خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يۇقىرى تېخنىكا ۋە يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ھەققىدە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 6352412012-03-13 08:33

 
 

 

يۇقىرى تېخنىكا ۋە يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ھەققىدە

 

يۇقىرى تېخنىكىنىڭ يولباشچىسى___ ئىلكتىرون ئۇچۇر تېخنىكىسى

ئېلكتىرون ئۇچۇر تېخنىكىسى: يۇقىرى تېخنىكا ئارىسىدىكى سىتراتىگىيەلىك ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا. ئۇ مىكرو ئېلكتىرون تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىپ، ئېلىكتىرۇنلۇق كومپىيوتىر ۋە خەۋەرلىشش تېخنىكىسىنى  ئاساسى گەۋدە قىلغان بولۇپ ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەر خىل ئەنئەنىۋى تېخنىكىلارغا سىڭىپ كىرمەكتە.ئۇ ھېسابلاش، كونتىرول قىلىش ۋە خەۋەرلىشش تېخنىكىسنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشى.ئۇنىڭ ئاساسلىق نامايەندسى: ئەقلىي ئىقىتدارلىق كومپىيوتىر، ئەقلىي ئىقىتدارلىق ماشىنا ئادەم ۋە تىز سۈرئەتلىك ئۇچۇر يولىدىن ئىبارەت.

يۇقىرى تېخنىكنىڭ يادروسى___ بىئو تېخنىكىسى

بىئو تېخنىكىسى يەنى بىئولوگىيەلىك قۇرۇلۇش 20- ئەسرىنىڭ 70 – يىللىرىدا  تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان بىر تۈرلۈك يىڭى تېخنكا. ئۇ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى،داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئاشلىق ساغلاملىق، ئىنىرگىيە، مۇھىت قاتارلىق مەسللەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە زور رولغا ھەم مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 21- ئەسىر بىئولوگىيە ئەسىرى، ئادەتتكىچە ئىيتقاندا، بىئو – تېخنىكا دىگىنىمىز: ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزىمدىن پايدىلىنىپ، ئىلىم – پەن قۇرۇلۇشىنىڭ پىرنسىپىغا ئاساسەن، مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە  ئەمگەك مۇلازىمەت تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرى تېخنىكىنىڭ ئاساسى ___ يىڭى ماتىرىياللار تېخنىكىسى

يىڭى ماتىرىيال _ يىڭىدىن تەرەققىي قىلۋاتقان ئاجايىپ ئىقىتدارلارغا ئىگە ماتىرىياللارنى كۆرسىتىدۇ.مەسلەن: ئۆتكۈزۈشچان ماتىرىيال ۋە نانۇمېتىرلىىق ماتىرىيال قاتارلىقلار.

يۇقىرى تېخنىكىنىڭ تۈۋرۈكى___يىڭى ئىنىرگىيە تېخنىكىسى 

قۇرۇلۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن يىڭى ئىنىرگىيەنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز، تۈرىمۇ كۆپ . ئاساسلىقلىرىدىن: قوياش ئىنىرگىيەسى، يېغىلىش ئىنىرگىيەسى قاتارلىقلار.

يۇقىرى تېخنىكىنىڭ سىرتقا كىڭىيىشى__ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى

ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا تەرەققىي قىلغان بىر تۈرلۈك ئۈنۋىرسال يۇقىرى تېخنىكدىن ئىبارەت.ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشى ئومۇمەن، بوشلۇقتا ئۇچۇش، ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش، يەنى ئالەم قاتنىشى، يۇلتۇزلار ئارا ئۇچۇشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش يەر شارىدا سەييارلار ئارا ئۇچۇشنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بىرىش تەدىرجىي ھالدا  كەسىپ بولۇپ شەكللەندى.ئۇنىڭ ئاساسلىق نامايەندە تېخنىكىسى ئالەم ئايرۇپىلانى ۋە ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن ئىبارەت.

يۇقىرى تېخنىكىنىڭ ئىچىكىرگە كېڭىيىشى__ دېڭىز – ئوكيان تېخنىكىسى

دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ شەكىللەنگەنلىكىگە 60 مىليۇن يىل بولدى.ئۇلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 361 مىليۇن كۇۋادىرات كىلومىتر بولۇپ، يەر شارى يۈز كۆلىمىنىڭ %70.8  نى ئىگەللەيدۇ.مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز – ئوكيان كۆلىمى دۆلەت زىمىن كۆلىمىنىڭ3دىن 1 گە توغرا كىلىدۇ. بۇ جەھەتتكى تېخنىكا ئاساسەن چوڭقۇر دېڭىزدىكى بايلىقلارنى ئېچىش ۋە دېڭىز سۈيىنى تاتلىقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

گەرچە دۆلەت نۇرغۇن مەبلەغ ئاجىرىتىپ، غەربىي رايۇنلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقان بولىسمۇ، بىر قىسم مەكتەپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇشغا بولغان كۆز قارىشى، ئىديىۋى تونۇشى دىگەندەك ياخشى ئەمەس. كونكىرتنى قىلىپ ئېيتساق  بۇنىمۇ « ئىككى ئاساسەن» گە ئوخشاشلا يۇقىرى دەرىجلىك ئورۇنلاردىن تەكشۈرۈش ئۆمكى كەلىسلا ھاپىلا- شاپىلا مۇناسىۋەتلىك  جەدىۋەللەرنى  تولدۇرۇپ، ئارخىپلارنى كۆرستىپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇندى خالاس، تىخى بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى يېراق مۇساپىلىك مائارىپ ئۈچۈن سەپلەپ بىرىلگەن ئۈسكۈنلەرنى ئامبارلارغا ئەكىرىپ قويۇپ بىر ئۇچۇم تۆمۈر - تەسەكلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.ئىنتايىن ئەپسۇس، بۇ رەھبەرلىرىمىز يىراق مۇساپلىك ئوقۇتۇش دىگەن نىمە؟ دىگەن ئوقۇمىنى بىلىمىسە كىرەك- ئەلۋەتتە.بەزى رەھبەرلىمىزغۇ شۇنداق لىكىن سەپلەپ بىرىلگەن مەخسۇس خادىملار نىمە ئىش قىلدۇ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىمۇ شۇنداق قاتمالمىدۇ؟  يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش دىگىنىمىز: ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتۇش شەكلى ئوتتۇرىسدا كۆپ ۋاستلىك ئوقۇتۇش شەكلنىى ئاساس قىلىپ مائارىپ ئۇچۇرلىرى ۋە ئالاقە ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقلىق ئوقۇتۇش  ئىلىپ بىرىلىدىغان ئوقۇتۇش شەكلى، شۇنداقلا دەرسلىك يۇمشاق دىېتاللىرى دۆلەت تەرىپىىدىن يىراق مۇساپلىك ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئارقلىق يەتكۈزۈلۈپ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كۆپ ۋاستلىك مائارىپ بايلىقىدۇر. بەزى  ئوقۇتقۇچىلىرىمىز  ۋە رەھبەرلىمىز بۇ مۇھتىقا ناھايتى تىزلا ماسىلشىپ كەتتى ۋە ماسلىشۋاتىدۇ، لىكىن يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بولسا يەنىلا 20 - ئەسىر تۈگۈل 19 - ئەسىرنىڭ قارا دوسكلىرىدا، بور - توزانلىرى ئارىسدا جاپا چەكمەكتە. يەنىلا بىپەرۋالىق بىلەن يۈرىۋاتىدۇ، بىر قسىم ئوقۇتقۇچىلاردا مۇنداق گاڭگىراشمۇ بار   بىردەم «نىشانلىق ئوقۇتۇش» ، بىردەم « ساپا مائارىپى»، بىردەم « قوش تىل ئوقۇتۇشى» يەنە بىردەم «يىڭى دەرس ئىسلاھات» دەپ ئەجەپ مېڭىمىز ئىلشىپ كەتتى دېيشىدۇ. مانا بۇ كاللىمىز ئىلىشپ كىتىدىغان 21 - ئەسىر. كۈچلۈكلەر تاللىنىدىغان، ئاجىزلار شاللىنىدىغان 21- ئەسىر. مۇنداقچە قىلىپ ئىيېىتقاندا 21- ئەسىر دەۋىر بۆلگۈچ ئەسىر. يېڭى بىر ئىرانىڭ مۇقەددىمىسى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنىڭ مۇقەددىمىسى، تېخمۇ زور تەرەققىياتلارنىڭ بوسۇغىسى. ئازراقلا كاللا ئىشلەتسەك يۇقارىقى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكلى بولدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇنى دەل يىراق مۇساپلىك ئوقۇتۇش ۋاستىسى بىلەن ھەل قىلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇشىغا قىزىقمىسڭىز، بۇنى چۈشەنمىسڭىز ئەلۋەتتە يۇقارىقىدەك گاڭگىرايسىز خالاس.مەن مۇنداق  بىر ئاددى مسال ئالاي ، ئەگەر سىز ئۆتمەكچى بولغان شۇ بىر سائەتلىك دەرسڭىزنى ①بۇرۇنقى ئۇسۇل بويىچە ئۆتۈپ بىقىڭ ②ئۆزىڭىز دەرسلىك يۇمشاق دىتالى تۈزۈپ، ياكى چۈشكەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئۆتۈپ بىقىڭ سىزنىڭچە بۇ ئۇسۇللارنىڭ قايسسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىنى تىز ئۆزلەشتۈرۈشگە پايدىلىقتۇ ھەم سىزگە پايدىلىقتۇ؟ مىنىڭچە بۇ ئىككى سائەتلىك دەرس ئۈنۈمىنى سىلشتۈرۈش ئارقلىق سىز يەنىلا ② خىل ئۇسۇلنىڭ ئىنتايىن مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بايقايسز. مەسىلەن: ئالدى بىلەن سىزنى مىسالغا ئالايلى. سىز بورنىڭ چاڭ - توزانلىرىدىن خالىي بولالايسىز، ئازراق سۆزلەيسىز، چارچاپ قالمايسىز،ۋاقتتىن ئۇتىسىز  بۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق.ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولىدۇ. ماس ھالدا دەرس ئىنىتىزامىمۇ ياخشىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىق بولغان تەرىپى : ئاڭلاش، كۆرۈش، ھېس- تۇيغۇ سەزگۈسى ياخشى بولىدۇ، ئىجاتچانلىقى ئاشىدۇ، دەرس مەزمۇنىنى ئاسان ئەستە قالدۇرالايدۇ. سىز ۋە ئوقۇغۇچىلار يەنە  ۋاقىت، ئىلىمىي خاتالىق، مەزمۇنلارنىڭ سېستىملىقى، لوگكىلىقى جەھەتتە ئىپىتدائىي دەرس مۇھىتىدىن خالىي بولالايسىز. بۇ جەريانىدا سىزنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىڭىز، كومپىيوتىر ئىشلىتىش سەۋىيڭىز بارغانسىرى يۇقىرلايدۇ. ئەگەر توردىن ماتىرىيال ئىزدەپ پايدىلانسىڭىز سىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىز بارغانسىرى كىڭىيدۇ. مانا بۇ چاغدا سىز نىمىنڭ ساپا مائارىپى، نىمنىڭ يىڭى دەرس ئىسلاھاتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتىسىز. يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشىڭىز لازىمكى  دەرسلىك ئۆزگەرسىمۇ  لىكىن سىزنىڭ ئىدىيىڭىز ئۆزگەرمىسە ئۇنىڭ ھىچقانداق  رولى بولمايدۇ.

تەجىربىلىك ئىزدىنىش روھىغا باي ئوقۇتقۇچىلار يىڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلىشىپ يىڭچە ئۇسۇل، يىڭىچە مەزمۇنلار، يىڭى ئوقۇتۇش ۋاسىتىسىلىردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ  دەۋىرگە ماسىلىشىپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يۈرەك قان تەرىنى سەرىپ قىلماقتا.   قىسقىسى: دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يادورسى - ئىدىيە يادروسى . مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئوقۇغۇچىلارغا، ئاتا - ئانىلارغا ۋە ياكى باشقىلارغا ئەمەس بەلكى  بىز ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق. مۇنۇ ماقالىدەك: ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئالتۇن تاۋاقتىكى ۋقتى ئۆتكەن تائام ئەمەس، بەلكى ساپال قاچىدىكى سۈزۈك سۇ لازىم. بەزى مەكتەپلەر يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىردىن ئىنىتايىن مۇۋاپىق پايدىلانماقتا. لىكىن بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز كۆپ ۋاستلىك ئوقۇتۇش ئۆيىدە دەرس ئۆتىمەن دەپ كىرىپ ئۆزنىڭ ۋاقتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماقتا.... مىنىڭ مۇنداق ئوقۇتقۇچىلارغا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار. ئەگەر سىز ئۈسكۈنىلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىلىمىسڭىز ئۆزىڭىزىنى ئالدىسىڭىز مەيلى، لىكىن ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىماڭ. ئۆزىڭىز ئۇخلاپ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۇچۇر دەۋرى، ئىلىم - پەن دەۋرى دەپ تەربىيەمۇ ئىشلمەڭ.ئوقۇغۇچىلار بىزدىن ئۆرنەك ئالىدۇ.   ئۇلاز بىزنى ئاتا - ئانىسىدىن ئەزىز كۆرىدۇ؟شۇڭا سىز ئۆز ئابرويىڭىزنى تىكلەشكە تىرشىڭ. ئۆز ئىناۋىتىڭىزنى تۆكمەڭ. ئەگەر سىز قالايمىقان سورۇنلارغا ئازراپ بىرىپ، كۆپرەك ئىزدەنسىڭىزلا ئۇ چاغدا ئەڭ ئىناۋەتلىك بولالايسىز. ئەڭ كۆيۈمچان ئاتا - ئانا، ئەڭ سۆيۈملۈك ئۇستاز بولالايسىز، ئەڭ قەدىرلىك سەپداش بولالايسىز.  دىيارىمىزنىڭ قەدىرلىك جاپاكەش ئۇستازلىرى، دەۋىر چاقىنىڭ كامىرى بارغانسىرى چوڭىيىۋاتىدۇ، قاراپ تۇرسىڭىز ئاستىدا  يەنجىلىپ قالىسز. مائارىپىمىز ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىىمىز ئۈچۈن ئىزدىنىپ قويۇڭ. بۇ سىز ھەم بىزگە پايدىلىق.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03