خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلدى؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-06-08 18:22

 
بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلدى؟

بۇ يىللىق ئادەتتىكى يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلاندى، توققۇز مىليون 120 مىڭ ئوقۇغۇچى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىمتىھان مەيدانلىرىدا ئىمتىھان بېرىشكە باشلىدى. بۇ يىل جۇڭگو تۇنجى قېتىم سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ باشقا يەرلەردە ئىمتىھان بېرىشىگە قولايلىق ياراتتى، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نەچچە مىڭ پەرزەنتى ئۆز نوپۇسىدىن باشقا يەرلەردە كىشىلىك ھاياتىدىكى 1-چوڭ ئىمتىھاننى بېرىشكە باشلىدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى توققۇز مىليون 120 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 30 مىڭى ئازايغان. 2008-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سان بولغان ئون مىليون 400 مىڭغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇدا بەش يىل ئازايغان.

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئازايغان ئەھۋالدا، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بۇلتۇر بۇ ساننى سەل ئاشۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى كۆپەيتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، گۇاڭدۇڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆپىيىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىزىملىتىش قىزغىنلىقى يەنە بىر نەچچە يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، شەندۇڭدا 2009-يىلىدىن تارتىپ ئۇدا تۆت يىل ئازايغاندىن كېيىن، يەنە ئۆرلەشكە باشلىدى؛ سىچۈەندە ئەينى يىللىرىدىكى يۇقىرى تۇغۇت نىسبىتى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق كۆپەيدى.

بۇلارنىڭ ئەكسىچە، خېنەن، خۇبېي قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۇدا بەش يىل ئازايدى. ئىمتىھان بېرىش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازىيىشى ھەم چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ يۈزلىنىش كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئۆزگەرمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىر مىليون 300 مىڭغا يېقىن ئازايدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى تىزىملىتىش ياكى ئىمتىھان بېرىشتىن ۋاز كېچىش، ئارزۇ توشقۇزۇشتىن ۋاز كېچىش، مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن ۋاز كېچىش يۈزلىنىشى كۈنسايىن ئومۇملىشىشقا باشلىدى. تەھلىلدە، ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ ئازىيىشىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى-تۇغۇلغانلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىشى، يەنە بىر سەۋەب-تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا چەتئەللەرگە ئوقۇشقا بارىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى دەپ قارالدى.

بۇ يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىندى. باشقا يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە ئېلىپ كەلگەن نەچچە مىڭ پەرزەنتى ئۆز نوپۇسىدىن باشقا جايلاردىكى ئىمتىھانغا قاتناشتى. بۇ-جۇڭگونىڭ مائارىپ ئادىللىقىدا يەنە بىر مۇھىم قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن يىل بېشىدا ئېچىلغان بۇ يىللىق مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا، 2012-يىلى چىقىرىلغان شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ جايلاردا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش پىكرىدە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىچىدىكى شىزاڭدىن باشقا جايلار گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى بويىچە كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىقاردى دەپ ئاشكارىلىدى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل جۇڭگودا 20 گە يېقىن ئۆلكە باشقا يەرلەردە ئىمتىھان بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، بۇنىڭغا تىزىملاتقانلار نەچچە مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، چۇڭچىڭ، خۇنەن، جېجياڭ قاتارلىق ئاز ساندىكى جايلاردا مىڭ ئەتراپىغا يەتكەن، جياڭسۇ، ئەنخۇي، خۇبېي قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلەردە ئىككى، ئۈچ يۈز بولغان. خەۋەرگە قارىغاندا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى نومۇر ئۆلكىلىرىنىڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنى بۇ يىل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن باشقا يەرلەردە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇبېي، جياڭسۇ قاتارلىق ئىمتىھان بېرىش توساقلىرى كۆپ بولمىغان جايلاردا ئىمتىھانغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى بولمىغانلىقى، باشقا يەرلەردە ئىمتىھان بېرىشنىڭ تۇنجى يىلى ئومۇميۈزلۈك سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ئايان بولغان.

مائارىپچى شيوڭ بىڭچى بۇ قاراشنى تەھلىل قىلىپ، بۇ رايونلار باشقا يەرلەردە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشتىكى زىددىيەت گەۋدىلىك جايلار ئەمەس، ھەر بىر ئائىلە ۋە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ، ئەڭ ياخشى جاينى تاللايدۇ، كۆچمە نوپۇسى، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغان بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى ئەھۋال تامامەن ئوخشىمايدۇ دېدى. بەزى ئالىملار يەنە باشقا يەرلەردە ئىمتىھان بېرىش سىياسىتى-ھۆكۈمەتنىڭ پىكرى سۈپىتىدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا تەشۋىش پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسەتتىكى ئالاقىدار ئامىللار ياكى تەرتىپلەر ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسا، باشقا جايلاردىكى ئائىلىلەردە ئېنىق نىشان بولماي گاڭگىراپ قالىدۇ دەپ قارىدى.

نۆۋەتتە، ئىمتىھانغا ياردەملىشىش جىنايى ھەرىكەتلىرى يەنىلا ئەۋج ئالماقتا ھەم يېڭى يۈزلىنىش پەيدا بولماقتا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ھارام پايدىنى كۆزلەپ، يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، شايكا تەشكىللەپ كۆز بويامچىلىق قىلماقتا، ھەتتا مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئايرىم خادىملار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىمتىھان سوئالىنى ئوغرىلاپ ۋە سېتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىنىڭ نوپۇزى، ئادىللىقى، كەسكىنلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىش ئالدىدا، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر ئېلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىنتىزامىنى كۆپ قېتىم قايتا تەكىتلىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ، قىلچە رەھىم قىلماسلىق كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كوللېكتىپ كۆز بويامچىلىق قىلغان، ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىدىغان سىمسىز ئەسۋابلارنى ساتقان، ئىمتىھان ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق ھەر قانداق شايكا ۋە شەخسنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىپ، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى جەزمەن قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىش شۇنداقلا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ساھەسىدىكى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېلولىرى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلىش دېلولىرى، ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىكى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتلىرى بىلەن بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى ھەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىمتىھاندا ساقلانغان قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە سەمىمىي، ئەستايىدىل ئىمتىھان بېرىش، ئىمتىھان ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، تۈرلۈك شايكىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئىمتىھانغا ياردەملىشىش نامىدىكى قىزىقتۇرۇشىنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ كېتىپ، زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەمىگە سالدى. مائارىپ تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمتىھاندا سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، «دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قايسى ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ چىقسا، شۇ ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ يىلدىكى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش سالاھىيىتى ياكى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىرىنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سەمىمىيەت ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە پايدىلانما تەييارلايدۇ. ئالاقىدار يەرلىك ۋە ئورۇنلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلغان مائارىپ سىستېمىسىدىكى خىزمەتچىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، جىنايەتكە چېتىلغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار