جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 19 – فېۋرال 2014 – يىللىق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق مائارىپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق مائارىپ خىزمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئومۇمىي نىشانى، ئومۇمىي تەلىپىنى زىچ چۆرىدىشى، مائارىپ سېپىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇپ، ئىسلاھات تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە ۋە ‹‹قوش تىل›› تەربىيەسىنى نۇقتىلىق خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا مۇقىم تەرەققىي قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.
ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىش، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇستەھكەم بەرپا قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەكتەپلەر 2014 – يىلى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئاساسىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈش ھەم ئوقۇتۇش – تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش – مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى، ھەممە مەكتەپ ۋە تەربىيە ئالغۇچىلارنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت، مەكتەپ مەدەنىيىتى بىر گەۋدىلەشكەن ئادەم تەربىيەلەش سۇپىسى قۇرۇشى؛ مەكتەپلەردە شەكلى ھەرخىل، مەزمۇنى مول بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى تەۋرەنمەس كۈچكە ئايلىنىشى؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەخلاق تەربىيەسى غوللۇق كادىرلىرىنى تەربىيەلەش بەش يىللىق پىلانى ھەم ئەخلاقىي، ئەقلىي تەربىيەنى تەڭ كۈچەيتىش، بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى؛ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىپ ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خىزمەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىشى كېرەك.
مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشى، بۆلگۈنچىلىككە ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئەكسىل ئىنقىلابىي ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى پاش قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىشى كېرەك.
مەزمۇننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي تېما، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسپىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايون بۇ يىل ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى (2010 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشى، ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، بۇنى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتىن قانات يايدۇرۇشى كېرەك: بىرىنچى، كەسپىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش؛ ئىككىنچى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ ئۈچىنچى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق، كېيىم – كېچەك كەسپىي ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش بازا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ تۆتىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپىي مائارىپنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بەشىنچى، داۋاملىق تەربىيەنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
‹‹قوش تىل›› تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاپتونوم رايون 2011 – يىلى ئېلان قىلغان قوش تىل تەربىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئون يىللىق پىلانىدا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق قوش تىل تەربىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نىشان – ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئاپتونوم رايون بۇ يىل جايلارنىڭ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئاكتىپلىقى، مۇۋاپىق بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹قوش تىل›› تەربىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. بولۇپمۇ ‹‹قوش تىللىق›› يەسلىلەرنى باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار ئىشتاتىنى، تەربىيەلىگۈچىلەرنى ئۆلچەم بويىچە سەپلەش، كاپالەت مېخانىزمى خىراجىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارغا ئىككى يىللىق ‹‹قوش تىل›› تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ.
ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. 2014 – يىلى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 10 مىڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەش پىلانى بىلەن ھەمكارلىق پىلانىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇشى، ئىچكىرىدىكى كەسپىي سىنىپلىرى بولسا كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا سۈپەتنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 90 مىڭغا يېتىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، باشقۇرۇش، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە سىياسىي – ئىدىيە تەربىيەسى ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۇشەققەتلىك بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە تەدبىرلەرنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىنىپ ئاچقان مەكتەپلەرگە ماسلىشىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاستلارمۇ ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوللاش بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، تەربىيەلەش نىشانىغا يېتىشى كېرەك.
ئىلمىي ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلاش كېرەك. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، شۇنداقلا نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىدۇ. مائارىپتىكى باشقۇرۇش، باھالاشنى ئايرىۋېتىشنى تېزلىتىش تەسەۋۋۇرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مائارىپتىكى باھالاش، نازارەت قىلىشقا قاتنىشىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى تەتقىق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ قائىدىسى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ قائىدىسى تۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز يەنە مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئىمتىھان ئالماي، يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىش تۈزۈمى ۋە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆگىنىش سەۋىيەسى ئىمتىھانى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا باھا بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ساپا مائارىپىنىڭ مائارىپ تەپتىشلىكى باھالاش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ھەر دەرىجىلىك ھەرخىل مائارىپ تەرەققىياتى شەكلىنى زور كۈچ بىلەن ئىسلاھ قىلغاندىن سىرت، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مائارىپنىڭ تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش شەكلى ئارقىلىق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قوللاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىس كەسىپ ۋە نۇقتىلىق پەنلەردە چەت ئەل بىلەن ھەمكارلىشىپ مەكتەپ قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، خەنزۇ تىلىنى خەلقئارادا كېڭەيتىش ئوتتۇرا ئاسىيا بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەنزۇ تىلىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]