خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن ھەر بىر بالىنى بەھرىمەن ق

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2012-11-17 18:55

 

مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن ھەر بىر بالىنى بەھرىمەن قىلايلى

 

ۋۇ بىۋېن

 

    10 يىل ئىلگىرى ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزى پەقەت بىر شوئار بولۇپ ، بارلىق بالىلارنى باراۋەر، سۈپەتلىك بولغان مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش بىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر ئارزۇ ئىدى . ۋاھالەنكى ، ھازىر بۇ ئارزۇلار بەزى شەھەر ۋە يېزا-كەنتلەردە رېئاللىققا ئايلاندى .

    تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، ئېلىمىزنىڭ ئەلا مائارىپ بايلىقى ئىزچىل كەمچىل بولۇپ ، زور كۆپچىلىكى چوڭ شەھەرلەردىكى داڭلىق مەكتەپلەرگە مەرگەزلىشىپ قېلىپ ، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتى ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتى جەھەتتە پەرىق ناھايىتى زور بولۇپ كەلدى .نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار گەرچە مائارىپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق باراۋەر ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك بولغان مائارىپتىن بەھرىمەن بولالمىدى .

    مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى بولماسلىقى ئىزچىل تۈردە ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتقان مەسىلە . 10 يىل ئىلگىرى ، پارتىيەنىڭ 16-قورۇلتىيىدا ، «مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىپ ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، مائارىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ، مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش ، مائارىپ سۈپىتى ۋە باشقۇرۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ، مىليونلىغان كەسپىي ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە زور بىر تۈركۈم سەر خىل يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش » تا قەتئىي چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە « مائارىپنىڭ پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى ، زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچىلىق ۋە ئومۇمىيلىق رولىغا ئىگە بولۇپ ، ئۇنى چوقۇم ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكى » كۆرسىتىلگەن ئىدى .

    بەش يىلدىن كېيىنكى17-قۇرۇلتايدا ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا «مائارىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇل تېشى، مائارىپتىكى ئادىللىق جەمئىيەت ئادىللىقىنىڭ مۇھىم ئاساسى » ، «مائارىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم » دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى .

    2012-يىلى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان دۆلەتنىڭ مائارىپ يىرىك پىلانى پىروگراممىسىدا ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قاتارىغا قويۇلدى . شۇنىڭدىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر مائارىپ مىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ، شەھەر)ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ ، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ھەرقايسى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى ، مەرگەز ئورۇنلىرى بلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلمىسىنى ماسلىشىپ ئىگىرى سۈرۈش ئېنىق بەلگىلەندى .

    2011-يىلى جىياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى .مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەبلىغىگە كاپالەتلىك قىلىپ ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ياتاق بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى ، يېزا-كەنت مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ، مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم قىلىدىغان ، جىياڭشى ئۆلكىسى كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ ، يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدىكى ئاجىز مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ، مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، مائارىپ بايلىقىنى تەكشى تەقسىملەش قاتارلىق تەدبىر-چارىلەر ئارقىلىق ، ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىدىغان بولدى .

    تيەنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ ، «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى ئېلىپ مېڭىپ ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش » تەك مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقتى .ئوچۇق دەرس ئوقۇتۇشى ، تەتقىقات تېمىلىرى ھەمكارلىقى ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ، سۈپەت ئانالىزى ، شۇنداقلا ئەزا مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئاتلاپ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورتاق بەھىرلىنىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى .

    نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى «يەتتىنى چىڭ تۇتۇپ ، يەتتىنى ئىلگىرى سۈرۈش » ئارقىلىق ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن ، خۇنەن ئۆلكىسى لاياقەتلىك مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ، ئەنخۇي ئۆلكىسى مائارىپنىڭ ئادىل ، تەكشى تەرەققىي قىلىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن ، شەنشى ئۆلكىسى ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن........

    مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاللىقاچان ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى . بىراق بىز چۇقۇم شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى يەنىلا جاپالىق ۋە مۇرەككەپ .ئۇ مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيەسىدىكى پەرىقنىڭ كىچىكلىشىگە ئەگىشىپ ، مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى بىر پۈتۈن جەريان ، شەھەر-يېزىلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىش تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، شەھەر-بازارلار پەرقىنىڭ پەيدىن پەي كىچىكلىشىدىكى پۈتۈن بىر جەريان .

    مائارىپتىكى ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىدەك قۇياش نۇرىدىن ھەر بىر بالىنى بەھرىمەن قىلىش ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى .

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار