خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مۇئەللىم بولماق تەس !

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : نۇرمۇھەممەت2011-05-16 16:36

[مۇئەللىم بولماق تەس !

(مەرھۇم رۇزى سايىتنىڭ « دېھقان بولماق تەس » ناملىق شېئىرىغا تەقلىد )

نۇرمۇھەممەت مۇھەممەتئىمىن


ئادەم كۆپ جايلاردا سۆزلىشىپ بەس-بەس ،
مۇئەللىمنىڭ كۈنىگە قىلمىغىن ھەۋەس .
مۇئەللىم بۇلاركەن باسسا كىمنى نەس ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

سودىدا تالاششاق گېرىكەن دەيدۇ ،
يا كاسسىر مائاشنى جىق-جىق بەرمەيدۇ .
پۇلى ئاز ئادەملەر سۇغۇق تەرلەيدۇ ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

ئىشتىھار بار لېكىن يىيەلمەس پۈتۈن ،
تويمىغان يېرىگە تويغىزار تۈتۈن .
شۇ سەۋەپ چىرايى ئەمەستۇر سۈتۈن ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

ئېسىلراق  كىيىمگە مائاش يەتمەيدۇ ،
توك پۇلى سۇ پۇلى نېرى كەتمەيدۇ .
توي-تۈكۈن مەرىكە بىزنى ئەپلەيدۇ ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .


ئىئانە ئەڭ ئاۋال يوقلايدۇ بىزنى ،
بەرمىسەك باشلىقلا دوقلايدۇ بىزنى .
جېق بەرسەك ئاياللا سوتلايدۇ بىزنى ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

خىزمەتنىڭ دەستىدىن نەچچىمىز بويتاق ،
كىر يوتقان كىر كۆرپە ئىشتانلا شالتاق .
بويتاققا ھەمرا كەن رەتلەنمەس ياتاق ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

پۇلى ئاز نامرات دەپ قىزلا تەگمەيدۇ ،
پۇل تېپىش پۇرسىتى بىزگە كەلمەيدۇ .
مۇئەللىمنىڭ دەردىنى قىزلا بىلمەيدۇ ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

كەپتۇرار ھەپتىدە باھالاش ئۈمەك ،
ئۇلارغا ھەقىقى سان ساناق كېرەك .
ئىشلەيسەن نەچچە رەت ئارخىپنى دىمەك ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

باشلىقلار تۇرىدۇ خۇددى داھىدەك ،
ئىشلەيمىز بىز خۇددى باخشۇ يايىدەك .
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس شايىدەك ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

10-سىنتەبر بايرام كۈنىمىز ،
دەرت چەككەن بولساقمۇ مەجبۇر كۈلىمىز .
شەرەپكەن مەيدىگە قىسقان گۈلىمىز ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

مۇشەققەت دەستىدىن ئاقارسىمۇ چاچ ،
ئۈمۈدۋار بوپ كەلدۇق پارتىيە بولغاچ .
مىڭ شۈكرى قالمىدۇق لېكىن يالىڭاچ ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

يەتمىگەچ بىراۋغا بىزدىن قىلچە نەپ ،
ھاجەتمەن بوپ بارساق قۇيار ئەدەپلەپ .
مەسخىرە قىلىدۇ ئەپەندىكەن دەپ ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

بىر سائەت سورىساڭ مائاشىڭ كەمدۇر ،
تاقابىل تۇرمىقىڭ ئۈلۈمگە تەڭدۇر .
سىردىشىڭ بور كىتاپ دوسكا ھەم رەڭدۇر ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

مەكتەپتە مۇھىمى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،
سەبىيلەر قەلبىنى پەندە يۇرۇتۇش .
ھالبۇكى ئۇنتۇلدى بۇ مۇقەددەس بۇرچ .
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

تەكشۈرەر پات-پاتلا تەييارلىق قېنى ،
تەييارلاپ تۇرمىساڭ چىقىدۇ جېنى .
كىچىك پىت ھەممىدىن قىينايدۇ سىنى ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

ھەركۈنى بار ساڭا ئالىي يول-يۇرۇق ،
چۇلاڭ يوق مۈگدەيدۇ غېرىپ تاپشۇرۇق .
ئاخشىمى ئۆيۈڭنىڭ چىرىغى يۇرۇق ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

سانى يوق تازىلىق سانى يوق ئەمگەك ،
بۇ دىمەك چارچاشتىن ھالىدىن كەتمەك .
كۈنىمىز ساختىلىق يوقنى بار ئەتمەك ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

توشقۇزماي قۇيۇپ باق بىر كاتەكنى ئاق ،
كىملەدۇر دوق قىلىپ تويغۇزىدۇ جاق .
بۇرمىلاپ قەستەنلا چىقىرار چاتاق ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

دەرتلەر كۆپ ئاڭلاشقا ئادەم يوق بىراق ،
بىز شۇنداق تىنىمسىز كۆيگەن شام-چىراق .
يۈرەكنى ئۆرتەيدۇ ھەسرەتلىك پىراق ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .

يازغىنىم ئىشەنسەڭ ھېچ يالغان ئەمەس ،
بىر ئۆمۈر يازساممۇ دەردىم تۈگىمەس .
توختىتاي سۈزۈمنى ئەمدى بولدى بەس ،
تەس دىسە جاھاندا مۇئەللىم بولماق تەس !

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئۇچۇر -تېخنىكىچى تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-30 20:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-09-08 16:09