلىندى.

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن قانۇنلۇق بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بولغانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2 – ماددا بېقىۋېلىش بېقىۋېلىنغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بېقىلىش، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشى، باراۋەر، ئىختىيارلىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىشى ھەمدە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلماسلىقى لازىم.
3 – ماددا بېقىۋېلىشتا پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

2 – باب بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى

4 – ماددا تۆۋەندىكى 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىۋېلىشقا بولىدۇ:
)1( ئاتا – ئانىسىدىن يېتىم قالغان بالىلار؛
)2( ئۆز ئاتا – ئانىسى تېپىلمىغان، تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار ۋە بالىلار؛
)3( ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن بېقىلىشقا ئامالسىز قالغان پەرزەنتلەر.
5 – ماددا تۆۋەندىكى پۇقرالار، تەشكىلاتلار بېقىۋېلىشقا بەرگۈچى بولالايدۇ:
)1( يېتىم بالىنىڭ ۋەسىيسى؛
)2( ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى؛
)3( ئالاھىدە قىيىنچىلقى بولۇپ پەرزەنتلىرىنى بېقىشقا ئامالسىز قالغان ئاتا – ئانىلار.
6 – ماددا بېقىۋالغۇچى بىر ۋاقىتتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:
)1( پەرزەنتى يوق بولۇش؛
)2( بېقىۋېلىنغۇچىنى بېقىش، تەربىيىەلش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش؛
)3( تېببابەتچىلىكتە پەرزەنت بېقىۋېلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارالغان كېسىلى يوق بولۇش؛
)4( يېشى 30 ياشقا توشقان بولۇش.
7 – ماددا 35 ياشقا تولغان پەرزەنتسىز پۇقرا ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇغقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىۋالسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 4 – ماددىسىنىڭ 3 – تارماقچىسى، 5 – ماددىسىنىڭ 3 – تارماقچىسى ۋە 9 – ماددىسىدىكى چەكلىمىگە ۋە بېقىۋېلىنغۇچى 14 ياشقا تولمىغان بولسا، دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇغقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىۋالسا، بېقىۋالغۇچى پەرزەنتسىز بولۇشى كېرەك، دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
8 – ماددا بېقىۋالغۇچىنىڭ بىرلا بالا بېقىۋېلىشىغا بولىدۇ.
بېقىۋېلىشتا بېقىۋالغۇچىلار يېتىم بالا ياكى مېيىپ بالىنى بېقىۋالسا، پەرزەنتسىز بولۇش ۋە يېشى 35 ياشقا توشقان بولۇش ھەمدە بىر بالا بېقىۋېلىشقا بولىدۇ، دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
9 – ماددا جورىسى يوق ئەرلەر قىز بالا بېقىۋالسا، بېقىۋالغۇچى بىلەن بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ يش پەرقى 40 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
10 – ماددا ئاتا – ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنى بېقىۋېلىشقا بەرمەكچى بولسا، ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولۇشى لازىم. ئاتا – ئانىسىدىن بىر تەرەپنىڭ ئىز – دېرىكى بولمىسا، يەنە بىر تەرەپ پەرزەنتىنى ئۆز ئالدىغا بېقىۋېلىشقا بەرسە بولىدۇ.
جورىسى بارلار بالا بېقىۋالسا ھەر ئىككى تەرەپ بىرلىكتە بېقىۋېلىشى لازىم.
11 – ماددا بېقىۋالغۇچى تەرەپ بىلەن بېقىۋېلىشقا بەرگۈچى تەرەپ ئىختىيار قىلىشى لازىم. يېشى 10 ياشتىن ئاشقان قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنى بېقىۋالىدىغانلار بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى لازىم.
12 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيسى ئۇنى بېقىۋېلىشقا بەرسە بولمايدۇ، لېكىن ئاتا – ئانىسىنىڭ شۇ قۇرامىغا يەتمىگەن كىشىگە ئېغىر – خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.
