مىدىۋاي ئارىلى ئۇرۇشى
	
	
	
	مىدىۋاي ئارىلى ئۇرۇشى  دۇنيا ئۇرۇش تارىخدىكى مەشھۇر ئۇرۇشلارنىڭ بىرسىدۇر . بۇ ئۇرۇشنىڭ مەشھۇرلۇقى شۇ يەردىكى :
	1 . قۇمانلىقنىڭ ئىنتايىن چىۋەرلىك بىلەن قىلىنغانلىقى .
	2 . ئىنتايىن ئاز كۈچ بىلەن زور كۈچنى يەڭگەنلىكى .
	
	   1942 - يىلى يازدا ، ياپون ئارمىيىسى بىرلەشمە فىلوتىنىڭ  قۇماندانى  شەنبىن سەككىز ئاۋىئاماتكا ، ھەر خىل تىپتىكى 350 پاراخوت ، 1000 ئايرۇپىلان ،100 مىڭ كوماندىر جەڭچىگە قۇماندانلىق قىلىپ ، ئامېركا ئارمىيىسىنىڭ تېچ ئوكياندىكى  ، كۆۋرۈك ئىستىكامى - مىدىۋاي ئارىلىنى بىر يولىلا بېسىۋالماقچى بولۇدۇ .
	   ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تېچ ئوكياندا ، پەقەت 3 ئاۋىئاماتكا ، 200 ئايرۇپىلان ، 2000 دىن  كۆپرەك  ئوفېتسىر جەڭچى  بار ئىدى .
	  كۈچ سېلىشتۇرمىسى غايەت زور پەرقلىق بولۇپ ، تېخى ئەمدىلا  تېچ ئوكيان رايونىدىكى  ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانى بولغان كېستى نىمىز ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ، قىسىملارنى يۆتكەپ ئىنچىكىلىك  بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ ، فىلوتنىڭ ئاساسى كۈچىنى ، پىورېر خاربوردىن ئايرىلىپ مىدىۋاي ئارىلىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى دېڭىز يۈزىدە يۇشۇرنۇش بۇيرىغىنى بىرىدۇ .
	    6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شەنبىن ، ياپوننىيە فىلوتىنى باشلاپ مىدىۋاي ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش ئورنىغا كىلىدۇ . قۇماندان نىمىز ، ئارالدىكى بارلىق ئايرۇپىلانلارنى ھاۋاغا  كۆتىرلىشكە بۇيرۇق بىرىپ ، يەر يۈزىدىكى ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش قىسمى ۋە ئاز ساندىكى  قىرغۇچى ئايرۇپىلانىنى ياپون ئايرۇپىلانلىرىغا قارشى سالىدۇ . ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇرۇنلا تەييارلىقى بولغاچقا ، ياپون ئارمىيىسى تۇنجى بومباردىماندا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيدۇ . ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ياپون ئايرۇپىلانلىرى ، نىشاننى ئىزلەپ تاپالمىغانلىقتىن ، جەڭ مىدىۋاي ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۆزگىرىپ ، ھۇجۇمچى ئايرۇپىلانلارغا ئورنىتىلغان تورپىدالارنى  سۆكۈپ ئېلىۋېتىپ بومبا قاچىلاشقا باشلايدۇ ،لېكىن ئايرۇپىلان كۆتىرىلمەي تۇرۇپلا ، تۇيۇقسىز يەنە ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى سىزىلگەنلىك تېرۋۇگاسىنى تاپشۇرىۋېلىپ  ، دەرھال بومبىلارنى چۈشۈرىۋېتىپ تورپىدا ئورنىتىشقا باشلايدۇ . ئاۋىئاماتكا ئۈستۈدىكى ئادەملەر پاتپاراق بولۇپ كىتىدۇ ، قۇماندان نىمىز ياپون ئارمىيىسىنىڭ 1 - تۈركۈم ئايرۇپىلانلىرى قايتىپ كەتكەن 2 - تۈركۈم ئايرۇپىلانلىرى تېخى ئۇچمىغان پۇرسەتنى تۇتۇپ ، كۈچنى توپلاپ ياپون ئاۋىئاماتكىللىرىغا كۈچلۈك ھۇجۇم باشلايدۇ . ياپون ئاۋىئاماتكىللىرىغا كەينى كەينىدىن ئوق تىگىپ ، زور زيانغا ئۇچۇرايدۇ . بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ياپون ئارمىيىسىنىڭ 4 ئاۋىئاماتكىسى ، 10 ئوكيان چارلاش پاراخۇتى ، 300 ئايرۇپىلان چىقىم بولۇدۇ ، 3500 دىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلىدۇ ۋە يارىدار بولۇدۇ . ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پەقەت بىر ئاۋىئاماتكىسى ، بىر قوغلۇغۇچى پاراخۇتى  ، 150 ئايرۇپىلان چىقىم بولۇدۇ . 300 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلىدۇ  ۋە يارىدار بولۇدۇ .
	
	بۇ ئۇرۇش ، تارىختىكى ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يىڭىشنىڭ بىر ئۈلگۈسى بولۇپ قالىدۇ .
	  بىلىشكە بولۇدۇكى جەڭدە قۇمانداننىڭ قانداق تاكتىكا بىلەن جەڭ قىلىشى ، جەڭنىڭ تەقدىرىگە مۇتلەق تەسىر كۆرسۈتىدۇ .
	قۇماندان بىر سەركە .
	  مەنبە : 2 - دۇنيا ئۇرۇشى  ، مىدىۋاي ئارىلىنى تالىشىش .