جۇڭگۇ مائارىپىدا بەشەرىي روھ كەمچىل
(تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇقەييۇم ئۇبۇلقاسىم)
ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر بەشەرىي روھ،ئېلىم-پەن روھىنى ناھايىتى سىرلىقلاشتۇرۇپ تىلغا ئېلىشىدۇ. بەشەرىي روھ دەپ نېمىگە ئېيتىمىز؟ مېنىڭچە ئاتالمىش " بەشەرىي روھ " بولسا ئادەم ۋە مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ۋە مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بولۇشىنىڭ جوغلانمىسىدۇر. ئەلۋەتتە بۇ پېقىرنىڭ يۈزەكى چەشەنچىسى، شۇنداقلا شەخسىي چۈشەنچەم بولۇپ، ئىلمىي چۈشەنچە بۇلىشى ناتايىن.
جۇڭگۇ مائارىپىدا بەشەرىي روھ تولىمۇكەمچىل بولۇپ كەلدى. 20-ئەسىردىكى 100 يىل مابەينىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلمىي بايقاش،كەشپىيات جەھەتلەردىكى مۇۋاپپىقىيەتلىرى مىسلىسىز بولدى. گەرچە مەن كائىناتنى بوي سۇندۇردى دىيەلمىسەممۇ، بىراق كائىناتنى بوي سۇندۇرىدىغان يېڭى پەللىلەرگە قەدەم قويدى. ماكرو جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاسمانغا قويۇپ بېرىلىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئايغا چىقىشى، مارس يۈزىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار روياپقا چىقتى. بەزى سودىگەرلەر ھەتتا باشقا پىلانتلارغا بېرىپ پۇل تېپىش پىلانىنى سوقتى، ئۇلار قانداق قېلىپ يەر شارى ئادىمىنى باشقا پىلانتلارغا ئېلىپ چىقىشنى پىلانلاشتى. مىكرو جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گىن تەتقىقاتى بولسا غايەت زور بىر بۆسۈش بولدى، مىسالەن ئىنسانىيەت گېنىنى گورۇپپىلاش، كىسەللىك گېنىنى تېپىشقا ئوخشىغان. ئەگەردە گېن مەسىلىسى ھەل بولسا گېننى كودلاشتۇرۇش مەسىلىسىمۇ ھەل بولۇپ، ئىنسانىيەت ھاياتلىقىنى ياخشىلاشكۆپ ئاسانلىشىدۇ. يۈەن لوڭپىڭ شال گېنىنى ھەل قېلىۋىدى، ئاشلىق مەسىلىسىمۇ ھەلبولدى. كلون ئادەممۇ پات ئارىدا روياپقا چىقىشى مۇمكىن. گەرچە "ئۇ"نۇرغۇنلىغان ئېتىكا، قانۇن مەسىلىلىرىنى سۆرەپ چىقسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەيدانغاكېلىشىنى ھېچكىم توساپ بولالمايدۇ. ئېلىم-پەن ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئاساسەن ئۆزگەرتىپ بولدى. شۇنى تەسەۋۋۇر قىلماق بەسى مۈشكۈلكى، ناۋادا بىر كۈنلەركېلىپ توك يوق بولۇپ قالسا، كىشىلەر قانداق ھايات كەچۈرەر؟ نېمىلا دىگەن بىلەنيىمەك-ئىچمەك، يۇرۇش-تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە توكنىڭ كونتىروللۇقىغا تايىنىدىغان تۇرساق!
ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۇدەۋردە، ئىنسانىيەتنىڭ بەشەرىي روھقا تۇتقان پوزىتىسىيىسى قانداق بولدى؟ يەر شارىدا تۈمەن مىڭ يىلدا شەكىللەنگەن ئورمانزارلىقلار كېسىلىپ پاكىز قورۇقدىلاي دېدى. پۈتكۈل دۇنيادىكى ئورمانلىقلار، ئاساسەن دىگۈدەك 20 ئەسىردە كېسىلىپ قۇرۇقدالدى. ئەمدى دەريا ئېقىنلىرىچۇ؟ 50 يىلنىڭ ئالدىدىكى "مىسلىسىز جەڭلەردە" جەڭچىلەردەريادىكى سۇنى ئىككى قولىدا ئۇچۇملاپ ئىچىشىپ، سالقىن ۋە شېرىنلىكنى تېتىشقانىدى.ھەتتاكى 30يىلنىڭ، 20يىلنىڭ ئالدىدىمۇ، دەريا ئېقىنلارنىڭ سۇلىرى ساپ ئىدى.ھازىرغا كەلگەندە زۇمرەتتەك سۇلار، كۆپكۆك ئاسمانلار چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئايلىنىپ قالدى.ھاۋانىڭ قايتىدىن ساپلىشالماسلىقى، ئىسانلارنىڭ ئوزۇنۇسفىراغا، تەبىئەت دۇنياسىغا قىلغان بۇزغۇنچىلىقى، 20- ئەسىردە چېكىگە يەتتى. ئىككى دۇنيا ئورۇشى پارتلىغان مەزگىلىدە، ئىگەللىنىشىچە ئۆلگەن، يارىدارلارنىڭ سانى تارىختىكى ئورۇشلارنىڭ يېغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن. چىبىي ئورۇشى، فېيشۇي ئورۇشىدا ئۆلگەن، يارىدار بولغانلارنىڭ سانىنى بۇ ئىككى دۇنيا ئورۇشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قولىغا سۇ قويۇپ بىرەلمەيدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلار يەنىلا ئىنسانىيەتكە قاراتقانھالاكەتلىكلەرنى توختاتقىنى يوق. ئورۇشنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى يەنىلا ھەممە ياقتايالقۇنجىماقتا. شۇ تاپتا بىزنىڭ شۇلارنى سورىغىمىز كېلىدۇ: ئىنسانلارغا نىمە بولدى؟ ئۇلار بارغانسىرى ئەقىللىقلىشىپ كەتتىمۇ؟ ياكى دۆتلىشىپ كەتتىمۇ؟
ئىنسانىيەت نېمە ئۈچۈن موشۇنداق بولۇپقالىدۇ؟ بىزنىڭ مائارىپىمىز شۇ قاتاردا قانداق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىكېرەك؟ بىر ئادەمنىڭ مەكتەپتە ئالغان تەربىيسى، يەسلىدىن باشلىنىپ تاكى باشلانغۇچ،ئوتتۇرا، ئۈزلۈكسىز تەربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مەكتەپ قاتارلىقلاردا ئۇنىڭغا غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ خىل تەسىر مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچى ياكى مەلۇم بىر مەكتەپ تەرىپىدىن بىرىلگەن بولىشى ناتايىن بولۇپ ،بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارشىمەكتەپلەردە گەۋدىلىنىدۇ. دۇنيا مىيقىياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئويغىنىش دەۋرىدىكى ئاشۇ مەنىۋىيەت روھى زامانىمىزداتەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمىدى. بەلكى، چاك-چىكىدىن بوسۇلدى.چۈنكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي رىقابەت يەنىلا كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئىختىساسلىقلارنى يىتىشتۈرگەندە بارغانسىرى تالانتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساسىي قىممىتىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىدە ساقلانغان قىممەتكە سەل قارىۋاتىدۇ. خالايىقلار بارغانسىرى ئادەمنى قۇرال قاتارىدا كۆرۈشتىكى، ئادەم قاتارىدا كۆرۈشمىدى.