13 – ماددا ۋەسىيسى قۇرامىغا يەتمىگەن كىشىنى بېقىۋېلىشقا بېرىشتە، بېقىش مەجبىۇرىيىتى بار كىشىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى لازىم. بېقىش مەجبۇرىيىتى بار كىشى بېقىلىۋېلىشقا بېرىشكە قوشۇلمىسا، ۋەسىي ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى خالىمىسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋەسىينى ئۆزگەرتىش كېرەك.
14 – ماددا ئۆگەي بوۋا ياكى ئۆگەي موما پەرزەنتلەرنى ئاتا – ئانىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ بېقىۋالسا بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 4 – ماددىسىنىڭ 3 – تارماقچىسى، 5 – ماددىسىنىڭ 3 – تارماقچىسى، 6 – ماددىسىدىكى چەكلىمىگە  ۋە بېقىۋېلىنغۇچى 14 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك، دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
15 – ماددا بېقىۋېلىشتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى تىزىمغا ئالدۇرغان كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلغان بولىدۇ.
ئۆز ئاتا – ئانىسى تېپىلمىغان، تاشلىۋېتىلگەن بوۋاق ۋە بالىلارنى بېقىۋېلىشتا، خەلق ئىشلىرى تارمىقى تىزىمغا ئېلىشتىن ئىلگىرى ئېلان چىقىرىشى كېرەك.
بېقىۋالغۇچى بىلەن بېقىۋېلىشقا بەرگۈچىلەردىن بىر تەرەپ بېقىۋېلىش جامائەت گۇۋاھلىقى رەسمىيىتى بېجىرىشنى تەلەپ قىلسا، بېقىۋېلىش جامائەت گۇۋاھلىقى رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىش كېرەك.
16 – ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، بېقىۋېلىنغۇچىنى نوپۇسقا ئېلىشى لازىم.
17  - ماددا يېتىم بالىنى ياكى ئاتا – ئانىسى تەربىيىلەشكە ئامالسىز قالغان پەرزەنتلەرنى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوستلىرى تەربىيىلىسە بولىدۇ.
تەربىيىلىگۈچىلەر بىلەن تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى تەتبىقلانمايدۇ.
18 – ماددا جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، يەنە بىر تەرەپ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىنى بېقىۋېلىشقا بەرمەكچى بولسا، ئۆلگۈچى تەرەپنىڭ ئاتا  - ئانىسى ئالدى بىلەن تەربىيىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
19 – ماددا پەرزەنتىنى بېقىۋېلىشقا بەرگەنلەر بېقىۋېلىشقا بەرگەنلىكىنى سەۋەب قىلپ پىلانلىق تۇغۇت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ يەنە پەرزەنت كۆرسە بولمايدۇ.
20 – ماددا بالىلارنى ئېلىپ سېتىش ياكى بالا بېقىۋېلىش نامى بىلەن بالىلارنى ئېلىپ سېتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
21 – ماددا چەت ئەللىكلەر مۇشۇ قانۇن بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە پەرزەنت بېقىۋالسا بولىدۇ.
چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە پەرزەنت بېقىۋالماقچى بولسا، بېقىۋالغۇچىنىڭ يېشى، نىكاھلىنىش ئەھۋالى ۋە كەسپى، مال – مۈلكى، سالامەتلىكى، جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغان – ئۇچرىمىغانلىقىغا دائىر ئەھۋاللار توغرىسىدا ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم، بۇ ئىسپات ماتېرىيال ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ياكى جامائەت گۇۋاھلىقى بەرگۈچىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇھمۇرىيىتىنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى لازىم. بېقىۋالغۇچى بالىنى بېقىۋېلىشقا بەرگۈچى بىلەن يازما كېلىشىم تۈزۈشى، بىۋاسىتە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە بەلگىلەنگەن جامائەت گۇۋاھلىقى ئورنىغا بېرىپ بېقىۋېلىش جامائەت گۇۋاھلىقى بېجىرتىشى لازىم. بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى جامائەت گۇۋاھلىقى بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
22 – ماددا بېقىۋالغۇچى بىلەن بېقىۋېلىشقا بەرگۈچى بېقىۋېلىش مەخپىيىتىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلسا، باشقىلار ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.

3 – باب بېقىۋېلىشنىڭ قانۇن كۈچى

23 – ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئورنتىىلغان كۈندىن ئېتىبارەن بېقىۋالغۇچى ئاتا  - ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىدە قانۇندىكى ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەر مۇناسىۋىىت توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تەربىقلىنىدۇ؛ بېقىۋېلىنغان پەرزەنتلەر بىلەن بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانىنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىق ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىدە قانۇندىكى پەرزەنتلەر بىلەن ئاتا – ئانىنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
بېقىۋېلىنغان پەرزەنتلەر بىلەن ئۆز ئاتا – ئانىسى ھەمدە باشقا يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلار ئوتتۇرىسىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بىكار قىلىنىدۇ.
24 – ماددا بېقىۋېلىنغان پەرزەنتلەر بېقىۋېلىنغا ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا بولىدۇ، بېقىۋېلىشقا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بىردەك كېڭىشىشى ئارقىلىق ئەسلىي فامىلىسىنى ساقلاپ قالسىمۇ بولىدۇ.
25 – ماددا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 55 – ماددىسى ۋە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلمىگە خىلاپ بولغان بېقىۋېلىش ھەرىكەتلىرى قانۇن كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى ئىناۋەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن بېقىۋېلىش ھەرىكىتى ھەرىكەت باشلانغان ۋاقىتتىن تارتىپلا قانۇن كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ.

4 – باب بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى

26 – ماددا بېقىۋالغۇچى بېقىۋېلىنغۇچى قۇرامىغا يېتىشتىن ئىلگىرى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن بېقىۋالغۇچى بىلەن بېقىشقا بەرگۈچى تەرەپ بېقىۋېلىشنى بىكار قىلىشنى پۈتۈشەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بېقىۋېلىنغان پەرزەنتى ئون ياشتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش لازىم.
بېقىۋالغۇچى تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، خورلاش، تاشلىۋېتىشكە ئوخشاش قۇرامىغا يەتمىگەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنتنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى بولسا، بېقىۋېلىشقا بەرگۈچى بېقىۋالغان ئاتا  - ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بېقىۋېلىشقا بەرگۈچى بىلەن بېقىۋالغۇچى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىىسگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
27 – ماددا بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا بىلەن قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلىشىپ، بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مۇمكىن بولمىسا، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېڭەشسە بولىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
28 – ماددا ئالاقىدار تەرەپلەر بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلماقچى بولسا، يازما كېلىشىم ھاسىل قىلىشى لازىم. بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ تىزىمغا ئېلىشى ئارقىلىق ئورنىتىلغان بولسا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا بېرىپ بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم. بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگىنىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن بولسا،جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگىنىغا بېرىپ بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلش توغرىسىدىكى جامائەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرىشى لازىم.
29 – ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بېقىۋېلىنغان پەرزەنتلەر بىلەن بېقىۋالغان ئاتا – ئانىلار ۋە باشقا يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنىدۇ، ئۆز ئاتا – ئانىسى ۋە باشقا يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن بولغان ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كېلىدۇ، بىراق قۇرامىغا يەتكەن بېقىۋېلىنغانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە باشقا يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش – كەلتۈرمەسلىكىنى كېڭىشىپ بېكىتسە بولىدۇ.
30 – ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا تەربىيىلىگەن قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەر ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ھەم تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانىلارغا تۇرمۇش راسخوتى بېرىشى كېرەك. بېقىۋېلىنغان پەرزەنتلەر قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن بېقىۋالغان ئاتا – ئانىلىرىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش تۈپەيلىدىن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغان بولسا، بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا بېقىۋالغان پەرزەنتلىرىدىن بېقىۋالغان مەزگىلىدە سەرپ قىلغان تۇرمۇش راسخوتى بىلەن  تەربىيىلەش راسخوتىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئاتا – ئانىسى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن بېقىۋالغان مەزگىلدە چىقىم قىلغان تۇرمۇش راسخوتى بىلەن تەربىيىلەش راسخوتىنى مۇۋاپىق ھالدا تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، بىراق بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانىسى بېقىۋالغان پەرزەنتىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش تۈپەيلىدىن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

31 – ماددا بېقىۋېلىش نامى بىلەن بالىلارنى ئالداپ ساتقانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ ساتقان، تۇتۇپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارارى» بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
بوۋاقلارنى تاشلىۋەتكەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى 1000 يۈەندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى قەبىھ بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 183 – ماددىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
پەرزەنتلىرىنى ساتقانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

32 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇندىكى پرىنسىپلارنى ئاساس قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلار تۈزگەن بەلگىلىمىلەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەر تۈزگەن بەلگىلىمىلەر ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.
33 – ماددا گوۋۇيۈەن بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.
34 – ماددا بۇ قانۇن 1992 – يىل 4- ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار