خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : angar2010-10-01 01:11

مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى (ئەنگەر)
مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى
نامى باردۇر بەك ئۇلۇغ سەبىلەرنىڭ «قۇياشى»،
قۇياش بولماق ئاسانمۇ باردۇر ئاڭا جاپاسى.
شامدەك ئېرىپ تۇگەيدۇ مۇئەللىمنىڭ ھاياتى،
شۇ ھاياتقا بېرىلگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.
مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى
ئورىناركەن بەزىلەر تاۋار دۇردۇن- كىمخاپقا،
ئوبىرنىغا بارسىمۇ چۇشەر ئىكەن پىكاپقا.
غەمگە چۆكەر مۇئەللىم:-نىمە يەرمەن قوساققا،
ئاچقان يەرگە تەگمىگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.
مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى
ھەممە چاپار بەس-بەستە قىزىپ كەتتى رېستۇران،
قاتار چايدا بەسلىشەر بارچە خانىم،قىز-چوكان.
-تىكلەنسۇن ،دەپ ئىناۋەت چوڭلاپ كەتتى داستىخان،
داستىخانغا يەتمىگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.
مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى
بىر بويرۇقتا ئاتلىنار پارنىك،ئۆستەڭ ھاشارغا،
دەم ئېلىشقا يوق ئىمكان،ئۇھھ!دەپ بىردەم ياتارغا.
تۇرار ئەنە ئۆچرەتتە ئىشلەتمەكچۇن بىكارغا،
بىكارغىلا تۈگۈگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.
مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى
سۇنار ياردەم قۇلىنى كۆيسىمۇ گەر مەيخانە،
بېرەر ھەتتا بارىنى ئۆرىلسىمۇ چايخانە.
شەكلى ھەرخىل سېلىقنىڭ ئۈزۈلمەيدۇ ئىئانە،
ئىئانىگە يەتمىگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.
مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى
دېھقان دەيدۇ:-مالىمنىڭ خام چىقمايدۇ تاۋۇزى،
بوران ئالماس مۇئاشىنى،چىقىپ تۇرار قىش-يېزى.
باشلىق دەيدۇ؛-مائارىپقا كەتتى ھۆكمەت كۆپ پۇلى،
ئەنە شۇنداق گەپ تەككەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.
مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى
تۈزۈم ،چارە -تەدبىرلەر دېرەك بېرەر خەتەردىن،
جەرىيمانە تۆلەيدۇ كام چىقسا گەر مولچەردىن.
قاچالمايدۇ ھەرگىزمۇ نازارەتلىك كۆزلەردىن،
ئەنە شۇنداق كۆز تەككەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.
مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى
يىلدا بىركۇن بايرىمى شۇ جاپاكەش مۇئەللىمنىڭ،
گېزىت -ژۇرنال يۈزىدە ئۇستازى ئۇ ئالىمنىڭ.
لېكىن سانى ئاشمايدۇ ئاران ئالغان ماشىنىڭ،
يىللاپ- يىللاپ ئۆسمىگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.
مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
angar تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-04-09 12:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-12 01:03