خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

كۆپ ۋاستىلىق ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-03 13:46

 
كۆپ ۋاستىلىق ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى
 
مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ نۆۋەتتكى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش ۋە كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ  روھى  ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش تەلىپىنىڭ روھىغا ئاساسەن مەكتىۋىمىزنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىدە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تۈزۈم تۈزۈپ چىقىلدى؛
1.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇش ۋە رەھبەرلىكنى كۈچەيتپ، مەكتەپ مۇدىرى باشچىلىقىدىكى مەكتەپ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ،  مەسئۇل خادىملارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيەت ۋەزىپىسى ئىنق ئايرىلدۇ. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقا مەسئۇل خادىملار يۇقىرىدىن تارقاتقان دەرىسلىكلەرنى پىلان بويىچە ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، كۆچۈرۈپ،ۋاقتىدا رەتلەپ تارقىتىپ ئارخىپلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بىرىىپ تۇرىدۇ. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقا دائىر ھۆججەت ۋە ئۇقتۇرۇشلىرىنى ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا يەتكۈزىدۇ. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئاھمىيەت بىرىش مەزمۇنى ساغلام ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە  كىرەكلىك بولغان ئۇچۇرلارنى بىخەتەر ئىشلىتىشكە ، تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.
2 .يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقامەسئۇل خادىملار يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ، ئامانلىقىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىنى باشقىلارغا ئارىيەت بىرىشكە بولمايدۇ.
3.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقا مەسئۇل خادىملارمۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىگە كىرىپ ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناش، كىنىو كۆرۈش ، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان قانۇنسىز سىرىق مەزمۇندىكى پىلاستىنكىلارنى كۆرۈشكە ،كۆچۈرۈپ كۆپەيتىشكە ،ساقلاشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.
4. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا بىخەتەرلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، ھەر خىل ئوغۇرلۇق ئەھۋاللىرىنىڭ، توك ، ئوت ئاپىتىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئىلىش، بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا بىخەتەرلىكتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈسكۈنىلىرى قويۇلغان بولۇش ۋە ئىشلىتىشنى بىلىش.
5.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىگە مۇناسىۋەتسىز كىشلەرنىڭ كىرىشىگە، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق لازىم.
6..ئۈسكۈنىلەرگە بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلەتمەسلىك، ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىرتقا ئېقىپ كىتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئىلىش كېرەك. ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش مىخانىزىمىنى كۈچەيتىپ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئوموميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلش لازىم.
7.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خادىملىرى قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنى رەتلەش، توپلاش، كۆچۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى، ئوقۇتۇش ئۇچۇر، مەنبە بايلىقلىرىنى توپلاشقا، ياخشى ساقلاشقا ئەھمىيەت بىرىشى، مەكتەپنى ئوقۇتۇش ئۇچۇر بايلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.
8.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقا  مەسئۇل خادىملار يۇقىرىدىن تارقاتقان دەرىسلىكلەرنى ئوقۇتقۇچى- ئوقوغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ،ئۈگىنىشىگە تاپشۇرۇپ دەرىسلىكىنىڭ ئەمەلىيىلىشىشىگە مەسئۇل بولىدۇ، ھەر ھەپىتىدە بىر –ئىككى سائەت ئوقۇتقۇچىلارنى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەيدۇ.
  9.كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىدە ئوقۇتۇش ئىلىپ بارغاندا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن يېقىنلىشىشىنى توسۇش ، خەتەرلىك ھادىسلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنى قەتئىي چەكلەش. ھەر سائەتلىك دەرىس ۋاقتىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىگە مەسئۇل خادىم دەرىس ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىكتىر ئۈسكۈنىرىگە يېقىنلاشماسلىق ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش توغىرسىدا تەربىيە بىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش .
10.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقا مەسئۇل خادىملار  ھەپتىدە 20- 30 سائەت ئۇچۇر قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇرش كىرەك.ئەگەر يۇقىرىدىن تەكشۈرۈپ كىلىپ، كەم قوبۇل قىلغانلىقى بايقالسا كەم قوبۇل قىلغان ھەر سائىتى دەرىس تاشلىغان قاتاردا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
11.چۈشكەن دەرىسلىك ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ ،كۆچۈرۈپ ئارخىپلاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئارخىپ   خىزمىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە ،ئارخىپ خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمدىن 20يۈەندىن 100 يۈەنگىچە جەرىمانە ئىلىنىدۇ.
12.دەرىسلىكىنى ئۆز ۋاقىتىدا مەلۇم قىلش ،جەدىۋەلگە ئىشلەپ ئاشكارىلاپ ،ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتىدا خەۋەردار قىلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىن تەكشۈرۈپ مەسىلە بايقالسا مەسئۇلچى خادىم  ئوقۇتقۇچىلار چوڭ يىغىنىدا ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ.
13.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بىرىپ ياكى سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ يوقاپ كەتسە، ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن 50يۈەندىن 100 يۈەنگىچە جەرىمانە ئىلىنىدۇ.
14. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىگە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر كىرىپ ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناش ياكى قانۇنسىز سىرىق مەزمۇندىكى پىلاستىنكىلارنى كۆرۈش ، كۆپەيتىش ،ساقلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ئەھۋالىنىڭ ئىغىر – يەڭگىللىكىگە قاراپ 50يۈەندىن 200 يۈەنگىچە مەسئۇليەتسىزلىك پۇلى ئىلىنىدۇ.
15. دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئىلىكتىرلىك ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرىنى تەكشۈرۈپ سىناق ئىلىپ، باشقۇرغۇچى خادىمغا ساق ئۆتكۈزۈپ بىرىش، ئۆتكۈزۈپ ئىلىۋىلىش، ئۆتكۈزۈپ بىرىش خاتىرسىنى ياخشى قالدۇرۇش، ئوقۇتۇش ئۆيىدىكى جوزا، ئورۇندۇق ۋە باشقا مال- مۈلۈكلەرنى ئاسراش ھەمدە تازلىقنى ساقلاش.
16. دەرس ئوقۇتقۇچى ئۆتمەكچى بولغان دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئىلىكتىرلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىشىنى بىلىش، ئەگەردە بىلمەيدىغان بولسا مەسئۇل خادىمدىن سوراش، بولۇپمۇ ئىشلتىش ۋە ئاسراش ئۇسۇلىنى بلىۋىلىپ ئاندىن دەرسكە كىرىش، ئوقۇتۇش ئۆيىگە ئوقۇتقۇچى بۇرۇن كىرىش، دەرستىن چۈشكەندە ئىشكىنى ئۆزى ئىتىش، بەخەتەرلىككە قاتتىق دىققەت قىلىش، توكتىن بىخەتەر پايدىلىنىش لازىم . ئەگەر ھادىسە كۆرۈلسە دەرەس ئوقۇتقۇچىسى ۋە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيگە مەسئۇل خادىم  بىرلىكتە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەھۋالنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ 500يۈەندىن 1000يۈەنگە قەدەر مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئىلىنىدۇ.
17. ئوقۇتقۇچى ئىلىكتىرلىك ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتكەندە ئۆزى ئۈستىدە تۇرماسلىق، تىخنىكىلىق خاتالىق ئۆتكۈزۈش، بىخەستىلىك قىلش، شەخسى ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن ئۆزى بۇزۇپ قويسا ياكى ئوقۇغۇچىغا چۈشەندۈرمەسلىك تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچى بۇزۇپ قويسا، ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىپ سايماننى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.بىخەتەرلىك ھادىسىسى كۆرۈلسە ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
18.ئاسان ئوت ئالىدىغان ، چىرىتقۇچ، زەھەرلىك ، كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى، كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانى ھاسىل قىلدىغان، رادىئاكتىپ بويۇملارنى كومپىيۇتېر ئۆيىگە قەتئى ئىلىپ كىرمەسلىكى لازىم.
19.كومپىيۇتېر ئۆيى مەسئۇلىنىڭ رۇخسىتىسىز كومپىيۇتېرغا ھەرقانداق يۇمشاق دىتالىنى قاچىلماسلىق، ھەرقانداق سىرىتقى ساقلىغۇچ ۋە سىرىتقى ئۈسكۈنىلەرنى خالىغانچە چاتماسلىق، كومپىيۇتېر ئۆيىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ، ھەر قانداق يۇشۇرۇن خەۋىپنى قالدۇرماسلىق لازىم.
20.تۈرلۈك ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرىنىڭ چاقماقىتىن، چاڭ-توزاندىن، ھۆللىكتىن ئوغىردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قەرەرلىك ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.
21. مەسئۇل خادىم قەرەرلىك ھالدا ۋىروس تەكشۈرۈپ تۇرۇش كۆمپيوتۇرنىڭ ۋىروسلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش يۇقۇش مەنبەسى يۇقۇش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغرىسىدىكى تەشۋىق تەربىيسىنى كۈچەيتىش لازىم .
22 . ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن مەسئۇل خادىم ، بارلىق ئۈسكۈنىلەرنى تولۇق ئۆچۈرشى باش توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋىتىش ئىشىك دەرىزىلەرنى ئىتىپ ، ئوتتىن ئوغرىدىن مۇداپىيەلىنىش تەرتىپىنى ياخشى ئىشلەش لازىم .
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار