قانداق قىلغاندا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىدە ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟
1. تەشكىلى رەھبەرلىكنى ھەققى تۇردە كۇچەيتىش كېرەك.
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى مەكتەپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇللىقىدىكى ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقىش، ئەخلاقىي تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مەكتەپ خىزمىتىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇزاق مۇددەت ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر قىسىم يۇقىرى سەۋىيلىك ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئەخلاقى تەربىيە گۇرۇپپىسىنى تەسسىس قىلىپ، ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنىڭ A دەرجىلىك بەش كۆرسەتكۈچىگە مەسئۇل خادىملارنى بېكىتىپ چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان ئەخلاقى تەربىيە گۇرۇپپىسى ۋە قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ چىقىش لازىم.
2. ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىگە بولغان تۇنۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
(1) ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىدە ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خىزمەتكە يىتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى ياخشى تەربىيلەپ ، ئۇلارنىڭ ياخشى بولغان خىزمەت ئىستىلى ۋە رولىنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش بىلەن بىرگە، تەجىربە توپلاپ، تۇنۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەكتەپتىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت مائارىپ كومتېتىنىڭ « ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاقىي تەربىيە نىزامى » نى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.
(2) ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلارنى « ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ » لەرگە تەشكىللىك ئېلىپ بېرىپ، تەجىربە ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلەش، پىنسىيگە، دەم ئېلىشقا چىققان پىشقەدەم تەجىربىلىك مائارىپچىلارنى، پەرزەنتلىرىگە ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت تەربىيسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىققان ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرىنى بىلەن سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، ئۇلارنى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ياخشى بولغان تەجربىلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا، ئوقۇغۇچىلارغا «ئائىلىدە ۋاپادار پەرزەنت، مەكتەپتە ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى، جەمئىيەتتە قانۇن-تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا » بولۇش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ تەربيسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىك تەربىيەلەش، مەسئۇل بولۇش مىخانىزىمىنى ئورنۇتۇش كېرەك.
(3) ياخشى بولغان ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشنى ئالدى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپىدىن، كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىدىن ، ئاتا-ئانىلاردىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئۈن-تۈنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنىڭ «جان تومۇرى» بولغان ئادەتلەندۈرۈش تەربىيسىنى يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.
(4) ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى ئۈنۈملىك قانات يايدۇرۇشتا ئالدى بىلەن، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىدىكى يولداشلار ئىشچىلار ئويۇشمىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن قانداق قىلغاندا مەكتىپىمىزدە ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىدە ئادەتلەندۇرۇش تەربىيسىنى ياخشى ئىشلەپ مەكتىپىمىزنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىدە ھەقىقى ئۇنۇمنى قولغا كەلتۇرەلەيمىز ؟ ــ دېگەن تېمىلاردا سۆھبەت يېغىنى، كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قاتناشقان مەخسۇس تېمىدىكى ئەخلاقىي تەربىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدە ئادەتلەندۇرۇش تەربىيسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ،ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىنى يولغا قويۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش چارە-تەدبىرلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە، شۇ چارە- تەدبىرلەر بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
3. ئەخلاقىي تەربىيە خىزمەتلىرىنى كونكىرت ئىشلاردىن باشلاش كېرەك.
(1) ئالدى بىلەن، مەكتەپلەردە «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمى» نى ئاساس قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاق ساپاسىغا باھا بېرىش، خىزمىتىنى مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇش سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئايدا بىر قېتىم باھالاپ نومۇر قويۇپ، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى مۇكاپاتلاش ، نەتىجىىسى بىر قەدەر تۈۋەن ، ئۈنۈمى كۈرۈلمىگەنلەرگە قارىتا تەنقىدى-تەربىيە بىرىش ئۇسۇللىرنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ خۇلاسە قىلىپ، بايقىغان مەسىلىلەرنى ۋە تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنىدا ئېلان قىلىش، تەربىيەلەش ئارقىلىق، تۈزىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ ساپلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاق ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ئۇقۇتقۇچىلار ئارسدا ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۈيدىغان ، مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ، ئۇقۇغۇچىلارغا كۈيىنىدىغان ، ئاتا- ئانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان ، ئۇقۇغۇچىلار ئارىسغا چۇڭقۇر چۈكۈپ ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا يۈز بىرۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قارىتا ئانالىز قىلش، ئىزدىنىش ئارقلىق، مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تېىپىپ چىقىپ ۋاختىدا تۈزىتىش تەدبىرىنى يولغا قۇيالايدىغان ، ئۇقۇغۇچىلار ئارىسدا ئۆز ھۆرمىتى ، ئىناۋىتىنى ساقلاپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتنى قوزغايدىغان ، جەمىيەتتە ئۆزىنىڭ بىركىشلىك ئىناۋتىنى تىكلەپ ياخشى ئوبراز يارىتىدىغان ، ئۇقۇغۇچلارنىڭ سىرداش دوسىتغا ، كۈيۈمچان ئاتا – ئانىسغا ئايلىنالايدىغان ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك .
يۇقارقى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىگەندىلا، مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن مودئىسكىلىت ۋە ۋېلىسفىت قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىدىن چۈشمەي، مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ-چىقىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا تازىلىتىدىغان، ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇىدىغان ئورۇنلاردا تاماكا چېكىدىغان، گەپ-سۆزىگە دىققەت قىلماي چاقچاقلىشىدىغان؛ ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە ماس كەلمەيدىغان كېيىم-كېچەكلەرنى كېيىدىغان، چاچ پاسونىنى ھەر خىل قىلىپ، ھەر خىل چاچ بوياقلىرى بىلەن بويىۋالىدىغان، قېنىق گىرىم قىلىدىغان، تىرناقلىرىنى بويايدىغان، زىبۇ-زىننەت بويۇملىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تاقىۋالىدىغان، ئەر-ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئارا مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلمايدىغان، بىر-بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىدىغان؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلماي، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، نەتىجىدە ئىختىلاپ پەيدا قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنمەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكمەي، ئۇلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئەخلاقسىزلىق، داۋامسىزلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىق ئامىللىرىنىڭ تۈپ نېگىزىنى تېپىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلمايدىغان، ئىزدەنمەيدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىدىغان، غۇرۇرىغا تېگىدىغان تەربىيە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان، ئۇلار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلىك مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ -چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە ئويلانمايدىغان قاتمال ئەھۋاللارنى تۈزەتكىلى بولۇدۇ.
(2) مول تەجرىبىلىك ئۇقۇتقۇچىلارنى تەشىكىللەپ، ھەر ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ بېىشىدىكى بىر ئاي ئىچىدە ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلىچىمى» نى دەرسخانلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئەملىيتىدە ئۆز ھەركىتنى قېلىپلاشتۇرۇشقا، ساۋاقداشلىرى ئارسىدا ئۆزىنىڭ ھەر بىر ئىش – ھەرىكىتى ، گەپ –سۆزلىرىنى ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمدىكى بەلگىملەر بۇيىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ئېلىپ بىرىشىقا قارىتا ئەخلاقىي تەربىيە بۆلۈمى ، ئىتتىپاق كومتىتى ، ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ، قىز – ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق يانداش تەشكلاتلار ئايدا بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بىرىپ، ئىلغار سىنىپ كوللكىتىۋىنى تەقدىرلەش، نەتىجىسى تۈۋەن بولغانلارغا قارىتا تەنقىدى-تەربىيە بېرىش ئارقلىق ئۇلارنى ئۆز ئىش – ھەرىكەتلىرنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ، تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق قىلمشلىرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك.
(3) چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ، كىچكلەرنى ئىززەتلەش ئادىتنى يىتلدۈرۈشتە ئىشنى ئۇقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىش لازىم . چۈنكى، ئۇقۇتقۇچى بىر مىللەتىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىغۇچىدۇر . شۇڭا، مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇقۇتقۇچىلارغا تەلەپىنى قاتتىق قۇيۇپ ئۇقۇتقۇچىلار ئارىسدا ئۆزىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ۋە ياش ئالاھىدىلىكگە ماس كىينىدىغان ، ئۆزىنىڭ قىياپىتى ئوبرازى ، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئۆزىنىڭ ئەملى ھەركىتى ئارقلىق باشقلارنى قايىل قىلىپ ۋە تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇقۇغۇچىلار ئارسىغا چۇڭقۇر چۈكۈپ ، ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقىتدا بايقاپ ، ئۇلارغا ھەقىقى كۈيىندىغان مىھىرى – مۇھەببىتى ئارقلىق تەسىرلەندۈرۈپ ، ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئائىلە قىيىنچىلىقىغا ھىسسىداشلىق قىلىپ ، قىينچلىقى بارلارغا ياردەم بىرىدىغان، ئۇلارغا سەمىمى مۇئامىلە قىلىدىغان ، ئۆز ئارا ئىناق – ئىتتپاق ئۈتىدىغان ھەقىقى ئۇقۇتقۇچىلار ئوبرازىنى تىكلىشىگە ئەھىمىيەت بىرىپ ، ئۇقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتپ ئۇلارنىڭ ئاڭلىقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم .
ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا بىز نىمە ئۈچۈن چوڭلارنى ھۆرمەتلەيىمىز ؟ - دىگەن مەخسۇس تېمىدا لىكىسىيە سۆزلەشكە ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىشقا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقلىق، ئۇقۇتقۇچى – ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا چوڭلارنىڭ جۈملىدىن، ۋەتەنپەرۋەر ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ، رولى ۋە بىزگە سىڭدۇرگەن ئەجىر – مھىنىتى ، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھىپىسنى سۆزلەش ، تەسىرات يازغۇزۇش ، ئۇسۇللىرى ئارقلىق ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرستىپ ئۇلاردا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى چىن ماھيىتىدىن ئېنىق تۇنۇپ يىتەلەيدىغان ۋە ئۆز ئەملىيىتدە كۆرسىتەلەيدىغان گۈزەل – ئەخلاقى – پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم .
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش تەربىيسىنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈپ ، ئايدا بىر قېىتم باھالاپ نۇمۇر قۇيۇش ئارقلىق، ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش ، رىغبەتلەندۇرۇش ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلەرگە تەنقىدى-تەربىيە بېرىش ئۇسۇللىرنى قوللىنىپ ئۇقۇتقۇچى- ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا ئۇقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، ئاتا – ئانىلارنى ، چوڭلارنى، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، ئۆزىدىن كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ، كۆيىندىغان ، مېيىپ ، ئاجىزلارنى كۆرگەندە ئۇلارغا ياردەم بىرىدىغان ، ئۆزىنىڭ مىھىر – مۇھەببىتى ئارقىلىق باشقلارنى ھەقىقى تەسىرلەندۇرەلەيدىغان گۈزەل – ئەخلاقى پەزىلەتىنى يىتلدۈرۈشكە ئاساس سېلىش لازىم .
(4) ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى ، ئۇقۇغۇچىلار قەسەمنامىسى ، ھەرىكەت ئۆلچىمى ، «ئۇقۇغۇچىلار سۆز – ھەركىتىدىكى يەتتىنى قىلماسلىق» ، «سوتسىيالىسىتىك سەككىز شەرەپ، نۇمۇس قارىشى» ، «مەدەنىيەتلىك ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۆلچىمى»، سىنىپ ئىستلى ، مەكتەپ ئىسىتلى ، ئۈگنىش ئستلى ۋە «ئۈچىنى قوغداپ، ئىككىگە قارىشى تۇرۇش» تەربىيسى ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللىكىتۋىزىملىق تەرىبيسى ھەمدە، مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئۈستۈرۈش تەربىيسى قاتارلىقلارغا مۇناسۋەتلىك تەشۋىقات مەزمۇنلىرىنى مەكتەپىنىڭ سىنىپ ، تەجرىبىخانا ۋە مۇناسۋەتلىك ئۇرۇنلىرىغا يۇپۇشتۇرۇش ، ھەر ھەپتىدىكى ئىتتىپاق ، پىئونىرلار پائالىيەت ۋاقىتى ۋە ھەر ھەپتىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇقۇغۇچىلارغا تەسىر كۈچى زور بولغان لىكىسىيەلەرنى سۆزلەش، ھەر مەۋسۈمدا كەم دىگەندە ئىككى قېتىم ئىنقىلاۋىي كىنولارنى كۆرسىتىش، تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، ئازغان، جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياشلارنىڭ پۇشايمان قىلىپ ئېيىتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىتىشتەك ئىبرەت تەربىيلىرى ئارقلىق، ئۇلارنىڭ ئىدىيسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇقۇغۇچىلارنى تەسىرات سۆزلىتىش ۋە ئىرادسىنى بىلدۇرۇشكە ، تۈرلۈك مەزمۇندىكى تەشۋىقات دوسكىللىرنى ئىشلەشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ، ئەقلى ، جىسمانى جەھەتتىن ئەتراپلىق يىتلىشىگە ئاساس سېلىش لازىم .
(5) مەكتەپنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى بىلەن تەربىيلەنگۈچىلەرنى تەربىيلەش نىشانى ۋە تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئىرادىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەكتەپ بايرىقى، مەكتەپ گېربى ۋە مەكتەپ ناخشىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ بايرىقى ۋە مەكتەپ گېربىنىڭ مەنىسىنى تولۇق بىلىش ھەم، چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلىك ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا بېرىش، قاتنىشىش ۋە قايتىش جەريانىدا تەرتىپلىك بېرىش، تەشكىللىك ئاساستا ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش ھەم، تەرتىپلىك قايتىشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتلەرگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، مەكتەپ ناخشىسى ۋە ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق تەربىيلەشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇش كېرەك.
4. ئۇقۇغۇچىلارغا ئەمگەكىنى قىزغىن سۆيۈش ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ئادىتىنى يېتلىدۈرۈش تەربىيسىنى ئىزچىل ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئۇقۇغۇچىلارغا ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ئادىتىنى يىتلدۈرۈشتە ئىشنى يەنىلا ئۇقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش لازىم . يەنى، مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ئەمگەك قۇراللىرنى تولۇق ئېلىپ كىلىش، ئىش كېيىمى كىيىپ كىلىشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ، ئەمگەك جەريانىدا ئۇقۇتقۇچىلار قول تىقىپ ئىشلەش ، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئۇقۇغۇچىلارنى ھەقىقى تەسىرلەندۈرۈپ تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقلىق ئۇقۇغۇچىلاردا ئەمگەكىنى قىزغىن سۈيدىغان ، جاپادىن ، مەينەتچىلكىتىن قورقىمايدىغان روھنى يېتىلدۈرۈش لازىم .
ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق پائالىيىتدىمۇ يەنىلا ئۇقۇتقۇچىلار ئۈلگە كۆرسىتپ قول تىقىپ ئىشلەپ ، مۇھىت تازىلىقى ، شەخسىي تازلىق جەھەتتە ئۇقۇغۇچىلارغا باشلامچى، يېتەكچى بولۇپ، ئۇقۇغۇچىلاردا تازلىقىنى سۈيدىغان ، مۇھىتنى ئاسىرايدىغان مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەپتە ئىچىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ۋاقتىنى ئېنىق بىكىتىپ، سىنىپ ، مەيدان ، ياتاق تازلىقى ، شەخسىي تازىلىقى (كېيىم – كېچەك تازىلىقى، پۇت – قول، تىرناق تازىلىقلىرىغچە) قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، ھەپتىدە بىر قېىتم خۇلاسە قىلىپ ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىللەرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ تۈزىتىپ، ئۇقۇغۇچلار ئارسىدا مەيلى سىنىپ ، ياتاق ، مەيدان تازىلىقى ۋە شەخسى تازىلىق بۇلسۇن، تازىلىققا داۋاملىق ياخشى ئەھىمىيەت بىرىدىغان ، خالىغانچە نەرسە-كېرەكلەرنى تاشلىمايدىغان، ساپ ھاۋادىن، ياخشى مۇھىتتىن ھوزۇر ئېلىپ، تازىلىقىنى سۆيدىغان ، باشقلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەيدىغان ياخشى كەيىپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ قايسى بىر ئورنىدا بىرەر تال قەغەز ، مىۋە شۆپۈكى دىگەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆرگەندە دەرھال ئېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدىغان، تازىلىقىنى تالشىپ قىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق بىر – بىرگە ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتدىغان ياخشى تازلىق ئادىتىنى يېتلدۈرۈش لازىم . شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا «تازىلىق قىلىش شەرەپ، تازلىقتىن قېچىش نۇمۇس» دەيدىغان ئىدىيە شەكىللىنىپ، بىر بىرىنىڭ ئەمگەك مىۋىىسنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخىشى ئادەتنى يىتلدۈرگىلى بولۇدۇ .
5. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز- ئارا ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆز – ئارا يارىدەم بېرىپ، ئورتاق ئالغا بېسىشتەك گۈزەل – ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتلدۈرۈش كېرەك.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى» پائالىيىىتنى ياخشى پىلانلاپ ئېلىپ بېرىش ۋە خۇلاسىسىنى ياخشى قىلىش لازىم. بۇنىڭدا، ئاساسىي قاتلاملاردىكى پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرنى تەكىلىپ قىلىپ نۇتۇق سۆزلەشكە تەشىكىللەپ، ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش ئارقلىق بۈگۈنكىدەك باياشات بەختىيار تۇرمۇشىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇش شارائىتى، ئوقۇش شارائىتى ۋە غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ پۈتۈن مەملكىتىمىزدىكى 56 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق كۈچ چىقرىپ، بىر نىيەت بىر مەخسەتتە ئۇيۇل تاشتەك ئىتتىپاقلاشقانلقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلكىنى، مىللىى زىددىيەت كۆپ بولغان رايۇن ۋە دۆلەتلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ھالىنىڭ خاراپلىشىۋاتقانلىقىنى ، خۇراپاتلىقنى، بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغانلارنىڭ قانداق ئاقۋەتكە قالدىغانلىقىنى ئۇقۇتقۇچى – ئۇقۇغۇچىلارغا تۇلۇق ھىس قىلىدۇرۇش ئارقلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەيدىغان ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك قوغداپ، مىللى بۆلگۈنچلىككە، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارىشى تۇرىدىغان ئىدىيىنى تىكلەش ئارقىلىق، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيسىنى ئۇقۇتقۇچى ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇش ؛ «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش پائالىيتى » نى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىلەن بىرگە، تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى قىينچىلىققا ئۇچرىغان ھەر مىللەت خەلقىگە كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ ، پۇلى بارلار پۇل چىقىرىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسل قىلىپ، قېيىنچىلىقلارنى ئورتاق ھەل قىلىش، غېىنى جۈمە ، ۋاڭ يەننا ، ئالىم خالىق قاتارلىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئۈلگىلەرنى تەشىۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇقۇغۇچىلاردا ياخشى ئىش، ياخشى پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئېلىپ بارىدىغان ، ساۋاقداشلىرى ئاغرىپ قالسا، سىنىپ مۇدىرىنىڭ يىتەكچلىكدە يوقلاپ كىلىدىغان، ساۋاقداشلىرنىڭ ئاتا – ئانسى ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇلارغا سىنىپ مۇدىرىنىڭ يىتەكچلىكىدە ئىللىقلىق يەتكۈزدىغان ، ئاجىزلار ، تۇل خۇتۇن-يېتىم بالىلارنىڭ ھالدىن خەۋەر ئالدىغان، ئۇقۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن سىنىپ مۇدىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ، پىشقەدەملەرنىڭ دېھىقانچلىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق، ئۇقۇغۇچىلاردا ئۆز ئارا كۆيۈنۈش ، ئۆز – ئارا ئەپۇ قىلىش ئادىتىنى يېتلدۈرۈش لازىم . شۇنداق قىلغاندا كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز- ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئۆز – ئارا ياردەم بىرىپ، ئورتاق ئالغا بېسىشتەك گۈزەل – ئەخلاقى پەزىلەتنى يىلتىز تارتقۇزۇشتا بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولۇدۇ.
6. كوللىكىتپ مەنپەئىتنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
كوللىكىتىپ مەنپەتىنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇش جەھەتتە ئىشىنى يەنىلا ئۇقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئشلەش لازىم .
بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلار ئارىسدا خىزمەتتە بۇشاڭلىق قىلىش ، مەسئۇليەتتىن قېچىش، ئىشنىڭ ئاسىنىغا ئېسلىۋىلىش ، شەخسىي مەنپەئىتىنى بىرىنجى ئۇرۇنغا قۇيۇش خاھىشلىرى كۆرۈلگەندە، پارتىيە ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇلارغا ئىدىيۋى تەربىيە ئىشلەش ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت- مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق تۇنۇتۇش، ئىدىيسىگە تاقاش ، خىزمەت نەتىجىسىگە باھا بېرىش، ئىنۋان بېرىش ، ئىش ئورنى رىقابىتنى يولغا قۇيۇش، كوللىكتىپنىڭ مال-مۈلۈكلىرى جۈملىدىن، ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەپىتىدە بىر قېىتم تەكشۇرۇش ، ئايدا بىر قېتىم خۇلاسلاش، بۇزۇلغانلىرنى رىمۇنىت قىلدۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، «مەكتەپ مېنىڭ ئائىلەم»، «مەكتەپنىڭ مال-مۈلىكى مېنىڭ مال-مۈلىكىم»، «كوللىكتىپنىڭ مەنپەئىتى مېنىڭ مەنپەئەتىم» دەيدىغان ۋە بۇ ئىدىيەنى ئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى، رىقابەت ئېڭى يۇقىرى كۈتۈرلۈپ ، ھەر قانداق چوڭ – كىچىك ئىشلاردا ئۇمۇمنى ئويلايدىغان ، كوللكىتىپ مەنپەئىتىنى بىرىنجى ئۇرۇنغا قۇيىدىغان ، ئۇقۇغۇچىلارغا كۈيۈنىدىغان ياخشى خىزمەت ئىستىلىنى يېتىلدۈرگىلى، كوللىكتىپنىڭ مال-مۈلكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا جان تىكىپ قوغدايدىغان، ئاڭلىق ھالدا ئۆز ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، كوللىكتىپىنى سۆيىدىغان ،كوللىكتىپ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئىدىيەلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولۇدۇ.
7. تۈرلۈك شەكىلىدىكى مول– مەزمۇنلۇق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى كەڭ كۈلەمدە قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ « ئۈچىنى قوغداپ، ئىككىگە قارشى تۇرۇش » قا بولغان ئاڭلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك .
ھەر ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ بېشىدىكى دەرس پىلانىنى تۈزگەندە ھەر قايسى پەنلەرنىڭ پەن ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ « ئۈچىنى قوغداپ، ئىككىگە قارىشى تۇرۇش» تەربىيسىنى دەرس مەزمۇنىغا كىرشتۈرۈپ پىلانلاش، دەرس لايىھەسىدىكى ئوقۇتۇش نىشانىغا سىڭدۈرۈش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ خاراكتىرلىك ۋە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى خاراكتىرلىك ئۈلگىلىك دەرس، ئوچۇق دەرسلىرنى باھالىغاندا مۇشۇ مەزمۇننىڭ يەتكۈزىلىشىنى مۇھىم نوقتا قىلىش، ئۇقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش جەريانىدا « ئۈچىنى قوغداپ، ئىككىگە قارىشى تۇرۇش» نى ئەمەلىي پاكىت، مىسال ئارقىلىق راۋان چۈشەندۈرۈش، مۇجىمەل قاراشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيسىگە سىڭدۈرۈش لازىم. ئۇقۇغۇچىلاردىن سىناق ئالغاندىمۇ، بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئەھىمىيەت بېرىپ، ئۇقۇغۇچىلاردا مۇقۇملىقىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ، مىللىي بۆلگۈنچلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ۋە خوراپاتلىققا قارشى تۇرىدىغان، توغرا بولغان سىياسى مەيدان ، قىممەت قارىشى ، كىشلىك مۇناسۋەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش لازىم . باسقۇچىلۇق ، مەۋسۈملۇق ئىمتىھان سۇئالى چىقارغاندا، ئاتىئىزىم تەربىيسى،« ئۈچىنى قوغداپ، ئىككىگە قارىشى تۇرۇش» تەربىيسىنى ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئىمتىھان سۇئاللىرىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگىنى بىلەن ئەمەلىيتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيۋى سىياسى تەربىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگىلى بولۇدۇ. ھەپتىنىڭ 1-كۈنى داغدۇغىلىق بايراق چىقىرىش ، باشقا كۈنلەردە ئادەتتىكىچە بايراق چىقىرىش-چۈشۈرۈش پائالىيتى، ئىككى ھەپتىدە بىر قېىتم نۇقىتلىق تېمدا لىكىسيە سۆزلەش ، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئىتتپاق ، پىئونىرلار پائالىيىتى ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسىنى كۈچلۈك ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ بېشىدا ۋە تەتىللىك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى، سىنىپ مۇدىرلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئوتتۇرسىدا مۇقىملىق، بىخەتەرلىك، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش ۋە تۈرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك توختامناملەرنى ئىمزالاپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ۋەنپەرۋەرلىك ، كوللكىتىۋىزىملىق ئېڭى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى، قانۇن-تۈزۈم ئېڭى ۋە خوراپاتلىققا قارشى تۈرۈش مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، تۈرلىك خېيىم-خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش-كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىرادىسى، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋە ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ تەلىم تەربىيەسىنىڭ ئىزچىللىقىنى ياخشى ئاساسقا ئىگە قىلىش كېرەك، بۇ خىزمەتنى ئەخلاقىي تەربىيە بۇلۇمنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىكىدە ھەرئايدا بىر قېتىم خۇلاسە قىلىپ، كۆرۇلگەن مەسىللەرگە دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايىتتۇرۇپ، تۇزتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە « ئۈچنى قوغداپ، ئىككىگە قارىشى تۇرۇش» تەربىيسىنى ھەقىقى دەرسخانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولۇدۇ .
8. مەكتەپ تەربىيسى ۋە ئائىلە تەربىيسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
ھەر مەۋسۈمنىڭ بېشىدا ۋە ئوتتۇرلىرىدا بىر نەچچە قېتىم ئاتا – ئانىلار سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملىرىنى چۈشەندۈرۈش ، «مائارىپ قانۇنى» ، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» ، «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»... قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنى كەڭ تۈردە تەشىۋىق قىلىش ئارقلىق ئۇلارنىڭ مائارىپ قانۇن بىلىملىرى ئېڭىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ، پەرزەنىتلىرىنى ياخشى تەربىيلىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيتنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاتا- ئانىلارنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىدىن ھەپتىدە بىر قېتىم خەۋەرلەندۈرۈش ، پەرزەنتىلىرىنىڭ ئائىلدىكى ئىش پائالىيىتىنى ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن سۈرۈشتۈرۈش ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش ، مەكتەپ ، ئائىلە تەربىيسىنى زىچ بىرلەشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقلىق كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاڭلىقلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىمۇ، مەكتەپتىمۇ ياخشى تەربيىلىنىش شارائىتىغا ئىگە بولۇشىغا ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، ئۇقۇغۇچىلارنى ئاتا – ئانىسىمۇ ، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ چۈشۈندىغان ، ئۇلارغا كۈيىنىدىغان ، ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولۇدۇ .
9. بىخەتەرلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ئۇقۇغۇچىلارغا تۈرلىك لېكسىيە، سىنىپ يىغىنى ۋاقتى ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتلەر ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ، يول ماڭغاندا ئوڭ تەرەپ بىلەن ئالدىرىماي مېڭىش ، تۈرلۈك قاتناش ۋاستىلىرىدىن يول تالىشىدىغان ، يولدا غاز قانىتى بۇلۇپ ماڭدىغان ۋە ۋېلىسىپتىنىڭ رولىنى قۇيىۋىتىىپ ماڭدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلماسلىق، مەكتەپتە ، ئائىلىلەردە توك بىلەن قالايىمىقان ھەپلەشمەسلىك يوللاردىكى تۈرلۈك توك ۋە تېلېفۇن ستولبىلارغا ياماشماسلىق ، توك ، تېلېفۇن سىملىرى بىلەن ھەپلەشمەسلىك ، ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆللەردە سۇغا چۈمۈلمەسلىك ، ئوت ئوينىماسلىق ، ئاسان ئوت ئالدىغان بۇيۇملار بار جايلارغا سەرەڭگە ، چاقماق ئېلىپ كىرمەسلىك ، قىش پەسلىدە ئائىلە ۋە مەكتەپىتە گازدىن زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، قىش پەسلىدە مەش قويۇلغان ياتاق ئۆيلەردە كەچتە بىر چىلەكتىن سۇ قۇيۇپ قۇيۇش ، بىخۇدلىق قىلىپ تۈرلۈك ھادىسلەرنىڭ كېلىپ چىقشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيسىنى ياخشى ئشلەپ، توك ، سۇ ، ئوت ئاپەتلىرىدىن ۋە گازدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيسىنى ئىزچىل ياخشى ئېلىپ بېرىش ھەمدە، بۇ جەھەتتە ئاتا – ئانىلار ، ئۇقۇغۇچىلار ، سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسىنى ئىمزالاپ ، ئەملىيلىشىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تەكشۈرۈپ، خۇلاسە قىلىپ تۇرۇش، ھەر مەۋسۈمدا ئىككى قېتىم ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مانۋېرى ئېلىپ بېرىش، ھەر مەۋسۈمدا ئىككى قېتىم قاتناش ھادىسلىرىنىڭ سۈرەتلىك كۆرگەزمىسى، قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيسى لېكسىيە پائالىيتى ئېلىپ بېرىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا، مەسلە كېلىپ چىقشىنىڭ ئۈنۈملىك ئالدىنى ئالغىلى ئۇقۇغۇچىلاردا «تەن ساقلىق – زور بايلىق» ، «ھاياتلىق ھەممدىن قىممەت» ــ دەيدىغان ئاڭنى شەكللەندۈرۈپ، بىخەتەر ئۇقۇتۇش ئېلىپ بىرىشقا ياخشى ئاساس ياراتقىلى بولۇدۇ .
10. پىسخىك مەسىلىھەت بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك .
مەكتەپلەردە پىسخىك مەسلىھەت بىرىش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، پىشقەدەم ، تەجرىبىلىك ئۇقۇتقۇچىلارنى پىسخىك مەسلىھەت بىرىشكە مەسئۇل قىلىپ، ئۇقۇغۇچىلارغا مەكتەپتە پىسىخىك مەسلىھەت بېرىش ئورنى تەسىس قىلنىغانلىقىنى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى يۇلۇققان تۈرلۈك مەسلىلەرگە قارىتا مەسلىھەت سورىسا، ياخشى مەسلىھەت بىرىپ ئۇلارنى ئۆزلىرى يۇلۇققان تۈرلۈك قېنىچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ ياخشى ئۈگنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كەڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەشۋىق قىلىپ سىردىشىپ، روھى جەھەتتىن ئۇچرىغان مەسىلىلىرىنى كۆڭۈل ئازادىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ئۇلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاپ، ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي يارىدەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى چىرمىۋالغان قارا كۆلەڭگۈ ۋە قىيىنچىلىرىنى تۈگىتىدىغان «مېھرى-مۇھەببەت باغچىسى» نى بەرپا قىلىش لازىم. بۇ مەسىلىلەرگە كونكىرت ئەھمىيەت بەرگەندە، ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك مەسلىلەردىن يەنى، قىزلار ئۇغۇللارنىڭ ئۆزلىرگە مۇھەببەت خېتى يازغانلقى ، تەلىپىنى رەت قىلىسا، تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلقى ، ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىپ، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغانلىقى، ئۆز ئارا رەنجىشىپ قالغانلار، ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلار، قىز – ئۇغۇللارنىڭ ياشلىق مەزگىلى ۋە يېتىلىش مەزگىلىدىكى فىزىئولوگىيلىك ئۆزگىرىش جەھەتلەردىكى يولۇققان مەسلىلىرىگە قارىتا پىسىخىك جەھەتتىن مەسلىھەت بىرىپ ، ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدىكى بالدۇر مۇھەببەت باغلاش ئەھۋاللىرىنى تۈگەتكىلى، ئۇلارنىڭ يۇلۇققان تۈرلۈك مەسلىلىرىگە قارىتا تاقابىل تۇرۇش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ تۈرلۈك ئالدامچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان ، ئۆزىنىڭ قانۇنى ھۇقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقى قوغدىيالايدىغان ياخشى كەيىپىياتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى شۇ ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، جەمئىيەتنىڭ مەكتەپ تەلىم تەربىيسىگە بولغان ئىشەنچىسى، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە جۈملىدىن ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى ۋە بۇ خىزمەتتە ھەقىقىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولۇدۇ .
دىمەك ، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى» گە، ئوقۇغۇچىلارغا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى» ۋە «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى» گە رىئايە قىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ،ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىدىكى ئادەتلىنىش تەربىيسىنى ئالدى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ يولغا قويۇپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ چىڭ تۇتۇپ، ئۇقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، ئۇقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقى جەھەتتە ئۈلگىلىك بولغان ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى بەرپا قىلىپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيتىنى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى» ۋە «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى» گە تەدبىقلاپ ، ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق ئىللەتلىرنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملىك ئالغاندىلا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدە ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.