خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇش – ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-09-17 20:15

 
ئوقۇش – ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە

ئەكبەر ۋەلى

   پەن – تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىلمۇخىل يېڭى پەنلەر مەيدانغا كەلدى، شۇنداقلا ھەر خىل كەسپىي مەكتەپلەرمۇ كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇش – ئوقۇتۇش بىلەن تەلىم – تەربىيەنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ يىراقلاشتى ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلاردا <<مېنىڭ ۋەزىپەم كەسپىي بىلىم بېرىش، ئەخلاق – تەربىيە ئەخلاق – پەزىلەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشى>> دەيدىغان قاراشلارمۇ پەيدا بولدى.

   ئوقۇش – ئوقۇتۇش بىلەن تەلىم – تەربىيە بىر – بىرىگە قارمۇقارىشى ئەمەس. گېرمانىيەلىك مۇتەپپەككۇر خېلىبات ‹‹ئوقۇش – ئوقۇتۇشسىز تەلىم – تەربىيە مەۋجۇت بولالمايدۇ›› دېگەن قاراشنى دەرھال ئېتىراپ قىلىمەن، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە قانداقتۇر <تەلىم – تەربىيەسىز ئوقۇش – ئوقۇتۇش بولىدۇ> دەيدىغان قاراشنىمۇ ئوخشاشلا ئېتىراپ قىلمايمەن>> دەپ كۆرسەتكەندەك ئوقۇش – ئوقۇتۇش بىلەن تەلىم – تەربىيە بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، بەلكى بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   تەلىم – تەربىيەنى مەخسۇس ئېلىپ بارىدىغان ئەخلاقى – پەزىلەت تەربىيەسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتى، پوزىتسىيەسى ۋە خاراكتېرى ئىجابىي ياكى سەلبىي تەربىيە بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنداقلا ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەخلاق، سىياسىي قاتارلىق سۆز،ئىبارىلەر تىلغا ئېلىنسىمۇ، لېكىن ئۆگىنىشنىڭ جاپالىق بولۇشى، تۇرمۇشنىڭ غوربەتچىلىك بولۇشى، ھاياتنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىشى، ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى قاتارلىقلار <<تاياق يېگەن بىر بالا تاياق يېمىگەن ئىككى بالىغا تېتىيدۇ>> دەپ ئېيتىلغاندەك، ئوقۇغۇچىلارنى پەپىلەپ ئۆستۈرگەن بالىلارغا نىسبەتەن غەيرەتلىك، ئىرادىلىك بولۇش، چوڭقۇر ئويلاش، سالماق بولۇشتەك ئادىمىي پەزىلەتلەرگە ئىگە قىلىشتەك روللارنى ئوينايدۇ شۇنداقلا ھەر خىل ئىلمىي ساۋات ۋە كۆزقاراشلارنىڭ جۇغلىنىشىمۇ، ئوقۇغۇچىلاردا بىرخىل پەزىلەت پەيدا قىلىپ، مۇئەييەن دۇنيا قاراشنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمىي دۇنيا قاراش، توغرا كىشىلىك ھايات قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى گۈزەل كىشىلىك ھايات ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بىلىش لازىمكى، ئوقۇش – ئوقۇتۇشنىڭ مەقسىتى يەنىلا ئەخلاقلىق، غايىلىك، بىلىملىك ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەخلاق – پەزىلەتنى تىلغا ئالغاندىلا ئاندىن تەلىم – تەربىيە بەرگىلى بولىدۇ، دەيدىغان قاراش خاتا قاراشتۇر. چۈنكى، ئادەم ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ بىر قىسمى، جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقتىن، ئادەمنى ئېسىل ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن پەقەت پىسخىك جەھەتتە ئۆزىنى مويسىپىت تۇتۇش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. يەنە ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىش، ئاممىۋى مۇناسىۋەت قىلالايدىغان بولۇش، تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

   سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسترونومىيە ئالىمى ئاكادېمىك ئانبالچومىيان: <<ئادەم چوشقىدىن پەرقلىنىدۇ، چۈنكى ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ يۇلتۇز كۆزىتەلەيدۇ، ھالبۇكى بىزنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇشىمىز ئوقۇغۇچىلارنى ھەر دائىم بېشىنى كۆتۈرمەي يادلاشقا مەجبۇر قىلماقتا، ئوقۇغۇچىلار يۇلتۇز تۈركۈمى بىلىملىرىنى ئۆگەنسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش قىزغىنلىقى قوزغالمايدۇ. مۇنداق ئەھۋال چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ>> دەپ ئېيتقاندەك، ھازىر بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىمۇ <<بىلىمى بار، ئەخلاقى يوق >>، <<ئەخلاقى بار، بىلىمى يوق>> ھېسسىياتسىز كىتاببازلار كۆپەيمەكتە.

   مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش نوقۇل ھالدا كىتابى بىلىمغا قاراپ قالماستىن، بەلكى ئوبيېكتىپ دۇنيانى كۆزىتىپ بىلىپ توغرا ئىلمىي قاراش شەكىللەندۈرۈپ ، ئىلىم – پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇنداق مەقسەتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

   ئوقۇش – ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشتىن ئايرىلالمايدۇ.

   مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەزىپە سۈرۈشتۈرمەستىن، دەرسلىككە يېزىلغان ياكى يېزىلمىغان، لېكىن سۆزلىمىسە بولمايدىغان مەزمۇن ۋە تۇرمۇش بىلىملىرىنى ئۇدۇللۇق ئۆگىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى بىلىملىك، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيەلەشكە تىرىشىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار