خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2014-02-25 21:47



1- دۇنيائۇرۇشى
 
1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلار
 
      1- دۇنيا ئۇرۇشى 20- ئەسىردە دۇنيادا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، بۇ ئۇرۇش 1914-6- 28- كۈنى ئاۋۇستىرىيە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ تەخىت ۋارىسى Franz Ferdinand نىڭ Princip ئىسىملىك بىر سىرىپ مىللەتچىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن باشلاندى.
     بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تۆت مەركىزى دۆلەتكە قارشى ياۋرۇپا ۋە باشقا قىتئەلەردىكى 25 دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تارىختا كۈرۈلمىگەن تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
      بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياۋرۇپادا ئىتتىپاق دۆۋلەتلىرى دەپ ئاتالغان گىرمانىيە، ئاۋۇستىريە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسى، ئوسمان ئىمپىرىيەسى ۋە بۇلغارىيە پادىشالىغى بىلەن رەقىپلەر İtilaf Devletleri دەپ ئاتالغان بېرىتانىيە ئىمپىرىيەسى(ئەنگىلىيە)، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە ئىمپىرىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىربىيە، قاراداغ ۋەبىلگىيە ئارىسىدا باشلاندى. ئۇرۇش باشلىنىپ كېيىنچە رەقىپ دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىتالىيە،ئامىركا، ياپۇنىيە، گىرىتسىيە، پورتىگالىيە ۋە رومانىيە قاتارلىق دۆۋلەتلەر ئۇرۇشقا قېتىلدى.  <<<   سۈيىقەستكە ئۇچىراپ ئۆلتۈرۈلگەن Franz Ferdinand ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقىنى ۋۇجۈتقا چىقارغان ئىنسان بولۇپ، Habsbourg Hanedanı نىڭ بىردىن- بىر تەخت ۋارىسى ئىدى. بۇ سۈيىقەستتىن كېيىن ئاۋۇستىريە ھۆكۈمىتى سىربىيەگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى لېكىن رۇسىيەدىن ئىھتىيات قىلىپ قانداق قىلىش توغرۇلۇق گىرمانىيەدىن مەسلىھەت سورىدى. گىرمانىيە مەخپى ھالدا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئاۋۇستىريە سىربىيەنى مۇستەقىل بىر دۆلەت دەپ قوبۇل قىلمايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ 48 سائەتلىك مۆھلەت بىرىلگەن بىر ئۇلتۇماتۇم تاپشۇردى. سىربىيە بولسا رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئۇلتىماتۇمغا مۈجىمەل جاۋاپ بەردى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن ئاۋۇستىرىيە 1914- 7- 28- كۈنى بېلگىراتنى بومباردىمان قىلىش بىلەن سىربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن رۇسىيە 7- 31- كۈنى ئۇمۇمىيۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ھەركىتى قوزغىدى. بۇندىن بۇرۇن رۇسىيەنىڭ سەپەرۋەرلىكىنى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دەپ چۈشۈنىدىغانلىغىنى جاكارلىغان گىرمانىيە 8- ئاينىڭ 1- كۈنى رۇسىيەگە، 3- كۈنى بولسا فىرانسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. گىرمانىيە ئالدى بىلەن فىرانسىيەنى ئىشغال قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن رۇسىيەگە ھوجۇم قىلماقچى بولدى. گىرمانىيە فىرانسىيەنى تىزرەك ئىشخال قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول بولغان Flander تۈزلەڭلىكىدىن ئەسكەرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىلگىيەدىن ياردەم سورىدى. بىتەرەپ دۆلەت بولغان بىلگىيە قانداق قىلىش توغرىلىق ئېنگىلىيە بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن گىرمانىيەنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە 1914- 8- 4- كۈنى بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگىلىيە بولسا گىرمانىيەگە ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ، 1914- 8- 4-كۈنى گىرمانىيە، فىرانسىيە ئۇرۇش مەيدانى. گىرمانىيە، رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئاۋۇستىريە،سىربىيە ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇرۇش باشلاندى.             دەسلەپتە ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇرۇشنى ئانچە ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ دەپ ئويلاشقان ئىدى. گىرمانىيە      Schlieffen پىلانى (1905- يىلى تۈزگەن) بىلەن فرانسىيەنى ئالتە ھەپتە ئىچىدە مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدى. بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1914- 8- 4- كۈنى بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ گىرمانىيەنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. بىلگىيەنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن گىرمانىيەنىڭ پىلانى 12 كۈن كىچىكتى. بۇ پىلانى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن گىرمانىيەنىڭ باشقا بىر پىلانى يوق بولۇپ، بۇ كىچىكىشتىن كېيىن رۇسىيەنىڭ سەپەرۋەرلىك ھازىرلىقىمۇ پۈتۈپ قالغان ئىدى. گىرمانىيەنىڭ چاقماق تىزلىكىدە ئۇرۇش قىلىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھەرقايسى دۆۋلەتلەر ئارىسىدا ئۇزۇنغا سۇزۇلغان مۇداپىئە كۈرۈش ئۇرۇشى باشلاندى.     
      بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇش مەيدانلىرىنى ئاساسلىق  ئىككىگە ئايرىپ چۈشەنسەك بولىدۇ.          1- گىرمانىيەنىڭ غەربى قىسمىدا ئاساسەن بىلگىيە،گۇللاندىيە، ۋە فىرانسىيە قاتارلىق غەربى ياۋرۇپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش مەيدانى.    2-ئورتا ياۋرۇپا ۋە شەرقى ياۋرۇپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋۇستىريە، ۋىنگىرىيە ۋە بۇلغارىيەنىڭ شەرقىنى، رۇسىيە ۋە رومانىيەنىڭ غەربىدە قالغان شەرقى ئۇرۇش مەيدانى.    بۇئۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەلۇم ئۇرۇش ئىستىراتىگىيىسى ۋە مەقسەتلىرى بار ئىدى.      ئەنگىلىيە:  
       19- ئەسىردە ئەنگىلىيە ناھايىتى چوڭ بىر سانائەتلەشكەن دۆلەت ۋە بېرتانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ مەركىزى ھالىغا كەلگەن ئىدى. ئاۋۇستۇرالىيە، كانادا، ھىندىستان، ئاپرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر، ئانتىل ئارىلى ۋە شىياڭگاڭ قاتارلىق دۇنيانىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمىغا تارقالغان غايەت چوڭ بىر كېڭەيمىچى ئىمپىرىيە ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. خانىش Victoria  نىڭ (1837- 1901) زامانىدا ئەنگىلىيە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ھالىغا كەلدى. 1877- يىلى ھىندىستان ئىشغال قىلىندى. 1882- يىلى مىسىرمۇ ئەنگىلىيەنىڭ قۇلىغا ئۆتتى. ئەنگىلىيە 1871- يىلىدىن باشلاپ گىرمانىيەنى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچۈگە قارشى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قاراشقا باشلىدى. چۈنكى كۈچلۈك بىر گىرمانىيەنىڭ ئەنگىلىيە ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتە بولسۇن،سىياسى جەھەتتە بولسۇن  تەرەققى قىلىشىنىڭ ئۆزى بىر ئۇرۇش سەۋەبى بۇلالايتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مۇستەملىكە رايۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، دېڭىز يوللىرىنىڭ ئۆز كونتىروللىدا بولۇشى، خەلقارالىق چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى،تېخىمۇ مۇھىمى ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئىگە بولۇش ئىستىراتىگىيىسى تامامەن گىرمانىيە بىلەن زىت ئىدى.  
      فىرانسىيە:        
      فىرانسىيە 17- ئەسىردىن باشلاپ 1960- يىلىغا قەدەر دۇنياغا بىر كېڭەيمىچى دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن تۇنۇلدى ۋە 19- 20- ئەسىرلەردە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئېلىپ بارغان كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى فىرانسىيەنى ئەنگىلىيەدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ كېڭەيمىچى ئىمپىرىيە ھالىغا كەلتۈردى. فىرانسىيە بىلەن گىرمانىيە 1871- يىلىدىن باشلاپ بىر- بىرلىرىنى تەھدىت دەپ قاراشقا باشلىدى. فىرانسىيە ئۈچۈن قولىدىن چىقىپ كەتكەن Alsace-Lorraine رايۇنى ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىن،ھەمدە ئەسكىرى جەھەتتىن بەكمۇ مۇھىم ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن رېن دەرياسى كۆۋرۈكلىرى ۋە بىلگىيەنىڭ كۈچلۈك بىر مۇداپىئە سېستىمىسىغا ئىگە بولىشى فىرانسىيە ئۈچۈن باشقابىر  ئەسكىرى ئىستىراتىگىيىسى بولۇپ ھېساپلىناتتى. فىرانسىيە ئۈچۈن گىرمانىيە ئىمپىرىيەسى ياۋرۇپانىڭ مەركىزىدە بولىدىكەن مۇستەملىكىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر تەھدىت بولۇپ ھېساپلىناتتى. چۈنكى فىرانسىيىنىڭ ئاساسلىق ئەسكىرى،ئىقتىسادى ۋە سىياسى كۈچى فىرانسىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى دۆلەتلەر زېمىنىدا ئىدى.   
رۇسىيە ئىمپىرىيەسى:              رۇسىيە 19- ئەسىردە پۈتۈن كۈچىنى ئاساسەن تۆۋەندىكى تۆت نۇختىغا قاراتقان ئىدى.             ئا- غەربىدە پان سىلاۋىزىم سىياسىتى بىلەن سىلاۋمىللىتىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق شەرقى ياۋرۇپادىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش.             ب- جەنۇپتا ئوسمان ئىمپىرىيىسى، بوغازلار ۋە شەرقى ئانادولۇنى ئىشغال قىلىش ۋە ئىران نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى كونتۇرول قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش.          ج- رۇسىيە 19- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمىنى ئىشخال قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش.          د- شەرقتە ياپۇنىيە، رۇسىيە، ئەنگىلىيە، ئامىركا ئارىسىدىكى كۈچ تەكشىلىكىنى ساقلاپ قېلىش.           رۇس ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان رۇسىيە 1904- 1905- يىلى ئەنگىلىيە، رۇسىيە شەرتنامىسىگە قول قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.    رۇسىيە غەرىپتە گىرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ پان گىرمانىزىم سىياسىتى، جەنۇپتا ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يۈز يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش، قارا دېڭىز ۋە ئاق دېڭىزلاردا ئەنگىلىيەگە قارشى ئامېرىكا بىلەن ياردەملىشىش قاتارلىق ئىستىراتىگىيىسى سەۋەپلىك رەقىپ دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قوزغىدى.      
   گىرمانىيە :      
    گىرمانىيە 1871- يىلى 1- ئايدا Versailles شەرتنامىسى بىلەن قۇرۇلغان گىرمانىيە ئىمپىرىيەسى ئاۋۇستىريەدىن باشقا پارچە- پارچە بولۇپ كەتكەن بارلىق كىچىك دۆلەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1884- يىلىدىن باشلاپ باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. گىرمانىيە ئىمپىرىيەسى 1914- يىلىغا كەلگەندە ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە ئىتتىپاقى بىلەن ئىقتىسادى، سىياسى ۋە ئەسكىرى جەھەتلەردە تەڭ تۇرالىغىدەك بىر نۇقتىغا كەلدى. ھەتتا سانائەتلىشىش ۋە ئىش كۈچى جەھەتتە ئەنگىلىيەدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئىككىنچى Wilhelm دەۋرىدە باشقا ياۋرۇپا كۈچلىرىگە ئوخشاش ئىمپىرىيال بىر سىياسەت قوللاندى. بۇ ۋاقىتتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش جەريانىدا پات- پاتلا باشقا خوشنا دۆلەتلەر بىلەن يىرىكلىشىپ قېلىش ۋەقەسى يۈزبىرىپ تۇردى. بۇ ۋەقەلەر دوستلارنى ئۇزاقلاشتۇردى. نەتىجىدە گىرمانىيەگە قارشى فىرانسىيە، بېرىتانىيە ئىمپىرىيىسى ۋە رۇسىيە ئىمپىرىيىسى ئىتتىپاقلىشىپ بىرقۇتۇپ ھاسىل قىلدى. گىرمانىيە بولسا پەقەتلا ئاۋۇستىريە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسى بىلەن ئىتتىپاق قۇرالىدى. 1900- يىللىرى ئىمپىرىيال ۋە ئىمپىرىيالىست دەۋرىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقتىدا گىرمانىيەنىڭ دۇنيادا بىردىن- بىر ئۈستۈنلۈك شۇئارى( گىرمان روھى دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ) دىيىلىۋاتقان دەۋىر ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ياۋرۇپا مەركەزلىك دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈكلىرى ھېساپلانغان بىرىتانىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى.        
          1914- يىلى گىرمانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاۋۇستىريە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسىدىن باشقا كۈچلۈكرەك بىر ئىتتىپاقدىشى يوق ئىدى. بەلكى ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىركى بۇ بوشلۇق ئۇرۇشنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ، گىرمانىيەنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىۋالغىدەك باشقا بىر پىلانى يوق ئىدى. گىرمانىيەنىڭ  باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بولسا ئوسمان ئىمپىرىيەسى بىلەن بۇلغارىيە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇرۇشتا ھەلقىلغۇچ رول ئوينىيالىغىدەك ئىقتىسادى ۋەئەسكىرى كۈچى يوق ئىدى. گىرمانىيە ئۈچۈن بىردىن -بىر ئىشىنەلەيدىغان كۈچ بولسا ئۆزىنىڭ كۈچى ئىدى.                ئاۋۇستىريە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسى:         ئاۋىستىريە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت رۇسىيە ۋە رۇسىيەنىڭ پان سىلاۋىزىم سىياسىتى ئىدى. رۇسىيەنىڭ شەرقى ياۋرۇپا ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا كېڭىيىش نىيىتى بار بولۇپ، ئوسمان ئىمپىرىيەسى ئىچىدىكى بولسۇن، ئاۋۇستىرىيە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئىچىدىكىسى بولسۇن باشتا سىلاۋ مىللىتى قاتارلىق بارلىق مىللەتلەرگە ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ياردەم قىلاتتى. دۆلەت چىگرىسىنىڭ غەرىپ تەرىپىنى گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرگەن ئاۋۇستىرىيە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسى يەنە بىر تەرەپتىكى رۇسىيەنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشنى ئويلايتى.   
          ئەسلىدە ئاۋۇستىرىيە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ  ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ھەر ئىككى ئىمپىرىيە ئۆز تەقدىرىنى تامامەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەلىبىگە باغلىغان ئىدى. يەنى بۇ ئىككى ئىمپىرىيە ئۈچۈن ئۇرۇش ھايات- ماماتلىق مەسىلىسى ئىدى. 1870- يىلى رىم ۋە 1886- يىلى ۋېنېدىك ئىتالىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا بولدى. بۇلارنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن ئىتالىيەنىڭ مىللى بىرلىكى ئەمەلگە ئېشىپ، ئىتالىيە بادىشاھلىغى قۇرۇلدى. ئىتالىيە رىم دەۋرىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن دۆلەت ھالىغا كەلدى. يېڭى ئىتالىيە پادىشاھلىقىدا 20- ئەسىردە شىمالى ئىتالىيە تىزلىكتە تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. جەنۇبى ئىتالىيەدە بولسا تىزلىكتە نوپۇس كۆپىيىشكە باشلاپ مىليونلارچە ئىنسان ياخشىراق بىر ھاياتتا ياشاشنى ئۈمۈت قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.   
     ئىتالىيەمۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىگىرمە يىلىدىن باشلاپ باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. ئوسمان ئىمپىرىيەسىگەقارشى  Trablusgarp ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلدى. غەربى تۈركىيەدە 12 ئارالنى،ئاپرىقىدا بولسا لىۋىيە، ئېپوئوپىيە ۋە سۇمالى قاتارلىق  دۆلەتلەرنى ئىشخال قىلىپ، كېڭەيمىچىلىك ھەركىتى ئېلىپ باردى.      
      ئىتالىيە دەسلەپتە 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ دۆلەت بولغان بولسىمۇ 1915- يىلىدىن باشلاپ رەقىپ دۆلەتلەرگە قۇشۇلدى. ئەگەر ئىتالىيە ئۇرۇشقا قاتناشسا Trento, Trieste, Istria, Dalmaçya ۋە ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ بەزى جايلىرى بۆلۈپ بىرىلىدىغان بولدى. ئۇرۇش جەريانىدا 600.000 ئىتالىيە ئەسكىرى ئۆلدى ۋە ئىتالىيە ئىقتىسادى ۋەيران بولدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇرۇشتىن بۇرۇن بىرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشقا ئاشمىدى. ئىتالىيە غالىپ تەرەپتە بولغان بولسىمۇ بىرىلگەن ۋەدىلەردىن پەقەتلا Trent, Trieste ۋە Bolzano قاتارلىقلارنىلا بەرگەن بولدى. بۇ ئەھۋال ئىتالىيە خەلقى ئىچىدە ناھايىتى چوڭ كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى.         ئىتالىيەنىڭ ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى مەقسىدى مەۋجۇت مۇستەملىكە رايۇنلىرىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە ئوتتۇرا شەرىق، ياۋرۇپانىڭ شەرقى، جەنۇبى ۋە ئاپرىقىدىكى كۈچىنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىدى.     
