خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

سىتالىننى ئىلاھلاشتۇرۇشنىڭ ئاچچىق ساۋىقى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-04-24 14:50

 سىتالىننى ئىلاھلاشتۇرۇشنىڭ ئاچچىق ساۋىقى

سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىزگە مۇنداق بىر ئاچچىق ساۋاقنى قالدۇرۇپ كەتتىكى، ھەرقانداق دۆلەت ۋە دىمكۇراتىك تۈزۈمنى كۈچەيتىمەن دەيدىغان بولسا، ھەممىدىن مۇھىمى شۇكى ئەۋلىيالارنى سۈپۈرۈپ تاشلىشى كېرەك.

ئەۋلىيا دىگەن نېمە؟

       ئەۋلىيا دىگەنمۇ سىتالىنغا ئوخشاش ئالىيجاناپ ئادەملەردۇركى، خەلق ئۇلارغا شەك-شۈبھىسىزئىشەنچ باغلاشقا مەجبۇر؛ خەلىق ئۇلارنى تىل تەگكۈزۈپ تەنقىدلىمەيدۇ، ئۇلارنى مەدھىيلەشكىلا مەجبۇر؛ خەلىق ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشقىلا مەجبۇركى، رەددىيە بېرىش مۇمكىن ئەمەس. خەلىقئالەم ئىچىدە ھەممە ئىچىدە، كائىناتتىكى ھەممە مەۋجۇداتلار ئىچىدەپەقەت شۇ ئەۋلىيالارلا  ھەق-ھەقىقەتنىڭ ئۆزىدۇر، نۇسرەت تېپىپ غەلبە قازىنىشنىڭ كاپالىتىدۇر، نۇر شولا ياغدۇرۇپ تۇرىدىغان قۇياشتۇر.
       ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، كائىناتتا بىر خىل غەيرى ماددا بار ئىكەن، ھەرقانداق ماددا ئۇنىڭغا تېگىپلا كەتسە، كۇمپەيكۇم بولۇپ غايىپ بولۇپ كېتىدىكەن. ئەۋلىيا دېگىنىمىز دېمكۇراتىك قانۇن-تۈزۈمنىڭ ئەنە شۇنداق غەيرى ماددىسىدۇر. چۈنكى ھەممىلا ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا باشلىنىدىغان تەڭ-باراۋەرلىك دېمكۇراتىك قانۇن-تۈزۈمنىڭ ئۇلىدۇر. <<يوق ئەزەلدىن قۇتقازغۇچى خۇدا، يۆلەنمەيمىز ئەۋلىيا خانغا>>. ۋە لېكىن ئەۋلىيالار پەيدا بوپقالغاندىن كېيىن، ھېلىقى تەڭ-باراۋەرلىكتىن ئەسەر قالمىدى. ئەۋلىيالار نىلۇپەرگۈلى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، بېشىدىن كارامەت نۇرىنى چاچرىتىپ تۇرىدۇ، ئۇنى كۆرگەنلا ئادەم باش قويۇپ سەجدە قىلىدۇ، كۆتىگە تېپىك يېمىسىلا <<داپ چېلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ>>. ناھەق ئۆلۈپ كېتىۋاتسىمۇ<<پادىشاھىم، ئالىيلىرى دانا، پېقىر قۇللىرى ئۆلۈمگە لايىقمەن>>دەپ تۇرىدۇ. سىتالىن قەدەممۇ قەدەم ئەۋلىيالىق مۇنبىرىگە چىققاندىن كېيىن، خەلىق ئۇنى:<<خەلىقنىڭ مېھرىبان ئاتىسى>>، <<سوتسىيالىزىم قۇرغۇچىسى>> دەپ ئىززەتلەشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ، پېشقەدەم پولشېۋىكلارغا:<<پارتىيىنىڭ تىروتسىكىيىچىلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنىڭ تىروتسىكىيىچى بولۇپ قالىدىغىنىڭلارنى ئىقرا قىلىڭلار>>دەپ چاقىرىق قىلسا، تالاي پىشقەدەم پولشىۋىكلار<<چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ>>، غىڭ-پىڭ قىلماي جازا مەيدانىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ، ئۆسمۈرلەرگە جازا بېرىش يېشىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك، دېۋىدى، شۇنىڭ بىلەن جازا بېرىش يېشى12ياشقا چۈشۈرۈلدى. نۇرغۇن پىشقەدەم پولشىۋىكلارنىڭ بالىلىرى بىر نەچچە ياڭيۇنى ئوغىرلىغانلىقى ئۈچۈن كاللىسى تېنىدىن جۇدا قىلىندى.  قانۇن پارتىيە ئىنتىزامى دىگەنلەر ئۇنىڭ قولىدىكى خېمىر بوپقالدى.كېيىن ھەربى رايۇنىنىڭ قوماندانى ياكىر ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى تازىلاش ھەركىتىدە گېرمانىيە جاسوسى دىگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنغانىكەن، ئۇمۇ ئۆلۈش ئالدىدا:<<ياشىسۇن سىتالىن!>> سىتالىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:<<بۇ ئادەم تولىمۇ قۇۋ ئىكەن...>>دەپ ھىجىيىپ قويۇپتۇ.
         كاتتا ئۆلىما جۇاڭزى:<<ئەۋلىيالار ئۆلمىسە ئوغرى قاراقچىلار تۈگىمەيدۇ>> دەپتىكەن. ئەۋلىيالارمۇ سىياسى ئەمىنلىكنىڭ<<غەيرى ماددا>>سى. <<مېھرىبان ئاتا>>،<<سوتسىيالىزىمنىڭ قۇرغۇچىسى>>غا ئايلانغاندىن كېيىن، ھەممىدىن چوڭ خۇمارى ئىلگىركىدەك ھوقۇققا چاڭ سېلىش ئەمەس، رەقىبلىرىنى ھەتتا خەلقىنى<<دەسسەپ چەيلىۋېتىش>>(سىتالىننىڭ مەشھۇر سۆزى)، شۇنىڭ بىلەن <<ئىنتىقام ئېلىش مۇرادىغا يېتىش>>بوپقالدى. 1930-يىللىرى دېھقانلارنى كوللىكتىپلىشىش يولىغا زورلۇق بىلەن ھەيدىگەنىدى، 20مىليۇن ئادەم ئاچارچىلىقتىن قىرىلىپ كەتتى. ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى باستۇرىمىز، دەپ يەنە 19مىليۇن 840مىڭ ئادەمنى قىرىۋەتتى، پېشقەدەم پولشىۋىكلارنى قىرىپ تۈگەتتى. 1953يىلى سەكراتقا چۈشۈپ ئۆلگەن چېغىدىمۇ جازا لاگىرىدا يەنە 12مىليۇن ئادەم قامىلىپ ياتاتتى، بۇنىڭغا يەنە باشقا جازالانغانلارنى قوشساق، پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە 74مېليۇنغا يېتىپ بارىدۇ(چېن چېنىنلار ئەسىرى<<سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى ئۇمۇمى تازلاشنىڭ ئىچكى سىرى>>گە قاراڭ). دېمەك سوتسىيالىزىمنىڭ ئانا يۇرتى<<گۇراگ تاقىم ئاراللىرى>>غا ئايلىنىپ قالدى.

        بۇ ئارال يۈزەكى قارىغاندا تېپتىنىچ كۆرىنىدۇ، ئەمەلىيەتتى بولسا تېگىدىن قىمىرلاپ تۇرىدۇ. ئاممىنىڭ قارشىلىقى زادى بېسىقماي داۋام قىلدى. ھوقۇق تالىشىش كۆرەشلىرى ئۇئۆلۈپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە ھەتتا سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى. ھېتلىرنىڭ سوۋىت ئىتپاقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى قوزغىشى ئۇنىڭ فاشىسىتلىق تەبىئىتىدىن بولغان، ئەلۋەتتا سوۋىت ئىچكى زىددىيەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنىگەئەۋىج ئېلىشىمۇ ئۇنىڭغا باھانە سەۋەب بولماي قالدى. ئەۋلىيا تەبئىيى يارىتىلغان نەرسە ئەمەس، ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۇچۇرۇشى بىلەن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. لېنىن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى سىتالىن ئۆتەۋاتقان باش سېكىرتارلىق ۋەزىپىسى ۋە سىياسى بىيۇرو ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چاغلىقلا بىر ۋەزىپە بولۇپ، سىياسى بىيۇرو ھۆججەتلىرىگە تامغا بېسىش ياكى يىغىن ئېچىش توغرىلق ئۇختۇرۇش تارقىتىش ئىشلىرىغىلا مەسئۇل ئىدى. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى زىنۋىيېف<<بايقاپ>>تۇ، كېيىن كامىنىف بۇخارىنىمۇ <<بايقاپ>>تۇ...سىتالىن ئەنە شۇلارنىڭ يار-يۆلەك بولۇشى بىلەن ھەممىنىڭ ئۈسىتىدە تۇرىدىغان ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە كۆتۈرلۈپ قالغان. لېكىن<<ئۇمۇمى تازلاش>>تازىنىنىۋ ىيېفمۇ، كامىنېفمۇ، بۇخارنىمۇ توردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى(ئاندىروف ئوفشېنكو<<سىتالىن دەۋرىدىكى سىرلىق ۋەقەلەر>>گە قاراڭ). يامانلىق قىلغانلار جازاسىنى تارتىدۇ دېگەن گەپ مانا شۇ.
بىز ياشاپ تۇرغان بۇ تۇپراقمۇ ئەۋلىيا كۆپ چىقىدىغان يەر. ئەۋلىيا بۇرۇنقى زاماندىلا چىققان ئەمەس، ھازىرقى زاماندىمۇ چىقتى، چىقىۋاتىدۇ، چوڭ شەھەرلەردىمۇ بار، پايناپ يېزىلاردىمۇ بار؛ بۈگۈن مانا كىم بولسا بولسۇن ئەمەلدارلىق كىيىمىنى كېيىپ، ئۈستەل ئالدىدا قېتىپ ئولتۇرسىلا <<ئەۋلىيا>>بوپقالىدۇ. بىرەر زاۋۇت فابرېكىدا كىمكى زاۋۇت-فابرىكا باشلىقىنىڭ<<تۈكىنى تەتۈرسىگە ياندۇرۇپ سىيلايدۇ>> كەن ئەتىسىلا كوچا-كويدا خورلىنىپ يۈرىدىغان ئىشتىن ھەيدەلگەن خىزمەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. يېزىدا قايسى بىر تەنتەك كەنت باشلىقنىڭ ئىززىتىنى قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ قوۋۇرغۇسى بىر تېپىك بىلەنلا سۇندۇرۇپ تاشلىنىدۇ، خوتۇنى بولسا، دەۋاسى ئاقمايدىغان دەردمەن<<چيۇجۇ>>گە ئوخشاش كۈنگە قالىدۇ. ئەۋلىيادىن خۇدا ساقلىسۇن، ئەۋلىيالارنىڭ يىلتىز سۈرۈپ شاخلاپ كېتىشىدىن تېخىمۇ خۇدا ساقلىسۇن.
       تارىخى تەجىرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى ئەۋلىيالارنى قەدىرلىسەڭ بۆرە-يولۋاسنى قەدىرلىگەن بولىسەن. بۆرە يولۋاس قۇدىرەت تاپسا، ھەممىدىن ئاۋال پالاكەت باسىدىغىنى، كۆپ ھاللاردا يەنە شۇ قەدىرلىگۈچىلەردۇر. شۇڭا ئەۋلىيالارنى ئۇلىدىن كولاپ تاشلاش لازىمكى، ھەرگىز قەدىرلەپ يۆلەشكە يارىمايدۇ. ساۋابى چاغلىق دەپ قول سالماسلىققا يارىمايدۇ. سەن بىر كەتمەن كولىساڭ، مەن بىر كەتمەن كولىسام، ھەممە ئادەم شۇنداق كولاپ يۇلۇپ تاشلىسا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم تەڭ باراۋەر بولالايدۇ، دۆلەتمۇ ئۇزاققىچە تىنىچ-ئامان بولالايدۇ.
_________________
ۋۇجىيامىن قەلىمىدىكى بۇ مۇلاھىزە<<فىليەتون>>گېزىتىنىڭ2002-يىل5-ئاپرېل سانىغا بېسىلغان.
شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2002-يىل5-سانىدىن
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار