خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مەكتەپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 6352412012-03-12 14:08

مەكتەپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرى


 

مەكتەپ مۇدىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىلەن  ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مۇھىم شەخىس. ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ قانداق بولۇشى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ياىشى – يامانلىقىنى بىۋاستە بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل. مەكتەپ مۇدىرى كەسكىن، دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە، كەڭ قورساق، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولۇشى كېرەك. ھازىر مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز بولىۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسلاھات قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىشىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۈزلۈكسىز ئىدىيە يېڭىلاش مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى بولۇپ قالدى. شۇڭا، تۆۋەندە مەكتەپ مۇدىرلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مۇھىم ھالقا ھەققىدە توختىلىمەن:


 

1) مەكتەپ مۇدىرى يۈكسەك دەرىجىدىكى تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.


 

2) يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك. مائارىپ ئۇزاق مەزگىلىدىن كېيىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان كەسپ. ئوقۇتۇشتا مەۋسۇملۇق، يىللىق پىلان تۈزۈش بىلەنلا مەكتەپنىڭ ئومۇمى خىزمەتلىرىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئارزۇسىنى، جەمئىيەتنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ تەقەززاسىنى چىقىرش قىلغان ئۈنۈمنى كۆرگىلى بولمايدۇ.


 

3) مەكتەپ مۇدىرىدا مەكتەپنى دىموكراتىك باشقۇرۇش ئېڭى بولۇشى كېرەك. مەكتەپ زىيالىيلار توپلاشقان ئورۇن. ئوقۇتقۇچىلار ئىلغارلىققا ئىنتىلىپ تۇرىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلەشتە ئۇلارنىڭ ياخشى تەكلىپ – پىكىرلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ نازارەت قىلىشقا، مەكتەپ ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭىشىشكە تەكلىپ قىلسا، كوللىكتىپنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى ئىشقا سىلىپ، مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق باشقۇرۇپ كېتەلەيدۇ.


 

4) نۇتۇق سەنئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار ئارىسىدا سۆزلەيدىغان بولغاچقا نۇتۇقى راۋان بولۇشى كېرەك.


 

5) ئوقۇتقۇچىلارغا كۆيۈنۈشنى بىلىشى كېرەك. كۆيۈنۈشكە مۇھتاج بولۇش، ئىتىراپ قىلىنىشنى تەلەپ قىلىش ئىنساندىكى تۇغما پىسخىك خاھىش. يەنە كىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىجەز خۇلقى، تەربىيىلىنىشى، ئىنتىلىشى، تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى كۆيۈنۈش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا ئىھتىياجلىق، مەكتەپ مۇدىرى قول ئاستىدىكىلەرنى ئىشقا سىلىشنىلا بىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن كارى بولمىسا، خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىيالمايدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03