1959 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماقۇللىغان: ‹‹بالىلار ھوقۇقى خىتابنامىسى›› ۋە 1989 – يىلى ماقۇللىغان ‹‹بالىلار ھوقۇقى كېلىشىمى››دە ئويۇننىڭ بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ئىكەنلىكى، بۇ ھوقۇقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن جەمئىيەت چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەر خىل شارائىتلار بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئويۇن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بالىلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ ئېسىل سوۋغىسىدۇر. بالىلار گۈزەل تەبىئەتتە ئويناپ چوڭ بولغاندىلا ئاندىن بالىلىق دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ. ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا ئويناش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندىلا، ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە ساغلام، روھىي جەھەتتىن جانلىق بولۇپ يېتىلىدۇ. ھازىر چوڭ شەھەرلەردە بالىلارنىڭ ئويۇن بوشلۇقى تېخىمۇ تارلاپ كەتتى. ئېنىقكى دالا پائالىيەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىشى بالىلارنىڭ سەمىرىپ كېتىشى، بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يەنە كېلىپ ھەر خىل ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ ئورنىنى ئالدى، بەزى ساغلام بولمىغان تور ئويۇنلىرى ۋە ھەرخىل فىلىملەر ئۇلارنىڭ غۇبارسىز روھىيىتىگە ناچار تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.
شۇڭا ئالدى بىلەن بالىلار ياقتۇرىدىغان، تەبىئىي قىزىقتۇرۇش كۈچى بار ئويۇنلارنى تەشەببۇس قىلىشىمىز، چىملىقلارنى، گۈلزارلىقلارنى ياساپ ئۇلارنىڭ تەبىئەت بىلەن باغلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم. ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار بالىلارنى گۈزەل سەھرالارغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ، ئۇلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى چۈشىنىشىگە، سەھرالاردا يۈرۈپ كۆتۈرەڭگۈ روھىي – ھالەتكە ئىگە بولۇشىغا ياردەم قىلىشى زۆرۈر. بالىلار بۇ ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان خۇشاللىقىنى ھېس قىلىپلا قالماي، بەلكى يېڭى – يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە مول تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىنتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى قىزىقتۇرىدىغان ھەرخىل ئەسلىھەلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەرخىل قىزىقارلىق ئويۇنلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يېتەكلەش لازىم.
يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئويۇننىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بىللە بالىلارنى دالا پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ياكى مۇزېي، كۇتۇپخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش، جەمئىيەت تەكشۈرۈش ۋە ھەرخىل ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى جەمئىيەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئويۇن خۇددى قۇياش نۇرى، ھاۋا، سۇغا ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك مۇھىم. بالىلارنىڭ ئويۇنغا ئامراقلىقى ئۇلارنىڭ غالىبلارغا خاس جانلىقلىققا ئىنتىلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇڭا بالىلارنىڭ غۇبارسىز، ئىنتىلىشچان قەلبىنى ئىللىق مېھرىمىزگە چۆمدۈرۈپ، ئۇلار ياخشى كۆرگەن ئويۇنلار ئارقىلىق بالىلىقنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز لازىم.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]