ئەرەب ئىمپىرىيسىنىڭ پارچىلىنىشى
ئەرەب ئىمپىرىيسى ئۇزاق مۇددەت سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلغانىدى . ئىمپېرىيە تېخى مۇستەھكەملەنمىگەنىدى . ئېزىلگەن خەلىق كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈردى ؛ خەلىپە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ھەر ۋاقىت مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كويىدا ئىدى . خەلىپە گەرچە يەرگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر قۇدرەت تېپىپ ، مەركەزدىن ئايرىلىشى خاھىشى كۈنسېرى كۈچەيدى . ئەرەب ئىمپىرىيسى ئاخىر چاك - چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتتى . 756- يىلى ، ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىسپانىيە مۇستەقىللىق جاكارلىدى ، 929- يىلىغا كەلگەندە خەلىپىلىك دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ ، كور دوۋانى پايتەخىت قىلدى ، ئۇ ئېلىمىز تارىخىدا ئاق يەكتەكلىك ئەرەبلەر دەپ ئاتالدى . 909- يىلى ، ھازىرقى تۇنىستا بىر يېڭى خاندانلىق قۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانىمۇ خەلىپە دەپ ئاتالدى ، ئۇ 969- يىلى مىسىرنى بېسىۋېلىپ ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پايتەخىتنى قاھىرەگە كۆچۈردى ، ئارقىدىن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقى ۋە قىزىل دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ ، شىمالى ئافىرىقا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى ، ئۇ ئېلىمىز تارىخىدا يېشىل يەكتەكلىك ئەرەبلەر دەپ ئاتالدى . باغداد غەلپىلىكىمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەردى ، ئۇ ئېلىمىز تارىخدا قارا يەكتەكلىك ئەرەبلەر دەپ ئاتالدى . بۇ ئۈچ خەلىپىلىكتىن باشقا ، يەنە فېئوداللىق ھاكىمىيەتلەرمۇ بار ئىدى ، شۇڭا ، 10- ئەسىرگە كەلگەندە ، ئەرەب ئىمپىرىيسى پارچىلىنىپ كەتتى .
مەنبە : دۇنيا تارىخ ئوقۇتۇش قوللانمىسى
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]