        ئوسمان ئىمپىرىيەسى:      
    ئوسمان ئىمپىرىيەسى 1699- يىلى Karlofça شەرتنامىسىدىن كېيىن داۋاملىق ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈز تۈتتى ۋە 1912- 1913- يىلى Balkan (شەرقى جەنۇبى ياۋرۇپا) ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. بۇ ئۇرۇشلاردىن كېيىن ئىمپىرىيەدىن ئايرىلغان كىچىك دۆلەتلەرگىمۇ كۇچى يەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى مۇنداق: ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان، ئىقتىسادى ئەھۋالى يۈزدە 300 ئەتراپىدا چىكىنگەن، 1914- يىلى 7- 8- ئايلاردا يۈزدە 50% باشقا دۆلەتلەرگە تايىنىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، دۆلەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىمۇ بىرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.      
   سىياسى جەھەتتىن: بالقانلار ۋە مىسىرنى تارتقۇزۇپ قويغان، ئوتتۇرا شەرىق رايۇنىدىكى زېمىنى ئۈچۈن ئەنسىرەش ئىچىدە قالغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ھەر خىل مىللەتلەرئىچىدىكى مىللەتچىلىك ۋە بۆلۈنۈش ھەركەتلىرى سەۋەبىدىن ئانادولۇدىمۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالغان ئىدى. ئوسمان ئىمپىرىيەسى ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرىققە قارىتا نىيەتلىرىنى ۋە ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە نېپىتنىڭ زامانىدىكى قىممىتىنى بەكمۇ ياخشى بىلەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن يۈز يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلغان رۇسىيەنىڭ بوغازلار ۋە شەرقى جەنۇبى ئانادولۇ رايۇنىغا بولغان نىيىتىنى ياخشى بىلەتتى.      
    ئەسكىرى جەھەتتىن: بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن دۆلەت ئارمىيىسى ناھايىتى بەك ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ İttihat ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى ئىككى يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېڭىدىن دۆلەت ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرتىپلىك بىر دۆلەت ئامىيىسىنى شەكىللەندۈرەلىگەن ھۈكۈمەت ئىقتىسادى ئاساسىنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن تېخنىكا ۋە قورال- ياراق جەھەتتىن يېتەرسىز قالدى.          İttihat ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قېلىشىنى بىلگەندىن كېيىن ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە گىرمانىيە بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنى ساخلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھەتتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇ قەدەر ئەھمىيەت بەردىكى، ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ھەر ئىككى تەرەپتە مۇزاكىرىلەر داۋام قىلدى. ئەنگىلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ  ئىتتىپاق ئۈچۈن ئاساسلىق تەلىپى بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەت زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈك تەلىۋى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇرۇشتىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ ئويلىشىمىز دىگەن جاۋابى بىلەن ئاياغلاشقان بولدى. ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن ئىتتىپاقىنى ساخلاپ قېلىشتىن تامامەن ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن  İttihat ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى 1914- 8- 2- كۈنى گىرمانىيە بىلەن بىر مەخپى كىلىشىمنامە (ئوسمان ئىمپىرىيەسى- گىرمانىيەمەخپى كىلىشىمنامىسى) نى ئىمزالاپ ئىتتىپاق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا كىرىشنى قارار قىلدى.   