20-ئەسىرنىڭ بېشىدا بىز ئازدۇر _ كۆپتۇر دىمۇكراتىك مائارىپنىڭ،گۇمانىزىمنىڭ ،ھەمدە پېرپېئوتالىزىم، ئامىلىزىم سادالىرىنى ئاڭلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. بۇلار بولسا مائارىپ پەلسەپىسىنىڭ بىر قانچە مۇھىم ئېقىمى بولۇپ، موشۇھەممە ئېقىملاردا ئورتاق بىر خۇسۇسىيەت باركى، ئۇ بولسىمۇ مائارىپنىڭ ئىنسانىيلىققا ئەھمىيەت بىرىشىنى تەكىتلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك مۇئەممالىرىنى،كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى، بوشاشماي ئىزدىنىشلىرىنى كىيىنكىلەرگە يەتكۈزۈپ تۇرۇشتىنئىبارەت. مائارىپ دىگەن نېمە؟ مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مائارىپ دەلئىنسانىيەت مەدەنىيتىنى يەتكۈزۈپ، كېيىنكى بىر دەۋر ئەۋلادلارنى ئالدىنقى بىر دەۋرئەجدادلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەش، تېخىمۇ مەدەنىيەتلىك قېلىپچىقىشتىن ئىبارەت. بىراق، سوۋىت ئېتتىپاقىسۈنئىي ھەمراھنى ئالەمگە قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئامرىكا ۋەكىللىكىدىكى غەرپدۆلەتلىرى ئىلىم-پەن مائارىپىنى، پەنىزم نوقتىنەزەرلىرىنى، كونستروكتىۋىزملىقنەزىرىيەلەرنى، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك نەزىرىيەلەرنى مائارىپنىڭ يېتەكچى ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇشقائەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. بەشەرىي روھ ۋە ئېلىم پەن بولسا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىككى قانىتى بولۇپ، بېرى كەم بولسا قەتئىي بولمايدۇ. مادامىكى بىرى تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتسا، جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەتمۇ شۇئان تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، 20-ئەسىر مائارىپ تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان ئەسىردۇر.
دەرسخانىدا، قانچىلىك ئوقۇتقۇچىلارھەقىقىي ئىخلاسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەشەرىي روھىنى تەربىيىلىگەندۇ؟ بىزئۆزىمىزنى دەڭسەپ تۇرۇپ ئويلىنىپ باقساق، ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر كىلاسسىك ئەسەرنىئوقۇتالىدۇقمۇ؟ شۇ كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىنى نەمدىيەلىدۈقمۇ؟ ھەي،بەك ئاز جۇمۇ! 20-ئەسىر كىلاسسىك ئەسەرلەردىن يىراقلاشقان ئەسىر بولدى. "پارىژبۈۋىمەريەم چىركاۋى"نى قانچىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆرۈپ بېقىشقامۇيەسسەر بۇلالىدى؟ ئۇ كىشىلەرنى گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى پەرقلەندۈرۈشكە، ياخشىلىقۋە يامانلىقنى ئىگەللەشكە يىتەكلەيتتى. قانچىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى"ئاندىرىسۇن بالىلار چۆچەكلىرى"نى ئوقۇپ بېقىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى؟ ئۇسىزگە نېمىنىڭ ھېسداشلىق، نېمىنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەتتى.كۇڭفۇزىنىڭ كىتابلىرىنى قانچىلىك ئادەملەر ئوقۇپ باقتى؟ ئىنسانىي مائارىپنىڭ مۇھىمبىر تەرىپى بولسا، ھاياتنى قەدىرلەش بولۇپ، ئۇ ھەر بىر تال گىياھنى ئاسراشنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بىز ياشاۋاتقان مانا مۇشۇنداق بىر دەۋردە، نېمىنى ئولۇغلىشىمىز،نىمىنى ئارزۇلىشىمىز كىرەك؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.قانداق قېلىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى بىزنىڭپەرزەنتلىرىمىزگە يەتكۈزىشىمىز كېرەك، مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشتە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيتى بار.
مەنبە:
خەنزۇچە "فېليەتۇنلار ئايلىق ژۇرنېلى"نىڭ2009-يىللىق 9-سان ،6-بەت.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]