       بۇلغارىيە:      
       ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ چىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ ۋە چاررۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتۈن بالقانلاردا (شەرقى جەنۇبى ياۋرۇپا) بولغىنىدەك بۇلغارىيەدىمۇ مۇستەقىللىق ھەركىتى كۈچىيىشكە باشلىدى. 93 Harbi دا مەغلۇپ بولغان ئوسمان ئىمپىرىيىسى بۇلغارىيەنى 1878- يىلىدىن باشلاپ ئىچكى ئىشلىرىدا مۇستەقىل كېنەزلىك دەپ قوبۇل قىلغان بولسا 1908- يىلى رەسمى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.             بۇلغارىيە پادىشالىغى بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن گىرىتسىيە، سىربىيە، قاراداغ، رومانىيە بىلەن غەرىپتە ئوسمان ئىمپىرىيەسى ئارىسىدا قىسىلىپ قالدى. بۇلغارىيەنىڭ ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى يىللاردا بالقان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۆز ئارا دۆشمەنلىكى بار بولۇپ، گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىشتىن باشقابىر تاللاش يولى يوق ئىدى.   
     1918- يىلى گىرمانىيە ئۈچۈن ھالاكەتنىڭ باشلىنىش يىلى بولدى. ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە يېمەك- ئىچمەك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى گىرمانىيەنى ئېغىر دەرىجىدە ھالسىرىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەدە باشلانغان ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىشكەباشلىغان بولشىۋىك ھەركىتى گىرمانىيەگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. خەلقنىڭ ئىش تاشلاش، نامايىش قىلىشتەك ھەركەتلىرى كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى. گىرمانىيە ھۆكۈمىتى خەلىق ئاممىسىنىڭ بۇ ھەركىتىنى تۇسۇپ قېلىش ئۈچۈن نامايىش قىلىش ۋە ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ جازا سۈپىتىدە ئالدىنقى سەپلەرگە ئۇرۇشقا ئەۋەتتى. ھۆكۈمەت بۇھەرىكىتى بىلەن ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئەسكەرلەر ئىچىدە دۆلەتكە قارشى قوزغىلاڭ قىلىش ۋە بۇيرۇققا بويسۇنماسلىقتەك ھەرىكەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 1918- يىلى ئۇرۇش تامامەن رەقىپ دۆلەتلىرىنىڭ پايدىسىغا قاراپ تەرەققى قىلدى.            شۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىر چىقىش يولى يوق ئىدى. بۇلغارىيە 1918- 9- 29- كۈنى Selanik  شەرتنامىسىغا قول قويدى. ئوسمان ئىمپىرىيەسى 1918- 10- 30- كۈنى Mondros شەرتنامىسىغا قول قويدى. ئاۋۇستىرىيە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسى 1918- 11- 3- كۈنى Villa Giusti  شەرتنامىسىغا قول قويدى. ئاخىردا گىرمانىيەنىڭ 1918- 11- 11- كۈنى Rethondes  شەرتنامىسىغا قول قۇيۇشى بىلەن 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.   
      1- دۇنيا ئۇرۇشى 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ئۇرۇشلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىق بىر ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇش بەكمۇ رەھىمسىز ۋە قانلىق بىر ئۇرۇش بولۇپ، ئەسكەرلەردىن باشقا نورمال خەلقلەرمۇ ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. خەلق ياشاشقا چارىسىز قالدى. بۇ ئۇرۇشتا بۇرۇن پەقەتلا ئىشلىتىلىپ باقمىغان زەھەرلىك گاز، ئايرۇپىلان، سۇئاستى ئۇرۇش پاراخۇتلىرى، بىرونېۋىك، تانكا، مۇساپىسى 15 كىلومىتىرغا يەتكەن ئېغىر توپلار، تانكا ئاتار ۋە يۇقۇرى تەخنىكىلىق ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق قوراللارئىشلىتىلدى. ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەردىن جەمئى 65.038.810 مىليون ئەسكەر ئۇرۇشقا قاتناشتى. جەمئى8.556.315 ئادەم ئۆلدى. 21.219.452. ئادەم يارىدار بولدى. 7.750.945 مىليون ئادەم غايىپ بولدى ياكى ئەسىرگە چۈشتى. 1- دۇنيا ئۇرۇشى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى. تەڭسىز شەرتنامىلەر، ئۇرۇشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئەسەبى مىللەتچىلىك، پاشىزىم ئىددىيەلىرى2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولاتتى.تەرجىمە قىلىندى
http://tr.wikipedia.org/wiki/I._D%C3%BCnya_Sava%C5%9F%C4%B1
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار